شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كاراكاس، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار تيەن رۈي، جياڭ بياۋ) «قىزىل زال مۇنبىرى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى − 21 - ئەسىر سوتسىيالىزمى مۇھاكىمە يىغىنى» 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنى ۋېنېزۇئېلا پايتەختى كاراكاستا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئىككى دۆلەتنىڭ ھۆكۈمەت، ئىلىم ساھەسى ۋە تاراتقۇ ساھەسى قاتارلىقلاردىن كەلگەن 300دىن ئارتۇق ۋەكىل يىغىنغا قاتنىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىك، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ھەم جۇڭگو - ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىقى قاتارلىق قارالمىلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندا مۇنداق دەپ قارالدى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتىنى ياراتتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى «قانداق دۇنيا قۇرۇش، بۇ دۇنيانى قانداق قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مۇھىم تېمىغا جاۋاب بەردى.
جۇڭگونىڭ ۋېنېزۇئېلادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى لەن خۇ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئىككى دۆلەت ئۇزاقتىن بۇيان دوستانە ئۆتۈپ كەلدى، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، تېخىمۇ مۇھىمى 2023 - يىلى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى «دائىملىق ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ» دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، بىر - بىرىگە تايىنىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار. ھازىر دۇنياۋى ۋەزىيەتتە داۋالغۇش بولۇۋاتقان، زومىگەرلىك باش كۆتۈرۈۋاتقان پەيتتە، جۇڭگو بىلەن ۋېنېزۇئېلا قول تۇتۇشۇپ مەدەنىيلىك سۆزلىشىشى ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش، ھەمكارلىق ئارقىلىق تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغداش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.
ۋېنېزۇئېلانىڭ ئاخبارات ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرى نىيانېس مۇنداق قارىدى: بۇ قېتىمقى مۇنبەر ۋېنېزۇئېلا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىدىيە سۆھبىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان مۇھىم سۇپا ھازىرلاپ بەردى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى تېخنىكا مونوپوللۇقى ۋە ئۇچۇر زومىگەرلىكى ئالدىدا، ۋېنېزۇئېلا بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات بوشلۇقىنى ئورتاق قوغدىشى كېرەك.
ۋېنېزۇئېلا مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ۋېنېزۇئېلا - جۇڭگو پارلامېنت دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى رۇدولف سانس جۇڭگونىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش ۋە يەككە تەرەپچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىنى يۈكسەك ئالقىشلىدى. ۋېنېزۇئېلا جۇڭگو بىلەن قول تۇتۇشۇپ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ۋېنېزۇئېلانىڭ پىلان مىنىستىرى رىكاردو مېنېندېس مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىشى ۋېنېزۇئېلانىڭ دۆلەت تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈشىنى مۇھىم پايدىلانما بىلەن تەمىنلىدى.
ۋېنېزۇئېلا تەرەپ زاتى مۇنداق تونۇشتۇردى: ۋېنېزۇئېلانىڭ سابىق زۇڭتۇڭى خۇگو چاۋېز «21 - ئەسىر سوتسىيالىزمى» قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھازىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە − بىرلىككە كەلگەن سوتسىيالىزم پارتىيەسى ئادىل، ئەركىن، ئىنسانپەرۋەر بولغان «21 - ئەسىر سوتسىيالىزمى» قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. 2024 - يىلى، ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ۋېنېزۇئېلادا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ تەربىيەلەش دەرسلىكىگە كىرگۈزدى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى شىنخۇا ئاگېنتلىقى بىلەن ۋېنېزۇئېلا ئاخبارات ۋە خەۋەرلىشىش مىنىستىرلىقى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋەكىللىرى نەق مەيداندا سۆز قىلىش ۋە سىنلىق ئۇلىنىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مۇھاكىمىگە قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر بىردەك مۇنداق قارىدى: مۇھاكىمە يىغىنى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆزئارا ئۆرنەك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.