شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مادرىد، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار خۇ جياچى، شيې يۈجى) «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈش يىغىنى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مادرىدتا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگولۇق ۋە ئىسپانىيەلىك 100دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىغا قاتنىشىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ جۇڭگو ۋە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چۆرىدەپ قىزغىن مۇزاكىرىلەشتى.
جۇڭگونىڭ ئىسپانىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ياۋ جىڭ يۈز كۆرۈشۈش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، ئورتاق ئىلگىرىلەپ، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
ئىسپانىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەئىسى سېنتېللا تەرەققىيات ھوقۇقى ۋە نامراتلىقنى تۈگىتىش، قانۇنچىل دۆلەت قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ سىياسىي ئەمەلىيىتىگە قانداق سىڭدۈرۈلگەنلىكىنى بايان قىلدى.
ئىسپانىيە جۇڭگونى چۈشىنىش دەرسخانىسى فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مونتورو مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا سىرتنىڭ نۇرغۇن بىر تەرەپلىمە قارىشى ۋە خاتا چۈشەنچىسىنى بۇزۇپ تاشلىدى، ئۇ، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق قارىشىنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم كۆزنەك. بۇ ئەسەر ئارقىلىق، ئوقۇرمەنلەر جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئىدىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىنى سالماق، ئېھتىياتچان پوزىتسىيە بىلەن چوڭقۇر تەھلىل قىلالايدۇ ۋە بۇ توغرىسىدا ئىزدىنەلەيدۇ.
جۇڭگو − ياۋروپا يېڭى يىپەك يولى تەتقىقات مەركىزىنىڭ كېڭەش ئەزاسى بىيېلسا مۇنداق دېدى: مەيلى شەخسنىڭ بەختى بولسۇن، ياكى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى، ھەتتا پۈتكۈل دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتى بولسۇن، ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىياتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئايلىنىپ، ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە دوستانە ئالاقىلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ئىسپانىيە ماركسىزم تەتقىقات فوندى جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرى سانچېس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىيات يولى ھەمدە 21 - ئەسىردىكى دۇنياۋى ئەندىزىدە كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان تەسىر كۈچى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشى ۋە ئەستايىدىل ئويلىنىشىغا ئەرزىيدۇ. ئۇ مۇنداق قارىدى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ نەشر قىلىنىشى جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىغا يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى.
ئىسپانىيەلىك ياش تەرجىمان بىراۋو مۇنداق دېدى: بىر ئادەم جۇڭگونى ھەقىقىي چۈشەنسە، ئۇنىڭ تارىخى ئۇزاق، جەمئىيەت تۈزۈمىنىڭ غەربتىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان بىر دۆلەت ئىكەنلىكىنى بايقىيالايدۇ. جۇڭگو ئۆزىگە ماس كېلىدىغان يولنى تاپتى، ئۆز خەلقىگە ماس كېلىدىغان بىر يولنى تاپتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى، رېئال دۆلەت ئەھۋالى ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسىدىن چىقىش قىلىپ، بۇ زېمىندىكى خەلق ھەم ئۇلار قەدىرلەيدىغان قىممەت قارىشىنى چۈشىنىش كېرەك.
«شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن، توققۇز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى سىستېمىلىق كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئىنگلىزچە - خەنزۇچە، ئىسپانچە - خەنزۇچە، فىرانسۇزچە - خەنزۇچە، رۇسچە - خەنزۇچە، ياپونچە - خەنزۇچە سېلىشتۇرما نۇسخىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان، مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى نەشر قىلغان.