«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى

2025-07-02 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

«پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم خىزمەتلەرگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇشى. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى خىزمەت نىزامى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، مەسئۇلىيىتى ۋە يۈرۈشۈشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش، ماسلاشتۇرۇش ئاپپاراتلىرى مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، چوڭ ئىشلارنى پىلانلاش، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىش، چوڭ ئىشلارنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم خىزمەتلەرنى يولغا قويۇشتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ماسلاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاشنى ياخشى ئىشلەپ، كونكرېت ئىشىغا ئارىلىشىۋالماسلىق، جايىدا ئىشلەپ، ھوقۇق دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتمەسلىك كېرەك. چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەدبىر بەلگىلەش، كېڭىشىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلىدىغان سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، خىزمەتلەردە ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.