جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش

2025-07-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شەھەر خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

جۇڭگو زېمىنىدا 690دىن ئارتۇق شەھەر يۇلتۇزدەك تارقالغان بولۇپ، 940 مىليون ئادەم شەھەر - بازارلاردا ياشايدۇ.

خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى زىممىگە ئالدى، دۇنيا تارىخىدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشتىن كەچۈردى، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، مۇۋەپپەقىيەتلەر كۆرۈنەرلىك بولدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى باشتىن - ئاخىر شەھەر خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ كەلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىدا كىمگە تايىنىش، كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ مەسىلىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، قانداق شەھەر قۇرۇش، شەھەرنى قانداق قۇرۇشتىن ئىبارەت زور تېمىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەر تەرەققىياتى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلاپ، جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقتى.

«شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى توغرىلاش كېرەك»

تومۇزدىكى شيۇڭئەن يېڭى رايونى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە تولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى تەدبىر بەلگىلىگەن، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلغان، ئۆزى پىلانلاپ قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان بۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك زامانىۋىلاشقان شەھەر تېز ئۆسۈپ يېتىلىپ، كۈنسايىن يېڭىلانماقتا.

مىڭ يىللىق ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆزلەپ، دەۋر ئۈلگىسى يارىتىش.

2017 - يىلى 4 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى تەسىس قىلىش قارارى توغرىسىدىكى مۇھىم خەۋەر پۈتۈن مەملىكەتكە تارقالدى.

«<شەھەر كېسىلى> بولمىغان كەلگۈسى شەھەرنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە يۇقىرى ئۆلچەملىك شەھەر ئۇلۇغۋار پىلانىنى يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر تەرەققىياتىنىڭ رېئال گۈزەل مەنزىرىسىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك.» شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى پىلانلاپ قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى شەھەر خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر ئىجادىيىتى.

شەھەر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت قاتارلىق جەھەتلەردىكى پائالىيەت مەركىزى بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇملۇقىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

«شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئالدى بىلەن شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇيغۇنلىشىپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىنى توغرىلاش كېرەك.» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئومۇملۇق ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن شەھەر خىزمىتىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شەھەر تەرەققىيات يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش −

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازار نوپۇسى يېزا نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتتى، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلدى، شەھەر تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، شۇنداقلا نۇرغۇن مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىدا ساقلانغان مەسىلىلەر ئەگەر ئۇزاققىچە ھەل قىلىنمىسا، ئىجتىمائىي زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرگە ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا بىز جەزمەن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشىمىز، پائال ئىزدىنىشىمىز، چىڭ تۇتۇپ ھەل قىلىشىمىز كېرەك».

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىستراتېگىيەلىك ئومۇملۇقتىن چىقىش قىلىپ، خەلق شەھىرىنىڭ تۈپ خۇسۇسىيىتى ۋە قىممەت ئىنتىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەپ، دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر تەرەققىياتىنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلىدى.

2015 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، مەركەز شەھەر خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. بۇ، ئارىدىن 37 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يەنە بىر قېتىم ئاچقان ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەمدىكى شەھەر خىزمىتى يىغىنى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «بەش بىرتۇتاش پىلانلاش»تىن ئىبارەت شەھەر خىزمىتى ئاساسىي پىكىر يولىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار تۈپ خاراكتېرلىك مەسىلىلەر توغرىسىدا پىرىنسىپال مەيداننى ئىزاھلاپ، خىزمەت يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، يېڭى دەۋردىكى شەھەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

شەھەر يىرىك پىلانى يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىش −

2014 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بېيجىڭ شەھەرلىك يىرىك پىلان كۆرگەزمە سارىيىغا كېلىپ، بېيجىڭنىڭ جۇغراپىيەلىك مۇھىتى، يىرىك پىلان ئورۇنلاشتۇرۇشى، فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى، تەرەققىيات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شەھەر يىرىك پىلانى شەھەر تەرەققىياتىدا مۇھىم يېتەكچى رول ئوينايدۇ، بىر شەھەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا ئالدى بىلەن يىرىك پىلانغا قاراش كېرەك، يىرىك پىلاننىڭ ئىلمىي بولۇشى ئەڭ زور ئۈنۈم، يىرىك پىلان خاتالىقى ئەڭ زور ئىسراپچىلىق، يىرىك پىلاننى توختىماي ئۆزگەرتىش ساقلىنىشقا تېگىشلىك ئەڭ چوڭ ئىش ھېسابلىنىدۇ».

شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشىغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ھەربىر سۇڭ يەرنىمۇ ئېنىق پىلانلاپ ئاندىن قۇرۇشنى باشلاش كېرەك» «ئەڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە خەلقئارادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان سەۋىيەدە پىلانلاش، لايىھەلەش، قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش كېرەك» دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى.

شەرقىي قىسىم قاتارلىق نوپۇس زىچ رايونلارغا قارىتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: شەھەرلەر توپىنىڭ ئىچكى بوشلۇق قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، چوڭ شەھەرلەرنىڭ كۆلىمىنى مۇۋاپىق تىزگىنلەش كېرەك، قارىغۇلارچە «ئىشنى چوڭايتىش»قا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

قارلىق ئېگىزلىكتىكى شىزاڭ لىنجىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: شەھەرنى ئېچىش چېگراسى ۋە ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى ئىلمىي بېكىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئىلمىي يۈرۈشلەشتۈرۈپ پىلانلاپ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك، دەپ تەلەپ قىلدى.

2016 - يىلى 2 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «شەھەر يىرىك پىلانى قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، شەھەرنىڭ تۈرلۈك يىرىك پىلانلىرىنىڭ «توقۇنۇشۇپ قېلىشى»، شەھەر يىرىك پىلانىنى ئىجرا قىلىش جايىدا بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، شەھەر يىرىك پىلانىنى قانۇن بويىچە تۈزۈپ، بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەكىتلىدى.

شەھەرنى ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش −

2018 - يىلى 9 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، لياۋنىڭدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇشۇن شەھىرىنىڭ دۇڭخۇايۈەن مەھەللىسىگە كېلىپ، شۇ جاينىڭ كۆمۈر قېزىشتىن ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايوندىن خەتەردىن ساقلىنىش بويىچە كۆچۈرۈپ ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى.

چۆرىدىشىپ كەلگەن ئاھالىلەرگە قاراپ، باش شۇجى تولۇپ تاشقان چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: «مەن بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرلەرنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم، بۇ شەھەرلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ قانداقلىقى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ تۇردۇم، مەن بۇ قېتىم ئالايىتەن كۆرگىلى كەلدىم. بايلىقى تۈگەش تىپىدىكى شەھەرلەر تەرەققىي قىلىپ تىپىنى ئۆزگەرتىش داۋامىدا، ئالدى بىلەن خەلق تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈپ، پۇقرالارنى بارغانسېرى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك».

دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەرگە قارىتا، «جۇڭگوچە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرنى باشقۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش»نى تەلەپ قىلدى؛ ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرگە قارىتا، «ئىچكى ئامىللىق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش» «مەڭگۈلۈك ئېچىش چېگراسىنى بېكىتىش»نى كۆرسىتىپ بەردى؛ چوڭ شەھەرلەرگە قارىتا، «چوڭ شەھەرلەرنىڭ ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرگە بولغان تەسىر كۆرسىتىش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى كۈچەيتىپ، سىفونلۇق بېسىم ئۈنۈمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى؛ كىچىك شەھەر - بازارلارغا قارىتا، «شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ كىچىك شەھەر - بازارلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خاس كىچىك بازارلارنىڭ قېلىپلاشقان، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش»نى تەكىتلىدى...

