شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دۇنياۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كۆپ خىل مەدەنىيلىك دۇنيانىڭ خىسلىتى. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، مەدەنىيلىكنىڭ گۈللىنىشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىشىنىڭ ھەممىسى مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن ئايرىلالمايدۇ. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، ئىنسانىيەت يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئارازلىقتىن ھالقىپ ئۆتۈش، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇشتىن ھالقىپ ئۆتۈشكە جىددىي ئېھتىياجلىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىغا ئەمەل قىلىپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنياۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى ھەمكارلىق تورى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ ئالغا بېسىشى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. ھەرقايسى ۋەكىللەرنىڭ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دۇنياۋى مەدەنىيلىك سۆھبىتى مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، باش تېمىسى «ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش» بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تاشقى ئالاقە بۆلۈمى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.