قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش كېرەك

2025-07-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى باسقۇچتىكى ۋەزىپەنامە ئايدىڭلاشتۇرۇلدى −

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتۇش كېرەك

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى پەرىزات ئابدۇل، ليۇ شياڭ

10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلىپ، يېڭى باسقۇچتىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپەنامىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىلدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىيىتى ۋە ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ياخشى تۇتۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىمىز.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەيمىز

ئۇزاقتىن بۇيان، شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلىدى، ئىككى جاينىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشى يەنىمۇ كېڭەيدى ۋە چوڭقۇرلاشتى. شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى يۈەن لياڭ مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يىغىن روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپنى چۆرىدەپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشتىكى تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

كېيىنكى قەدەمدە، شەندۇڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتە مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، شەندۇڭنىڭ ئىقتىدارى، شىنجاڭنىڭ مايىللىقىغا قويۇپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، قۇملۇق مەدەنىيەت - ساياھىتى، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، «چوڭ ئامبارنى شەرققە يۆتكەش . ياخشى مەھسۇلاتلارنى غەربكە كىرگۈزۈش» قاتارلىق يېتەكلەش خاراكتېرى، تۈرتكە بولۇش خاراكتېرى، ئۈلگە كۆرسىتىش خاراكتېرى كۈچلۈك بولغان شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان بىر تۈركۈم تۈرلەرنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرىدۇ؛ ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ مائارىپ، سەھىيە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلىرىنى چۆرىدەپ، «شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلار»نى سىجىل يولغا قويۇپ، «تەيشەن بەن» «ئومۇرتقا تۈۋرۈكى يان ئەگمىسىنى تۈزەش» «شەندۇڭ قورۇمىلىرى ئۇستىسى» «ساغلام ئىچىدىغان سۇ» قاتارلىق بىر تۈركۈم «ئاددىي ھەم گۈزەل» «ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق» سەرخىل خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.

«10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىدا، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش <سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى> چىقىرىلدى.» ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋۇ خۇڭجەن مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يىغىن روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمىز.

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەيمىز

شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتتى.

«10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى بىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلىرىمىز ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىز 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش جەھەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ <بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش>ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ ئىلى ئوبلاستىغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى جاۋ چىڭخۇڭ.

«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، 14 - شى كۇنيۈ شەھىرىنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشى، ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى، ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.» بىڭتۇەن 14 - شى كۇنيۈ شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، جېڭۋېي جياڭ شىن مۇنداق دېدى: يىغىندا بېكىتىلگەن نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرگە ئەستايىدىل سېلىشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ۋاسىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جياڭسۇ خۇەيئەن قانىلى مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزئارا يۇغۇرۇپ، ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش جەھەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىمىز.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا، ياخشى تۇتىمىز

«شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك.» شېنجېن شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش قوماندانى شيې خەيشېڭ مۇنداق دېدى: 10 - قېتىملىق مەملىكەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش جەھەتتە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ كۈچەپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ، شېنجېننىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شېنجېننىڭ ئىقتىدارى ئارقىلىق قەشقەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىپ، قەشقەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى دىققەتنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى ياردەمگە ئېرىشىۋاتقان جايلارنىڭ ئېھتىياجى، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىرىشىپ خېنەن بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەمكارلىشىشى، ئالماشتۇرۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقتى.

قومۇل شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن تاۋ مۇنداق بىلدۈردى: قومۇل شەھىرى بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خېنەن ئۆلكىسى بىلەن شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش جەھەتتە ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەپەككۇرىدىن پايدىلىنىپ، شىنجاڭغا كەسىپلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىش يېڭى ئەندىزىسى ئۈستىدە يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئىزدىنىپ، قومۇل خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، كەسىپ ھەمكارلىقى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، خېنەن بىلەن ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، يېمەكلىك كەسپى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، خېنەننىڭ تېخىمۇ كۆپ كارخانىلىرىنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشقا جەلپ قىلىدۇ.