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى شەھەرلەرگە بېرىپ، شەھەر تەرەققىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، شەھەر تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بېرىپ، شەھەر ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئىزاھلاپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىش يولىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، ئىجادچان شەھەر، ئېچىۋېتىلگەن شەھەر، گۈللەنگەن شەھەر، ئاقىل شەھەر، باغچە شەھەر، ئەۋرىشىم شەھەر، ئىناق - ياشاشقا ماس كېلىدىغان، ھاياتىي كۈچكە تولغان، ھەرقايسىسى ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلغان جۇڭگو شەھەر مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى.

«شەھەر زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە»

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا: ھازىردىن باشلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

«شەھەر زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە». باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەرنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىزاھلىدى.

2013 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز شەھەر - بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەر - بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى مۇھىم يول، رايونلار ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك تىرەك، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ۋە كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

2023 - يىلى 11 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، سىرتتىن كەلگەنلەر بىرقەدەر كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدىغان مىنخاڭ رايونىغا مەخسۇس بېرىپ، يېڭى دەۋر شەھەر قۇرغۇچىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرى ئائىلىسىگە كىرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

«شەھەر يۈكسەكلىككە ئىگە بولۇپلا قالماي، يەنە ئىللىقلىققا ئىگە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ شەھىرى ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرالغۇغا بولغان كۆپ خىللاشقان، كۆپ مەنبەلەشكەن ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنىڭ كېلەلەيدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، خاتىرجەم ئولتۇراقلىشالايدىغان، ئىگىلىك تىكلىيەلەيدىغان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا بىرمۇ ئادەم كەم بولسا بولمايدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتىن بۇيان دۆلىتىمىزنىڭ شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەجرىبىلىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەۋقەنى «خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجى بىلەن تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت»كە قويۇپ، «جۇڭگوچە شەھەر تەرەققىيات يولىنى تېپىپ چىقىش»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

رايونلار ماس تەرەققىياتى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تىرەك.

2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى يىرىك پىلان پىروگراممىسى»نى قاراپ چىقتى. «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى پۈتۈشكە قارىتا يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: چېڭدۇ - چۇڭچىڭ رايونى بىر تاختا شاھمات ئىدىيەسى ۋە بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ھەمكارلىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

«<قوش شەھەر خاتىرىسى>دە مېنىڭ كۆرسىتىدىغىنىم ئىككى گۇرۇپپا جاي، يەنى بېيجىڭ - تيەنجىندىن ئىبارەت قوش شەھەر، چېڭدۇ - چۇڭچىڭدىن ئىبارەت قوش شەھەر.» 2024 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنجىندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى چۆرىدەپ، رايونلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ۋە بېيجىڭ بىلەن تيەنجىننىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن <قوش شەھەر خاتىرىسى>نى ياخشى پۈتۈپ، رايونلار يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنى ئۈنۈملۈك تۇتاشتۇرۇش كېرەك».

ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، رايونلار ماس تەرەققىياتى ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر تەلەپ.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، مەركىزىي شەھەر ۋە شەھەر توپى تەرەققىيات ئامىللىرى مۇجەسسەملەنگەن ئاساسلىق بوشلۇق شەكلىگە ئايلىنىۋاتىدۇ. بىز جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، رايونلار ماس تەرەققىياتى يېڭى پىكىر يولىنى پىلانلىشىمىز كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر خىزمىتىدە يىراقنى كۆزلەپ چوڭقۇر ئويلاندى، تومۇر تۇتۇپ رېتسېپ يازدى.

جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم بىر پارچە خەرىتىنى قولىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ھەرقايسى جايلارغا «ئۆزلىرىنىڭ <بىر مو ئۈچ پۇڭ يەر> تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ئاڭلىق بۇزۇپ تاشلاپ، زىچ ئۇيۇشۇپ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەلەش نىشانىغا يۈزلىنىپ بىللە ئىشلەش كېرەك» دەپ تاپىلىدى.

