«نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، قەتئىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك»

2025-07-11 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى

ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغى، چەكسىز گۈزەل مەنزىرە.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشى تۇپرىقىدا كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇپ، سەنشىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم بۇ جايغا كېلىپ، سەنشىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى.

بۇ يىل «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىدىغان، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىلانلىنىدىغان يىل. مەملىكەت بويىچە تۇنجى پۈتۈن ئۆلكە دائىرىلىك، ھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق بولغان دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق رايونى ئۈچۈن ئېيتقاندا، «ئىسلاھات» دېگەن سۆزنىڭ سالمىقى ئىنتايىن ئېغىر. باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىنى مۇنداق ئىلھاملاندۇردى: نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى قەتئىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

بۇ يىل يەنە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىسسىق قان تۆكۈپ، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان بۇ تۇپراقتا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شانلىق تارىخنى ئەسلەپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا چاقىرىق قىلدى.

دەۋر ئېقىمىنى ئىگىلەپ، جان تىكىپ ئېلىشىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەنشى جەزمەن بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتا يېڭى قەدەم بېسىپ، سەنشى تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

ئوقەتچىلىك ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش: «پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»

ياڭچۈەن «سەنشى - خېبېيدىكى مۇھىم تۈگۈن»گە جايلاشقان. 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جېڭدىڭ - تەييۈەن تۆمۈريولى ياسىلىپ قاتناش باشلاندى، «پىڭدىڭنىڭ كۆمۈرى بىلەن تەيخاڭشەن تېغىنىڭ تۆمۈرى تاۋلاندى»، تەيخاڭشەن تېغىدىكى بۇ كىچىك شەھەر دەۋرنىڭ ئالدىنقى سەھنىسىگە چىقتى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ياڭچۈەن مەملىكەت بويىچە «1 - بەش يىل»لىق پىلان مەزگىلىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلىدىغان 15 كۆمۈركان رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ ئىسسىز كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

يۈز يىل ئىلگىرى ياڭچۈەن كىلاپان پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ ئاساسى كۆمۈر بايلىقىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ بارلىققا كەلگەن. يۈز يىل مابەينىدە، كارخانىنىڭ تەرەققىياتى دەۋر چوڭ ئېقىمىغا ئەگىشىپ مېڭىپ، نەچچە قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى: قايناق ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرغان قۇرۇلۇش يىللىرىدا «كىلاپانىمىز ئارقىلىق ياڭچۈەن كۆمۈرىگە ئوخشاش جۇڭگو سانائىتىنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلاپ چىقىمىز» دەيدىغان ئۇلۇغۋار غايە ۋە جەسۇرانە ئىرادىگە ئىگە بولدى؛ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتلىرى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، مەملىكەت سىرتىغا سېتىلىدىغان پارلاق پەيتنى كۈتۈۋالدى؛ ئەسىر ئالمىشىش پەيتىدە، بازار دولقۇنىنىڭ زەربىسىدە تەستە تەمتىلەپ ماڭدى...

يېڭى دەۋرگە كىرىپ، ياڭچۈەن كىلاپان پاي چەكلىك شىركىتى دىققەتنى تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاچتى، كونا كارخانىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانا بولۇپ باھالاندى.

ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا كۆمۈر گازى كىلاپانى، ئېلېكتىرلىك ئايلانما تاختىلىق كىلاپان، مېتالدىن ياسالغان كېپىنەكسىمان ھىم ئېتىش كىلاپانى... خىلمۇخىل مەھسۇلاتلار بىر - بىرلەپ تىزىلغانىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئەمەلىي ئىقتىسادنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، ئەمەلىي ئىقتىسادتىكى ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك».

كونا بىلەن يېڭى، قالدۇرۇش بىلەن تۇرغۇزۇش دېگەن سۆزدە ئىزچىل ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان تەلەپ ئىپادىلىنىپ تۇراتتى: «ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپمۇ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرغىلى بولىدۇ.» «كونا كارخانىلارنىمۇ ئوخشاشلا يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈشكە، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشقا، يېشىللاشتۇرۇشقا بولىدۇ».

ئايرىلىدىغان چاغدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كارخانا خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىكنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، غەيرەت - شىجائەتكە تولغان ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتىدا ئىلگىرى بازغان، بولقىغا تايانغانىدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار تېخنىكا ۋە جابدۇقلارغا تايىنىپ سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئوقەتچىلىك دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

چاۋاك ساداسى، ئالقىش ساداسى زاۋۇت سېخىدا ياڭرىدى.

تەرەققىيات يېڭى يولىنى بالدۇر ئېچىش: «تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك»

كۆمۈر تەبىئەت سەنشىگە بەرگەن ئالاھىدە بايلىق. يەرنى قېزىپ قارا ئالتۇن ئېلىندى، ئوچاقتا كۆيۈۋاتقان كۆمۈر ئوتى سەنشىنىڭ يېقىنقى زامان سانائىتىنىڭ تاڭ نۇرىنى يورۇتتى.

ھالبۇكى، ئۇزاقتىن بۇيان سەنشى كۆمۈر ئارقىلىق گۈللەندى، كۆمۈر سەۋەبىدىن قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى، يالغۇز كۆمۈر كەسپىلا زور بولۇش كەسىپنىڭ بىرلا خىل بولۇپ قېلىشىغا سەۋەب بولدى.

بايلىق تىپىدىكى رايوندا ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، كەسىپ كۆپ خىل تىرەك بولىدىغان قۇرۇلما ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش سەنشىنىڭ ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چوڭقۇر ئويلىنىشقا ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم تېما. ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات دەل مەسىلىنى ھەل قىلىش تەدبىرى، ئاچقۇچلۇق تەدبىر.

2017 - يىلى 6 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سەنشىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، سەنشىنى «بۇ پۇرسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، كەسىپلىرى ئەلا، سۈپىتى يۇقىرى، ئۈنۈمى ياخشى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يېڭى يولىنى ھەقىقىي تېپىپ چىقىش كېرەك» دەپ رىغبەتلەندۈردى.

2019 - يىلى 5 - ئايدا، باش شۇجى مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 8 - قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا «سەنشىدە ئېنېرگىيە ئىنقىلابى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللىنىپ، سەنشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئارقىلىق، تىرىشىپ مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنىڭ باشلامچىسى بولۇشىغا مەدەت بېرىلدى.

2020 - يىلى 5 - ئايدا سەنشىگە قايتا كەلگەندە، باش شۇجى يەنە مۇنداق تاپىلىدى: «سەنشىدە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى بولۇشى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەلىك پىلان بولۇشى كېرەك، توغرىسىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇپ، بوشاشماي تىرىشىپ، قايتىلىماي، تەكرارلىماي، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولىنى بالدۇرراق ئېچىشى كېرەك».

ئىسلاھاتنىڭ تەرەققىيات ئۈنۈمى قانداق بولدى؟ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، باش شۇجى سەنشىنىڭ كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

«سىلەرنىڭ بۇ يەردە شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، كۆمۈر قاتلىمى گازى قاتارلىق ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكى بار.» «پولات - تۆمۈر، كوكسلاشتۇرۇش، رەڭلىك مېتال، خىمىيە سانائىتى، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىق كەسىپلەرمۇ ئاساسىي ھالەت.» «خۇاڭخې دەرياسى، سەددىچىن سېپىلى، تەيخاڭشەن تېغىدا ئۈچ ساياھەت تاشيولى ياسالدى، قاتتىق دېتاللار يۈرۈشلەشتۈرۈلدى»...

باش شۇجى سەنشىنىڭ ئەھۋالىنى ناھايىتى چۈشىنەتتى، ھەربىر دوكلاتنى ئاڭلىغاندا ئىنكاس قايتۇردى، تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى، يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ سۆزلەردە كۆڭۈل بۆلۈنگىنى «يالغۇز كۆمۈر كەسپىلا زور بولۇش» قىيىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ كۆپ خىل يولىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى.

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەنشىگە تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، مەقسەت سەنشىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىش داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت».

«كۆپ يىل تىرىشىش ئارقىلىق، سەنشى تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتا بىر قەدەر ئېنىق پىكىر يولىغا ئىگە بولۇپ، بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، لېكىن ۋەزىپە يەنىلا مۈشكۈل، ئىدىيەۋى تونۇشنى يەنىمۇ بىرلىككە كەلتۈرۈپ، نىشاننى چىڭ كۆزلەپ بەل قويۇۋەتمەي، قەتئىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

قانداق ئالغا سىلجىتىش كېرەك؟ باش شۇجى «قەتئىي بولۇش» ۋە «تەرتىپلىك بولۇش»تىن ئىبارەت ئىككى ئاچقۇچلۇق سۆزنى تەكىتلەپ، ھەم يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بەردى، ھەم ئۇسۇلنى كۆرسىتىپ بەردى −

«قەتئىي بولۇش دېگەنلىك ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى دەل تونۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي داۋاملاشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. ئىرادىنى ساقلاپ، قىيىنچىلىقلارنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئارىسالدى بولۇش، قاراپ تۇرۇش ۋە ئۆز پايدا - زىيىنىنىلا ئويلاش روھىي ھالىتىنى يېڭىپ، كۆمۈرنىڭ بازار ئەھۋالى ياخشى ۋاقىتتا ئۆزگەرتىشنى خالىمايدىغان، كۆمۈرنىڭ بازار ئەھۋالى ناچار ۋاقىتتا ئۆزگەرتەلمەيدىغان غەلىتە چەمبىرەكتىن سەكرەپ چىقىش كېرەك».

