شى جىنپىڭ سۇرىنامنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان سىمونسقا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025-07-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ سىمونسقا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۇرىنام جۇڭگونىڭ كارب رايونىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 49 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو - سۇرىنام مۇناسىۋىتى ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا قويۇق ماسلىشىشنى ساقلىدى. مەن جۇڭگو - سۇرىنام مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان سىمونس بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.