«شەھەر توپى، مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىگە تايىنىش ئارقىلىق چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى بەرپا قىلىش» «چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر - بازارلارنى ماسلىشىپ تەرەققىي قىلىشقا يېتەكلەش» «مەركىزىي شەھەر چەمبىرەكلىرى ئارا ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىش»... باش شۇجى شى جىنپىڭ «ماسلىشىش» دېگەن بۇ ئاچقۇچلۇق سۆزنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن دەسلەپكى مەزگىلدە كۆلىمى پەقەت 20 نەچچە كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىدا ئۇزاققىچە «بىرلا كەسىپ زورايغان» ئىدى.

«گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا پائال، تەشەببۇسكار قاتنىشىپ، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، ماس تەرەققىياتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك.» 2024 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاۋمېننى كۆزدىن كەچۈرگەندە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، «بىر شەھەر، بىر جاي»نىڭ پايدا - زىيىنىنى كۆزلىگەن تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئويلىنىشتىن ھالقىپ چىقىش يېڭى دەۋر شەھەر خىزمىتىدىكى مۇھىم ئۇسۇل.

بېيجىڭدا، سىياسىي مەركەز، مەدەنىيەت مەركىزى، خەلقئارا ئالاقە مەركىزى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى؛ شاڭخەيدە، دۇنياۋى تەسىر كۈچكە ئىگە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى تەكىتلىدى؛ شېنجېندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئالدىن يۈرۈش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنى ياخشى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەرلەر ئۈچۈن تەرەققىيات ئورۇن بېكىتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى.

شەھەرلەر رايونلار ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە سىڭىشىپ، ئېشىش قۇتۇپلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

«شەھەر باشقۇرۇشتا كەشتە تىككەنگە ئوخشاش ئىنچىكە بولۇش كېرەك»

جاھاندىكى چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتا جەزمەن ئىنچىكە بولۇش كېرەك.

2017 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى شاڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا: «شەھەر باشقۇرۇشتا كەشتە تىككەنگە ئوخشاش ئىنچىكە بولۇش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

«كەشتە تىكىش»نى مىسال قىلىشتا نامايان قىلىنغىنى شەھەر باشقۇرۇشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە بولغان تەلەپ ئىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «مەن بەزى چوڭ شەھەرلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، كۆپچىلىك ئىنكاس قىلغان گەۋدىلىك مەسىلە شەھەر كۆلىمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكى، لېكىن شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھەلىرىدە يوشۇرۇن خەۋپنىڭ بىرقەدەر كۆپلۈكى، كونىراش ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىقى، يەر ئۈستى ۋە يەر ئاستى قۇرۇلۇشىنىڭ تەڭپۇڭ ئەمەسلىكى بولدى. شەھەر يىرىك پىلانى ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىپ، چوڭ شەھەرلەرنى تۈجۈپىلىك باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك».

شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەسىلىنى ھەل قىلىش كۈچەش يۆنىلىشى.

پايتەخت بېيجىڭ ئىلگىرى نوپۇس زىچ، قاتناش قىستاڭ، ھاۋاسى بۇلغانغان بولۇش سەۋەبىدىن «چوڭ شەھەر كېسىلى»نىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقانىدى.

2014 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە، مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەر باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، شەھەر باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ شەھەر مەمۇرىيىتى ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش، قاتناش باشقۇرۇش، مۇھىت باشقۇرۇش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شەھەر باشقۇرۇش نىشانى، ئۇسۇلى، ئەندىزىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

«شەھەر كېسىلى»نى تۈگىتىشنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۈچەش يۆنىلىشىنى دەل جايىدا، ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

شەھەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۈچلۈك تىرەك.

2020 - يىلى 3 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا خاڭجوۋ شەھەر چوڭ مېڭە مەشغۇلاتى قوماندانلىق مەركىزىگە كېلىپ، خاڭجوۋ شەھىرىنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسىدىن پايدىلىنىپ قاتناش، مەدەنىيەت - ساياھەت، سەھىيە - ساغلاملىق قاتارلىق سىستېمىلارنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىكى يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، خاڭجوۋنىڭ شەھەر چوڭ مېڭىسىنى قۇرۇش جەھەتتە داۋاملىق ئىزدىنىپ يېڭىلىق يارىتىپ، شەھەرنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىپ، ئاقىل شەھەر قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت ئۈچۈن كېڭەيتىشكە بولىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، رايون بۆلەك زەنجىرى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئالدىنقى قاتاردىكى تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ، شەھەر باشقۇرۇش ۋاسىتىسى، باشقۇرۇش ئەندىزىسى، باشقۇرۇش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، رەقەملەشتۈرۈشتىن ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقىچە، يەنە ئاقىللاشتۇرۇشقىچە، شەھەرنى تېخىمۇ ئەقىللىق، تېخىمۇ ئاقىل قىلىش شەھەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول بولۇپ، ئىستىقبالى پارلاق.

