شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسې بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بولىۋىيە ياخشى دوست، ياخشى قېرىنداش. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 40 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو - بولىۋىيە مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلق دوستلۇقى قەلبلەردىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇلتۇر 11 - ئايدا، مەن سىز بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ رىئودې ژانېيرو باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - بولىۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردۇق. مەن جۇڭگو - بولىۋىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - بولىۋىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.
ئارسې مۇنداق بىلدۈردى: 40 يىلدىن بۇيان، بولىۋىيە - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، دوستانە ھەمكارلىشىش ئاساسىدا مۇستەھكەم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ئورناتتى. بولىۋىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، تېخنىكا، ئېنېرگىيە، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردە تەمىنلىگەن مەدىتى ۋە ياردىمىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تېخىمۇ ئادىل، باراۋەر، سىغدۇرۇشچان خەلقئارا تەرتىپ ئورنىتىش جەھەتتە جارى قىلدۇرغان رەھبەرلىك رولىنى ئالقىشلايدۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ قېرىنداشلىق مېھرىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.