□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ يەن، سۈن لياڭچۈەن
7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى − پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىق خاتىرە كۈنى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىسىنىڭ ياڭچۈەن شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. باش شۇجى 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارى مەيدانىغا كېلىپ، 100 تۇەن ئۇرۇشىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىپ، 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرغان شانلىق تارىخىنى ئەسلەپ، شۇ جاينىڭ ئىنقىلابىي تارىخ تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىغا ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى خاتىرىلەشنىڭ مۇھىم ۋاقىت نۇقتىسىدا پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنى خاتىرىلەش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش، نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدا بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت تەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، سەنشى - سۈييۈەن پاسىل رايونى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيى، يېڭى 4 - ئارمىيە خاتىرە سارىيى قاتارلىق قىزىل يادىكارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، چوڭقۇر ياد ئېتىپ، چوڭقۇر ئەسلەپ، تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش ئىرادىسىنى جاكارلاپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، 100 تۇەن ئۇرۇشىدىن ئىبارەت تارىخىي ئۇلۇغ ئىش پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، دەپ تەكىتلىدى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان مۇھىم پەيتتە، باش شۇجىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتىش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، كەلگۈسىنى يارىتىش جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى يەتكۈزدى.
(1) مۇستەھكەم تۈۋرۈك، مىللەت ئاۋانگارتلىرى
100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك، 100 تۇەن ئۇرۇشى پۈتۈن دۇنياغا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئىرادىسى ۋە كۈچىنى كۆرسەتتى».
100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنى لايىھەلەش ئىدىيەسىدە «ئۇل تاش» يادرو قىلىنغان بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.
1940 - يىلى يازدا، ياپونىيە گېرمانىيە ئارمىيەسى ياۋروپادا تېز سۈرئەتتە ئىلگىرىلەۋاتقانلىق، ئەنگلىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شەرقنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشقا چولىسى تەگمەسلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر تەرەپتىن گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى تەسلىم بولۇشقا ئازدۇرۇش ۋە قىستاشنى كۈچەيتسە، بىر تەرەپتىن دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسىغا ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتتى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ «تۆمۈريولنى تۈۋرۈك، تاشيولنى زەنجىر، پوتەينى كىشەن قىلىش»تىن ئىبارەت «قەپەز سىياسىتى»نى بىتچىت قىلىش ئۈچۈن، 8 - ئارمىيە 100 تۇەن ئۇرۇشى قوزغىدى، 1940 - يىلى 12 - ئاينىڭ بېشىغا كەلگەندە، دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ئارمىيە بىلەن خەلق جەمئىي 1824 قېتىم ئۇرۇش قىلىپ، ياپون ئارمىيەسى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 25 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى، ياپون ئارمىيەسىنىڭ 281 ئەسكىرىنى، قورچاق ئارمىيەنىڭ 18 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالدى.
خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى خۇلاسىلىگەندەك: «جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆزىنىڭ سىياسىي تەشەببۇسى، قەتئىي ئىرادىسى، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق، پۈتۈن مىللەتنىڭ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىگە تىرەك بولۇپ، ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇرۇش غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مىللەت ئاۋانگارتلىرىدىن بولدى».
100 تۇەن ئۇرۇشى جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان، مۇرەسسەچىلىك، تەسلىمچىلىك كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولغان ۋاقىتتا زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، مۇھىم ھەربىي ۋە سىياسىي ئەھمىيەتكە ئىگە، ئۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىدە «مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رول ئوينىغانلىقى»نىڭ كۈچلۈك دەلىلى.
2014 - يىلى 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 69 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، ئۈچتە «چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى بايان قىلدى ۋە چۈشەندۈردى: «مەيلى شارائىت قانچىلىك جاپالىق، ۋەزىيەت قانچىلىك خەتەرلىك، ئۇرۇش قانچىلىك رەھىمسىز بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەسلىمچىلىككە قارشى تۇردى، ئىتتىپاقلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇردى، ئىلگىرىلەشتە چىڭ تۇرۇپ، چېكىنىشكە قارشى تۇردى، ھەرقايسى ۋەتەنپەرۋەر پارتىيە - گۇرۇھلار، تەشكىلاتلار ۋە كەڭ خەلق بىلەن بىرلىكتە، ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئومۇمىيىتىنى ئورتاق قوغدىدى».
مىللەتنىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىدا چىڭ تۇرۇپ، ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش ئېغىر ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئاشۇ تارىخنى ئەسلىگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاراڭلىق قىلىپ مۇنداق دېدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن قۇرۇلغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش مىللىي بىرلىك سېپى بايرىقى ئاستىدا، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى كۈچلۈك دۆلەت مۇھەببىتى ئارقىلىق مىسلىسىز ئىتتىپاقلاشتى».
(2) ئۇلۇغ روھ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش
100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى تۇرۇشلۇق جاي تەيخاڭشەن تاغ تىزمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئاساسىي چوققىنىڭ شەكلى مەردانە تۇرغان ئەركەك شىرغا ئوخشايدۇ، شۇڭا «شىناۋشەن تېغى» دەپ ئاتالغان، ئۇ خۇددى ئۇرغۇپ تۇرغان بىر خىل مىللەت روھىنى − چۈشكۈنلۈكتىن شان - شەرەپكە يۈزلەنگەن، ئوڭۇشسىزلىقتىن گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن جۇڭخۇا مىللىتى تەقدىرىنىڭ ئۇيقۇدىكى شىر ئويغانغانغا، سۇمۇرغنىڭ ئوتتا تاۋلانغانلىقىغا ئوخشايدىغانلىقىنى جاكارلاپ تۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغۋار مۇساپىسىدە يېتىلگەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشىدا ھەركىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان، ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەيدىغان مىللەت غۇرۇرى، زوراۋانلىقتىن قورقمايدىغان، ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئېگىلمەس - سۇنماس، قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان جەزمەن غەلىبە قىلىش ئېتىقادىغا يىغىنچاقلىدى. بۇ، قۇربان بولغان قەھرىمانلار ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن تاۋلاپ چىققان مىللەت روھى.