2024 - يىلى 4 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭ شەھىرى رەقەملەشكەن شەھەر يۈرۈشتۈرۈش ۋە ئىدارە قىلىش مەركىزىگە كەلدى. چۇڭچىڭنىڭ بۇ «شەھەر چوڭ مېڭىسى»دە، ئىلگىرى ھەممە جايغا تارقاقلاشقان سانلىق مەلۇماتلار بىرىكتۈرۈلۈش، قۇۋۋەت بېغىشلاش ئارقىلىق، سۇ، توك، تەبىئىي گاز، خەۋەرلىشىش، كۆۋرۈك، تونېل، رېلىس، تۇرۇبا تورى قاتارلىق شەھەر قۇرۇلمىسى كۆرسەتكۈچلىرىنى بىر قاراپلا چۈشەنگىلى بولاتتى، بۇنىڭ بىلەن شەھەرنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتى ھەر تەرەپلىمە تەكشۈرۈپ بېكىتىلىپ ۋە تەھلىل قىلىنىپ، كۆپ ساھەدىكى دەل جايىدا باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىشقا ئاشۇرۇلغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «رەقەم ئارقىلىق قۇۋۋەت بېغىشلاشنى كۈچەيتىش، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چوڭ سانلىق مەلۇمات سۇپىسى ۋە تور سىستېمىسىنى ئىلمىي پىلانلاپ قۇرۇپ، بىرلەشمە قوماندانلىق قىلىش ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىجرا قىلىش كۈچىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك».

شەھەرلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، مەھەللە ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈملۈك كاپالەت.

2014 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەن فۇجوۋدىكى جۈنمېن مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «ئۈچ قانداق قىلىش»تىن ئىبارەت ئىدارە قىلىشقا دائىر سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: «قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىش بېجىرىشىگە تېخىمۇ قولايلىق ياراتقىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى ئىپادىلەش يوللىرىنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرغىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا ئاممىغا تېخىمۇ تىنچ - ئامان، تېخىمۇ بەختلىك تۇيغۇنى ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ».

دۆلەتنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن خىزمەتلىرى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن ئائىلىنىڭ ئىشى. مەھەللە پارتىيە تەشكىلاتىنى ياخشى، كۈچلۈك قىلىپ قۇرغاندا، مەھەللە خىزمىتى تايانچقا ئىگە بولىدۇ.

شەھەرلەردە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دائىم مەھەللىلەرگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، پۇقرالاردىن تۇرمۇشىغا قولايلىق يارىتىلغان - يارىتىلمىغانلىقى، رازى بولغان - بولمىغانلىقى، يەنە قانداق ئېھتىياجىنىڭ بارلىقىنى سورىدى.

نىڭشيا يىنچۇەننىڭ جىنفېڭ رايونىدىكى چاڭچېڭ گۈللۈكى مەھەللىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاھالىلەر ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، پۇقرالارغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، دەل جايىدا ئىشلەش كېرەك.

خۇبېي ۋۇخەندىكى جىيۈەن مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: تېخىمۇ كۆپ بايلىقنى مەھەللىلەرگە چۈشۈرۈپ، خىزمەت كۈچىنى تولۇقلاپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە باشقۇرۇش، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، شەھەرنى ئىدارە قىلىشنىڭ ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

گەنسۇ لەنجوۋدىكى زاۋلىن غەربىي مەھەللىسىگە بارغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: پايدىلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىش، ئەھمىيەتسىز كۈچ سەرپ قىلىشنى ئازايتىشتا يۇقىرى - تۆۋەن ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىگە توغرا كېلىدۇ، دەپ تاپىلىدى.

تېخىمۇ سەمىمىي بولغان مۇلازىمەت تۈرى، تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك بولغان مۇلازىمەت ئۈنۈمى، تېخىمۇ ئېنىق بولغان ئىدارە قىلىش پىكىر يولى، تېخىمۇ دەل جايىدا بولغان ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، تېخىمۇ كەسپىي بولغان ئىدارە قىلىش قوشۇنى، تېخىمۇ ئاقىل بولغان ئىدارە قىلىش ئۇسۇلى، شەھەرلەردىكى مەھەللىلەر «شەھەر تۇرمۇشنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىدۇ» دېگەن سۆزنىڭ چىن مەنىسىنى جانلىق ئىزاھلاپ بەرمەكتە ئىدى.

«شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلىشى كېرەك»

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «شەھەرنىڭ يادروسى ئادەم».

2019 - يىلى 11 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، بىنجياڭ ئاسما كۆۋرۈكىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئېكسكۇرسىيە داۋامىدا، ئارام ئېلىۋاتقان، بەدەن چېنىقتۇرۇۋاتقان نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسىنى ئۇچراتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «شەھەر خەلقنىڭ شەھىرى، خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلىشى كېرەك. مەيلى شەھەر يىرىك پىلانى ياكى شەھەر قۇرۇلۇشى بولسۇن، مەيلى يېڭى شەھەر رايونىنى قۇرۇشى ياكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىش بولسۇن، ھەممىسىدە خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك».

خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە، ئەلا بولغان ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى يارىتىش كېرەك.

شەھەر دۆلىتىمىزدىكى نوپۇسى ئەڭ زىچ، جەمئىيەت، ئىقتىساد پائالىيىتى ئەڭ مەركەزلەشكەن رايون، شۇنداقلا بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەركەزلەشكەن، ئېكولوگىيە - مۇھىت مەسىلىلىرى مەركەزلەشكەن رايون.

20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا، يولداش شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلىۋاتقاندا، «فۇجوۋنى كۆكەرتىش» خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن كۆچەت تىكىپ، «بوش يەر بولسىلا يېشىللىق بەرپا قىلىش» ۋە «دائىرە بويىچە كۆچەت تىكىش»نى بىرلەشتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، «رۇڭچېڭ شەھىرى»نى تېخىمۇ يېشىللىققا پۈركىدى.

2013 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز شەھەر - بازارلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىدا، «شەھەرنى تەبىئەتكە سىڭدۈرۈش» «ئاھالىلەرنى قارىسىلا تاغنى كۆرەلەيدىغان، سۇنى كۆرەلەيدىغان، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلىيالايدىغان ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى.

«مەن بېيجىڭدا چوڭ بولغان، يۇرت سېغىنىشىم كۆپىنچە دەرەخ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.» 2023 - يىلى پايتەختتە خالىسانە كۆچەت تىكىش پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە شۇنداق دېدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي ھەم ئەتراپتىكى رايونلار، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، چېڭدۇ - چۇڭچىڭ شەھەر توپى قاتارلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، شەھەرلەرنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش، تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈردى.

خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە، شەھەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

فۇجوۋنىڭ ئوتتۇرا ئوق يولىغا جايلاشقان سەنفاڭ چىشياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا تاڭ، سۇڭ سۇلالىلىرىدىن قېپقالغان فاڭشياڭ ئەندىزىسى ۋە مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى نۇرغۇن قەدىمىي ئىمارەتلەر ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، «لىفاڭ تۈزۈمىنىڭ جانلىق تاشقاتمىسى» «مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ئىمارەتلەر مۇزېيى» دەپ تەرىپلىنىدۇ.

2021 - يىلى 3 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، فۇجوۋدىكى قەدىمىي ئۆيلەر ۋە سەنفاڭ چىشياڭنى قوغداش، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، نەنخوۋ كوچىسى، لاڭگۈەن كوچىسىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى، يەن فۇنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

قەدىمىي شەھەرنىڭ «شەكلى»نى ساقلاپ قالغاندا، ئاندىن ئىچكى «روھ»ىنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.

1991 - يىلىلا، يولداش شى جىنپىڭ فۇجوۋدا خىزمەت قىلغان مەزگىلدە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى خىزمىتى نەق مەيدان ئىش بېجىرىش يىغىنى ئېچىپ، فۇجوۋ تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش، باشقۇرۇش نىزامى ۋە قوغداش يىرىك پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. ئۇ ئەھمىيەت بەرگەچكە، سەنفاڭ چىشياڭ چېقىۋېتىلمەي، زور بىر تۈركۈم تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلمەكتە.

ئارىدىن 30 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە ئىلگىرى تۇرغان جايغا قايتىپ بېرىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەنئەنىۋى كوچا رايونلىرىنى ياخشى قوغداش، قەدىمىي ئىمارەتلەرنى ياخشى قوغداش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ياخشى قوغداش دەل شەھەرنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت تومۇرىنى ساقلاپ قالغانلىق. قەدىمىي ئىمارەت، كونا قورۇ، كونا كوچا رايونلىرىغا مۇئامىلە قىلىشتا قەدىرلەش ھېسسىياتى، ئۇلۇغلاش ھېسسىياتى بولۇش كېرەك.

بېيجىڭ يۈخېدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تارىخقا مەسئۇل بولۇش، خەلققە مەسئۇل بولۇش روھى بويىچە، تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، شەھەرنى ئۆزگەرتىپ ئېچىش بىلەن تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

سەنشى پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخقا ھۆرمەت قىلىپ، مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ئېكولوگىيەگە ھۆرمەت قىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى قوغداپ، ساياھەت تەرەققىياتى، خاس تىجارەت، قەدىمىي شەھەرنى قوغداشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەپ، ئالدىنقىلار بىزگە قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىقنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.

جياڭسۇ سۇجوۋ پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى قىممەتلىك بايلىق، ئۇنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئېچىش، ياخشى پايدىلىنىشتا، ماددىي شەكىلدە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبتىن ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

خەلقنىڭ شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە، داۋاملىق تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش كېرەك.

بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ قەھرىتان سوغۇققا قارىماي لياۋنىڭ شېنياڭغا كەلدى. مەركەزلىك ئۆزگەرتىلگەن دادۇڭ رايونى چاڭئەن كوچىسى چاڭئەن مەھەللىسىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شۇ جايدىكى خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شەھەرنى يېڭىلاشتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، مەھەللە قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ھەممىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلقنى خاتىرجەم قىلىشنى كۆزلەش، بولۇپمۇ ياشانغانلار، بالىلارغا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى قوغداش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىز شەھەر يېڭىلاش ھەرىكىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى. 2019 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، مەملىكەت بويىچە جەمئىي 280 مىڭ كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلىنىپ، 48 مىليون ئائىلە، 120 مىليوندىن ئارتۇق كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى، 446 مىليون كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان تۇرالغۇ ئىمارەتلىرىنى ئېنېرگىيە تېجەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىش يولغا قويۇلدى، 360 مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى كونىراپ كەتكەن تۈرلۈك تۇرۇبا لىنىيەسى ئۆزگەرتىلدى، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى، ياشانغاندا كۈتۈنۈش، ھاۋالىلىك بېقىش قاتارلىق تۈرلۈك مەھەللە مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىدىن 78 مىڭى قۇرۇلدى...

شەھەر خەلق بىلەن ئاۋات. بۈگۈنكى كۈندە، «خەلق شەھىرى» ئىدىيەسى جۇڭخۇا زېمىنىدا «بەختلىك شەھەر»نىڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىسىنى نامايان قىلماقتا.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەرقايسى جايلار يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، جاسارەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، شەھەر خىزمىتىدە مۇقەررەر يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ، جۇڭگو شەھەرلىرى مۇقەررەر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)