​مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر روھىنى كۈيلەيدىغان، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى بايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش كېرەك

2025-07-13 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ تيەن خۇا قاتارلىق سەككىز نەپەر كىنو سەنئەتكارىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ مۇنداق تەكىتلىدى​

مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر روھىنى كۈيلەيدىغان، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى بايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىش كېرەك

جاۋاب خەت

تيەن خۇا قاتارلىق سەككىز يولداش:

كۆپچىلىكنىڭ يازغان خېتىنى كۆرۈپ، سىلەر ئىجاد قىلىشقا قاتناشقان ئاشۇ ناھايىتى تونۇش كىلاسسىك كىنولارنى ئىختىيارسىز ئەسلىدىم. ئۇزاقتىن بۇيان، سىلەر پارتىيە ۋە خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ئىلكىدە، سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەسىرلىك، جانلىق ئېكران ئوبرازلىرىنى يارىتىپ، نەچچە ئەۋلاد تاماشىبىنلاردا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردىڭلار.

يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، كەڭ كىنو خىزمەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دەۋر روھىنى كۈيلەيدىغان، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى بايان قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تيەن خۇا قاتارلىق سەككىز نەپەر سەنئەتكارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كىنو خىزمەتچىلىرىگە بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: كۆپچىلىكنىڭ يازغان خېتىنى كۆرۈپ، سىلەر ئىجاد قىلىشقا قاتناشقان ئاشۇ ناھايىتى تونۇش كىلاسسىك كىنولارنى ئىختىيارسىز ئەسلىدىم. ئۇزاقتىن بۇيان، سىلەر پارتىيە ۋە خەلققە بولغان قىزغىن مۇھەببەت ئىلكىدە، سەنئەت غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەسىرلىك، جانلىق ئېكران ئوبرازلىرىنى يارىتىپ، نەچچە ئەۋلاد تاماشىبىنلاردا گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردىڭلار.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، سىلەرنىڭ ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ سەنئەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە داۋاملىق باشلامچى بولۇپ، كەڭ كىنو خىزمەتچىلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تۇرمۇشنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دەۋر روھىنى كۈيلەيدىغان، خەلقنىڭ قەلب ساداسىنى ئىپادىلەيدىغان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، راۋاجلاندۇرۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

يېقىندا، تيەن خۇا، ۋاڭ شىنگاڭ، جاڭ لياڭ، تاۋ يۈلىڭ، شياۋ گۈييۈن، پەن خۇڭ، سۇڭ شياۋيىڭ، چېن داۋمىڭ قاتارلىق سەككىز نەپەر كىنو سەنئەتكارى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ئۆزلىرىنىڭ نەچچە ئون يىلدىن بۇيان كىنو خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئەھۋالى ۋە تەسىراتىنى دوكلات قىلىپ، كىنوچىلىق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.