«بىر سۇڭ زېمىن بىر تامچە قان، بىر ئوچۇم مۇنبەت تۇپراق بىر ئەۋلاد روھ».
100 تۇەن ئۇرۇشىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەم ئۇ رەھبەرلىك قىلغان 8 - ئارمىيە ۋە خەلق ئاممىسى نامايان قىلغان دادىل ئوتتۇرىغا چىقىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خالىس تۆھپە قوشۇشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى دەل ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى ۋە مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى.
«پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ روھى مەڭگۈ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى» «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت شانلىق قىرغاققا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كېرەك»... ئۇلۇغ روھنىڭ دەۋر كۈچىگە باش شۇجى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندىمۇ مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى −
2017 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، تۇنجى بېكەتتە سەنشى - سۈييۈەن پاسىل رايونى ئىنقىلابىي خاتىرە سارىيىغا كەلدى. باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلار چوقۇم ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن جان پىدا قىلغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ كۈرەش قىلىش روھىنى مەڭگۈ ساقلاپ، خەلققە بولغان ساپ قەلبىنى مەڭگۈ ساقلاپ، تىرىشىپ خەلق ئۈچۈن تېخىمۇ گۈزەل، تېخىمۇ بەختلىك تۇرمۇش يارىتىپ بېرىشى كېرەك».
2020 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بۇ جاينىڭ شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىسىنى ئەسلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تولۇق قېزىپ ۋە پايدىلىنىپ، مول، رەڭدار تارىخىي مەدەنىيەت، قىزىل مەدەنىيەت بايلىقى ئارقىلىق سەنشىنىڭ تەرەققىياتىنى مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەش كېرەك».
بۇ قېتىم 100 تۈەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيە قىلغىلى كەلگەن ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋە خاتىرە ساراينىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار دېگەن ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تۇرغۇزۇپ، ۋىجدانلىق، شەرەپلىك، پەخىرلىك جۇڭگولۇقلاردىن بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر چوڭ ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەڭلەرگە ئېلىشىڭلار كېرەك».
تارىخ ئەينەك قىلىنىپ، ئەۋلادلارغا ئىلھام بېرىلدى. ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز نۇرغۇن زور كۈرەشكە دۇچ كېلىمىز، جەزمەن قانچە جاپالىق - خەتەرلىك بولغانسېرى شۇنچە ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھ ئارقىلىق باتۇرانە كۈرەش قىلىشىمىز، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
(3) تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقنى قەدىرلەش
88 يىل ئىلگىرى، لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويىدىكى ھايات - ماماتلىق جەڭ پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئوتىنى تۇتاشتۇردى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانىنى ئاچتى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا مۇنداق كۆرسەتتى: «7 - ئىيۇل ۋەقەسى» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالماي، كېيىنكى ئىشلارغا ئۆرنەك قىلىش كېرەك، بۇ جايغا كېلىشتىكى مەقسەت روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىش.
«جۇڭگو خەلقى 35 مىليون كىشى ئۆلۈش - يارىلىنىشتىن ئىبارەت ئېغىر بەدەل تۆلەپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى ئارقىلىق ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى مەغلۇپ قىلدى.» تەستە قولغا كەلگەن غەلىبە مېۋىسىنى قەتئىي قوغداشتا داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيادا ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
ھەر قېتىم ئۇرۇشنى ئەسلىگەندە، تىنچلىق تېخىمۇ قەدىرلىنىدۇ. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش سورۇنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «تارىخىي پاجىئەنىڭ قايتا يۈز بېرىشىگە ھەرگىز يول قويماسلىق بىزنىڭ ئەينى يىللىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئەركىنلىكى، ھەققانىيەت، تىنچلىق ئۈچۈن قۇربان بولغان قەھرىمانلارنىڭ روھى، ئېچىنىشلىق قىرغىن قىلىنغان بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ روھىغا بولغان ئەڭ ياخشى خاتىرىلىشىمىز» دەپ كۆرسەتتى، «ھەرقايسى دۆلەت خەلقى <دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش> ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇشى كېرەك» دەپ چاقىرىق قىلدى.
كۈرەش ئارقىلىق تىنچلىقنى كۆزلىگەندە تىنچلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، مۇرەسسە ئارقىلىق تىنچلىقنى كۆزلىگەندە تىنچلىق بەربات بولىدۇ. ئىدىيە تۇمانلىرى تازىلانغاندىلا، ئاندىن كەلگۈسى مۇساپىنى يورۇتقىلى بولىدۇ.
100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، دۆلىتىمىزنى چوقۇم قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
بۇ يىل 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىدۇ ھەم قىسىملارنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ.
بۈگۈندىن گۇمانلانغۇچىلار ئۆتمۈش ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ. يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن ئارقا كۆرۈنۈشتە، تارىخىي ئەھمىيەتكە توغرا باھا بېرىپ، غەلىبە شانلىق پەيتىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش دەل مىللەتنىڭ غايەت زور قۇربان بېرىشىنى يەردە قويماي، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداش ئۈچۈندۇر.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جاھاندىكى توغرا يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «بىز بىرلىكتە تارىخ كۆرسىتىپ بەرگەن ئۇلۇغ ھەقىقەتنى ئەستە چىڭ ساقلايلى: ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!»
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى)