شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «دەريالارنى قوغداش - تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
«پىكىر»دە مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ «دەريا ئىستراتېگىيەسى»نى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، دەريالارنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
پىكىردە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2035 - يىلىغىچە، ۋادىلارنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش زامانىۋى سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بىخەتەرلىك كاپالىتى ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ؛ سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلىدۇ؛ دەريالارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىپ، سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ساغلاملاشتۇرۇلىدۇ ۋە مۇقىملاشتۇرۇلىدۇ؛ سۇ مەدەنىيىتى گۈللەندۈرۈلۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇلۇپ، تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىدۇ؛ دەريالارنى قوغداش - تۈزەش تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئادەم بىلەن سۇنىڭ مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئىناقلاشتۇرۇلىدۇ.
پىكىردە، دەريالارنىڭ تىنچ ئېقىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك پايدىلىنىشنى كۈچەيتىش، دەريالارنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، دەريالارنىڭ سۇ مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاش، سۇ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇش، دەريالارنى قوغداش - تۈزەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق رايون مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەش، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت سۇنى ئىدارە قىلىش پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، تۈزەشنى مۇھىم نۇقتا قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، ۋادى بىرلىك قىلىنىپ، سۇ ئاپىتى، سۇ بايلىقى، سۇ ئېكولوگىيەسى، سۇ مۇھىتىنى تۈزەش بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، سۇ مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، دەريالارنى قوغداش - تۈزەش تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، دەريالار خەلقنى باقىدىغان، خەلق دەريالارنى قوغدايدىغان، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق بىللە ئۆتىدىغان دەريالارنى قوغداش - تۈزەش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.