«تەرتىپلىك بولۇش دېگەنلىك ھەم ئىشنى پۇختا قىلىش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش دېگەنلىكتۇر. تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئېغىر، چېتىلىدىغان مەنپەئەت بىر قەدەر كۆپ، ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇش بىلەن تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ياخشى ئىگىلەپ، يېڭى - كونا قۇۋۋەتنىڭ ئالمىشىشىنىڭ ئۆتكۈنچى مەزگىلى ۋە جىپسىلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلاپ كونىسىنى ئۆزگەرتىش، تەدرىجىي ھالدا ئالغا سىلجىتىش، پىلانسىز ئىش كۆرمەسلىك، <ئالتۇن قونچاق>قا ئېرىشمەي تۇرۇپلا ئالدى بىلەن تاماق قاچىسىنى تاشلىۋەتمەسلىك كېرەك».

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە قىلىپ مۇنداق تاپىلىدى: «توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش، مىخ قېقىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىشكە بولمايدۇ، <ئوبراز قۇرۇلۇشى> <سىياسىي نەتىجە قۇرۇلۇشى> قىلىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ».

ئىدىيە ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ. ئىسلاھاتتىكى ئاچقۇچ تەپەككۇرنىڭ ئۆزگىرىشى. كۆمۈردىن ئىبارەت بۇ ئىشنى جانلاندۇرۇپ، ئېنېرگىيەدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى تۇتقاندىلا، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ پۈتكۈل تاختا شاھماتنى جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.

«ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ئاددىي ھالدا كۆمۈر مەھسۇلات مىقدارى، ئىستېمال مىقدارىنى ئازايتىش ئەمەس، بەلكى دۆلەتنىڭ توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆمۈرنى پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۇنىڭدىن كۆپ خىللاشقان پايدىلىنىش، ئۇنىۋېرسال ساقلاش، توشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش بويىچە تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە، كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى يېقىلغۇدىن قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتقا قاراپ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت».

كۆپ خىل تەرەققىي قىلىشتىمۇ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، «مۇۋاپىق بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: بىر تەرەپتىن، «سەنشىنىڭ كۆمۈردىن باشقا قېزىلمىلار، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت - ساياھەت، ساغلاملىق - كۈتۈنۈش، ئېكولوگىيە قاتارلىق بايلىقلىرى بىر قەدەر مول، ئۇنىڭ ئۈستىگە يېشىل توك قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەننەرخى تۆۋەن بولۇش ئەۋزەللىكى گەۋدىلىك بولۇپ، بەلگىلىك كۆپ خىل تەرەققىيات شارائىتىنى ھازىرلىغان.» شۇنىڭ بىلەن بىللە، «كۆپ خىل تەرەققىياتتا قىلىدىغاننى قىلىش، قىلمايدىغاننى قىلماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئېسىل مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا كۈچ سەرپ قىلىش، <سېۋەتكە تېرىپ سالغاننىڭ ھەممىسى كۆكتات> بولۇپ قېلىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك، سانغا ئەھمىيەت بېرىپ سۈپەتكە سەل قارايدىغان كونا يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ».

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش: «ۋىجدانلىق، شەرەپلىك، پەخىرلىك جۇڭگولۇقلاردىن بولۇش كېرەك»

سەنشى شەرەپلىك ئىنقىلابىي ئەنئەنىگە ئىگە جاي. 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى 8 - ئارمىيە شەرقتە خۇاڭخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش تايانچ بازىسى قۇرۇپ، بۇ جايدا پىڭشىڭگۇەندىكى زور غەلىبە، 100 تۇەن ئۇرۇشى قاتارلىق مەشھۇر ئۇرۇشلارنى قوزغاشقا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇلۇغ تەيخاڭشەن روھى، لۈلياڭ روھىنى تاۋلاپ چىققان.

تەيخاڭشەن تېغىغا جايلاشقان ياڭچۈەن 100 تۇەن ئۇرۇشىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى. شەھەر رايونىدىكى ئەڭ ئېگىز چوققا شىناۋشەن تېغىنىڭ شەكلى ئەركەك شىرنىڭ بېشىغا ئوخشايدىغان بولۇپ، ئېگىزدىن بۈگۈنكى گۈزەل تاغ - دەريالارغا نەزەر سېلىپ تۇراتتى.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، دەل پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بۇ جايدا بىر مەيدان قاتتىق يامغۇر ياغدى.

