− جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 104 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز
□خەلق گېزىتى باش ماقالىسى
ۋاقىت مۆجىزە يارىتىدۇ، كۈرەش تارىخ يارىتىدۇ. بۈگۈن، بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 104 يىللىقىنى كۈتۈۋالدۇق.
شىڭيې يولىدىن فۇشىڭ يولىغىچە، كىچىككىنە قىزىل كېمىدىن ھەيۋەتلىك غايەت زور پاراخوتقىچە، بوران - چاپقۇن، نۇرغۇن تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرگەن ماركسىزملىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم، ئېتىقادى تېخىمۇ چىڭ بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىشانىغا قاراپ زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ ئىلگىرىلەپ، كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغان دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.
بۇ يېڭى سەھىپىدە، كىرىزىسنى تۈگىتىش، قىيىن ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۆتۈش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇشتىكى تەمكىنلىك ۋە باتۇرلۇق بار. چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان ئىچكى شارائىت ئالدىدا، بىز ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىش داۋامىدا پۇرسەت ياراتتۇق، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردۇق. چىگىش، مۇرەككەپ بولغان تاشقى مۇھىت ئالدىدا، بىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تۈرلۈك ئېنىقسىزلىققا تاقابىل تۇردۇق.
بۇ يېڭى سەھىپىدە، ھەرقانداق بوران - چاپقۇندىن قورقمايدىغان ئىشەنچ ۋە جاسارەت بار. پارتىيە ۋە خەلق باشتىن - ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، بىرلىكتە ئويلاپ، بىرلىكتە ئىشلەپ كەلدى، قانچىلىغان شىددەتلىك ئېقىن ۋە خەتەرلىك ساھىل، قانچىلىغان ئۆتكەل، مۈشكۈلات بىزنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشتىكى پولاتتەك ئىرادىمىزنى تەۋرىتەلمەيدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مەزمۇت قەدىمىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ.
ئەمەلىيەت ئەڭ ياخشى سىنتاش. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىز پەقەت ئېتىقاد، ئىشەنچتە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، زىددىيەت، مەسىلىلەرگە ئۆزىمىزنى قاچۇرماي بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا چېكىنمەي تاقابىل تۇرساقلا، چوقۇم ئىسلاھات - تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىنى ئاچالايمىز!»
داۋالغۇپ تۇرۇۋاتقان دۇنيا ئالدىدا، بىر چەت ئەللىك سىياسىي ئەرباب مۇنداق قارىدى: «جۇڭگو مۇقىملىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسى ئۇزاق مەزگىللىك ئۈمىد ئېلىپ كېلىدۇ.» خەلقئارا جەمئىيەتتە كۈنسېرى مۇنداق ئورتاق تونۇش شەكىللەندى: «جۇڭگودا كەلگۈسىنى كۆردۇق، ئىشەنچنى كۆردۇق».
يۈز نەچچە يىلدىن بۇيانقى جاپا - مۇشەققەت، شان - شەرەپ، يېڭى دەۋردىن بۇيانقى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش، بۇ يىلدىن بۇيانقى ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىش، ئۆزگىرىش ياساش بىزگە مۇنداق چوڭقۇر ئىلھام بەردى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكى بىزنىڭ ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىزنىڭ تۈپ ئاساسى، «ئىككىنى تىكلەش» بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلق بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىرلىكتە كۈچ چىقارسا، ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولمايدىغان ئىش يوق.
بۈگۈنكى كۈندە، تارىخنى ئەسلەپ ئۆتسەك، جۇڭگونىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىش بارلىققا كەلدى؛ كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «14 - بەش يىل»دا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، چوڭ قەدەم بىلەن يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىشتا، بىزنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشقا ئىشەنچىمىز بار، شۇنداقلا ئىقتىدارىمىز بار.
پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيەنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەۋاتقان بۇ تەنتەنىلىك پەيتتە، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان، بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىز يەنە نۇرغۇن خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا دۇچ كەلگەن پەيتتە، ئەسلىي مەقسەتنى سۈرۈشتۈرۈپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، پارتىيەنىڭ كۈرەش تارىخى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىدىن پۈتمەس - تۈگىمەس كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىدا تېخىمۇ ياخشى مېڭىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
غايە - ئېتىقاد پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاساسى، شۇنداقلا پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ ئاساسى. «ئىنقىلابىي غايىسى ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان» قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرىدىن «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى ئەۋج ئالدۇرغان پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگىچە، يەنە «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دەيدىغان يېڭى دەۋر ياشلىرىغىچە، مۇستەھكەم غايە - ئېتىقاد، قەتئىي تۈردىكى ھەقىقەتكە ئىنتىلىش دەل بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىشىمىزنىڭ شىفىرى.
يېڭى مۇساپىدە، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىشنى ئۆمۈرلۈك تېما قىلىپ، دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشى، شارائىتنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى ۋە سادىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇپ، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدىغان دۆلەت مۇھەببىتىنى تۇرغۇزۇپ، ئالىيجاناب ئىدىيە مەنزىلىگە ئىنتىلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە قابىلىيەتنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىققا پىسەنت قىلماي ئىلگىرىلەپ، قىيىنچىلىققا يولۇققاندا بەل قويۇۋەتمەي، دادىل كۈرەش قىلغاندىلا، شىددەتلىك دولقۇننىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بەرگىلى، تارىخ ۋە خەلقنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.
پارتىيەنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە، كۈچى خەلقتە. بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان يىل، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىن، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش تورىنى زىچ توقۇشقىچە... «خەلقنى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش قىلىش»تا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى، خەلققە بەخت ياراتتى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ئۆز ئىشى، شۇنداقلا خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈر بولغان ئۇلۇغۋار ئىش. خەلقنى قىممەت مەقسىتى قىلىپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلق ئويلىغاننى ئويلاپ، خەلقنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئورۇنداپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرگەندىلا، چوقۇم قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ.
ئۆزىنى ياخشى باشقۇرغاندىلا جاھاننى ياخشى ئىدارە قىلغىلى بولىدۇ. يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ «ئىككى تارىخىي تەشەببۇسكارلىق»نى قولغا كەلتۈرۈشىدىكى ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرغانلىقىدا.
ئۇزاق مەزگىل مەۋجۇت بولغان «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئالدىدا، «مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «ئىنقىلابچىلار ئالدى بىلەن ئۆزلۈك ئىنقىلابى ئېلىپ بېرىش»تىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادە ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرغاندىلا، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيەنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك، ئەڭ كۈچلۈك تايانچىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. بىز مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت بىلىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىستىلنى ياخشىلاش ئەمەلىي ئۈنۈمى ئارقىلىق خەلق ئاممىسىنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، پۇرسەت، ۋەزىيەت، ھەققانىيەت بىز تەرەپتە. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە، جۇڭگو ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق ۋە مۇقىم ئامىل. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە يېڭى تېخىمۇ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرايلى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى)