ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «بايلىق - مۇھىت ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى.
پىكىردە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بايلىق - مۇھىت ئامىللىرىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى قاتارلىق بازارلاشقان سودىنى ئالغا سىلجىتىش بايلىق - مۇھىت ئامىللىرىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشتىكى ھالقىلىق تەدبىر.
پىكىردە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: 2027 - يىلىغىچە، كاربون قويۇپ بېرىش ھوقۇقى، سۇ ئىشلىتىش ھوقۇقى سودا تۈزۈمى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى سودا تۈزۈمى ئورنىتىلىدۇ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، ئېنېرگىيە تېجەشنى بازارلاشتۇرۇش مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، بايلىق - مۇھىت ئامىلى سودا بازىرى تېخىمۇ جانلاندۇرۇلۇپ، باھا شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ، بايلىق - مۇھىت ئامىلىنىڭ راۋان يۆتكىلىشى، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، بازارنىڭ يوشۇرۇن كۈچى تولۇق ئۇرغۇتۇلۇپ، ئالاقىدار بايلىق - مۇھىت نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تىرەكلىك رولى ئۈنۈملۈك كۈچەيتىلىدۇ.
پىكىردە بايلىق - مۇھىت ئامىلى نورمىسىنى تەقسىملەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، بايلىق - مۇھىت ئامىلى سودا دائىرىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، بايلىق - مۇھىت ئامىلى سودا تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بايلىق - مۇھىت ئامىلى سودىسىنىڭ ئاساسىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، بايلىق - مۇھىت ئامىلى سودا بازىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بايلىق - مۇھىت ئامىللىرىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا مەدەت بېرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىنى تېزلىتىش تەلەپ قىلىندى.