يامغۇر توختاپ ئەتراپنى كۈچلۈك تۇمان قاپلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئاپتوموبىل بىلەن تاغ يولىنى بويلاپ شىناۋشەن تېغى چوققىسىدىكى 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارى مەيدانىغا كەلدى.

«تەيخاڭشەن تېغىدىكى ئۇلۇغۋار روھ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ چىڭجاڭ دەرياسى بويىغا تۆكۈلگەن ئىسسىق قېنى مەڭگۈ ساقلىنىپ قالىدۇ.» تارىخنىڭ ئىس - تۈتەكلىرى تارقىلىپ كەتتى، قەھرىمانلىق جاسارىتى يەنىلا ئۇرغۇپ تۇراتتى. 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارى خۇددى ئۆتكۈر نەيزىگە ئوخشاش بۇلۇتقا تاقىشىپ تۇراتتى، ئىككى تەرىپىدىكى «تۇر» ئېگىز قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، خىش - تاشتىن قوپۇرۇلغان «سەددىچىن سېپىلى» ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان بولۇپ، قان بىلەن گۆشتىن قۇرۇپ چىقىلغان پولات سېپىلغا سىمۋول قىلىنغان ئىدى.

ئىككى نەپەر مۇراسىم ئەسكىرى گۈل سېۋىتىنى ھۆرمەت بىلەن خاتىرە مۇنارى ئالدىغا قويدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پەلەمپەيدىن چىقىپ، ئاستا قەدەم بىلەن ئالدىغا بېرىپ، گۈل سېۋىتىدىكى لېنتىلارنى تەپسىلىي رەتلەپ، 8 - ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى.

ئارقىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

«بۇرغا چېلىش» «ئىستراتېگىيەلىك سەپ تۈزۈش» «100 تۇەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش» «غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەش» «دۈشمەننىڭ <تازىلىشى>غا قارشى تۇرۇش»... ھەربىر تارىخىي سۈرەت، ھەربىر قىممەتلىك ماددىي بۇيۇم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى «مىسلىسىز قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن» پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش بايرىقىنى قەتئىي ئېگىز كۆتۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ياپون قاراقچىلىرىغا قارشى قوزغىغان بىر مەيدان «شىددەتلىك چاقماق» كەبى كەڭ كۆلەملىك قايتۇرما زەربىسىنى ئومۇمىي كۆرۈنۈشلۈك قايتا نامايان قىلدى.

8 - ئارمىيە باش ئىشتابى ئۈچ چوڭ ئاساسىي قىسىمغا ئەۋەتكەن «ئۇرۇش ھەرىكىتى بۇيرۇقى» ناملىق تېلېگراممىنىڭ تېكىستى، 100 تۇەن ئۇرۇشىنىڭ ئۇرۇش قىلىش كۆرسەتمە خەرىتىسى، نياڭزىگۇەن جېڭى، گۇەنجياناۋ جېڭىنىڭ تارىخىي سۈرەتلىرى، جېڭدىڭ - تەييۈەن تۆمۈريولىنى ۋەيران قىلىش ئۇرۇشىنىڭ قايتا نامايان قىلىنغان كۆرۈنۈشى... باش شۇجى شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

خاتىرە ساراي زالىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋە خاتىرە ساراينىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەرگە كېلىشنىڭ ئالاھىدە ئەھمىيىتى بار. 88 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يۈزبەرگەن <7 - ئىيۇل ۋەقەسى> جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى».

سەبىي چىرايلارغا قاراپ، باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالماي، كېيىنكى ئىشلارغا ئۆرنەك قىلىش كېرەك. بالىلار، تىرىشىپ مىللەتنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، دۆلىتىمىزنى چوقۇم تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىڭلار كېرەك. ئۈمىد سىلەرگە باغلاندى، كەلگۈسى سىلەرگە مەنسۇپ. سىلەرنىڭ ياخشى تىرىشىپ، جاسارەت بىلەن ئۆزۈڭلارنى كۈچەيتىپ، ۋىجدانلىق، شەرەپلىك، پەخىرلىك جۇڭگولۇقلاردىن بولۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

خاتىرە سارايدىن ئايرىلىش يولىدا، ئالتۇن رەڭلىك قۇياش نۇرى ھەيۋەتلىك تەيخاڭشەن تېغىغا چېچىلدى.

خۇاڭخې دەرياسى بويىدىكى بۇ سېرىق تۇپراقتا قويۇق مەدەنىيلىك مۇجەسسەملەنگەن، ئۆچمەس روھقا ۋارىسلىق قىلىنغان، ئۇنىڭدا يەنە ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش كۈچى بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى)