شى جىنپىڭ ئېكۋادور زۇڭتۇڭى، سېنېگال زۇڭلىسى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2025-06-29 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاۋ يىبو) 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئېكۋادور زۇڭتۇڭى نوۋوئا بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى. ئېكۋادور «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ ئائىلىسىگە ئەزا بولدى، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئېنېرگىيە، كانچىلىق، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئېكۋادور مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇردى، ئېكۋادور تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو - ئېكۋادور ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، مۇستەھكەملىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئېكۋادور ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ياخشى ھەمراھلار بولۇشى كېرەك. داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. نۇقتىلىق ھەمكارلىق تۈرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ سودىسىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. مائارىپ، مەدەنىيەت، تاراتقۇ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى 4 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك.

نوۋوئا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، كىشىنى قايىل قىلىدۇ. ئېكۋادور بىلەن جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دائىرىلىك ھەمكارلىقنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قانات يايدۇردى، جۇڭگو تەرەپ ئېكۋادورنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى، ياردەم بەردى، ئېكۋادور تەرەپ بۇنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئېكۋادور تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى»نىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر شاۋ يىبو) 6 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يازلىق داۋوس مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېنېگال زۇڭلىسى سونكو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇلتۇر 9 - ئايدا، مەن زۇڭتۇڭ فايې بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، جۇڭگو − ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردىكى دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو - سېنېگال ئىككى دۆلەت تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشتىكى سەپەرداشلار، ياخشى قېرىنداشلار. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سېنېگال ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىش، جۇڭگو − ئافرىقا دوستلۇقى ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كۆپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - سېنېگال ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللاپ، پارتىيەلەر ئارا ئالاقە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېنېگال تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا «ئون چوڭ ھەمراھلىق ھەرىكىتى»نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تېخىمۇ كۆپ قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى سېنېگالنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلىرىگە مەبلەغ سېلىشقا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو - سېنېگال مەدەنىيىتىنىڭ ھەرقايسىسى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، 2026 - يىللىق «جۇڭگو − ئافرىقا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، خادىملار ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تەنتەربىيە، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارىلىقىنى ئۈزلۈكسىز يېقىنلاشتۇرۇپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان دوستلاردىن بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، گۈللىنىشى، ئالغا بېسىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

سونكو زۇڭتۇڭ فايېنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. سونكو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو سېنېگالنىڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلىق ھەمراھى، سېنېگال - جۇڭگو ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بەردى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى مۇقىم، مۇستەھكەم بولدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ تەرەققىياتى ياخشى. سېنېگال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سېنېگالنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. سېنېگال بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئوخشاشلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئەزاسى، ئورتاق قىممەت ئىنتىلىشىگە ئىگە، سېنېگال تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا زىچ ماسلىشىپ، قەتئىي تۈردە جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى بولۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.