ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى ئارقىلىق تىنچلىق، ھەققانىيلىقنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش

2025-07-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

​− پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەم «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى توغرىسىدا خاتىرە

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، بېيجىڭ شەھەرلىك 12 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى پىيونېرلار جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلماقتا.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەم «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى چېن يېخۇا فوتوسى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى فەن سىشياڭ، چى چى، لو شىن

تارىخنىڭ چاڭ - توزانلىرىدىن ھالقىپ ئۆتكەندە، بىر خىل ئەسلىمە مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.

88 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە − 1937 - يىلى 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرى لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويىدىكى ۋەنپىڭچىڭنى ۋەھشىيلەرچە بومباردىمان قىلدى. «7 - ئىيۇل» ۋەقەسى پارتلىدى، جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى تاغنى تالقان قىلىدىغان جاسارەت بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىپ، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى.

ئىسسىق قان ۋە ھايات بەدىلىگە پۈتۈلگەن تارىخ كوردىناتى جۇڭگولۇقلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالدى. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقى.

ۋەنپىڭچىڭدە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەم «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى.

«تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قۇربان بولغان قەھرىمانلارنى ياد ئېتەيلى» «تىنچلىقنى قەدىرلەپ، كەلگۈسىنى يارىتايلى» − خاتىرە ساراينىڭ ئالدى ئىشىكىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى 16 چوڭ خەت كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى. بۇ ھەم كۆرگەزمىنىڭ باش تېمىسى، تېخىمۇ مۇھىمى قان بىلەن تاۋلىنىپ چىققان تارىخنىڭ ئەكس ساداسى ۋە چوڭقۇر ئىلھامى.

سائەت 9دا مۇراسىم باشلاندى. جۇشقۇن «پىدائىيلار مارشى» خاتىرە ساراي ئالدىدىكى مەيداندا ياڭراپ، كىشىلەرنىڭ ئوي - خىياللىرىنى جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى دۆلەتنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتنى يېڭىشكە ئورتاق ئاتلىنىپ، قان كېچىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلغان ئاشۇ قاينام - تاشقىنلىق يىللارغا باشلاپ كەتتى.

«نەق مەيداندا بىرلىكتە دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتقان ئاۋاز جاراڭلىق، كۈچلۈك بولۇپ، مېنى ئىنتايىن روھلاندۇردى. يېڭى دەۋردىكى پىيونېر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن تېخىمۇ تىرىشىپ بىلىم ئۆگىنىپ، ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، تەستە قولغا كەلگەن تىنچلىقنى قوغداپ، بوينۇمدىكى قىزىل گالىستۇكنى مەڭگۈ جەۋلان قىلدۇرىمەن» دېدى مۇراسىم نەق مەيدانىدا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جاڭ يۈخې ھاياجانلانغان ھالدا.

ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، گۈل تەقدىم قىلىش... مۇراسىمنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كىشىلەر خاتىرە ساراينىڭ كىرىش زالىغا كىرىپ، گۈلدەستىلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئىتتىپاقلىشىپ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا سىمۋول قىلىنغان چوڭ تىپتىكى قاپارتما ھەيكەل «پولات ئىستىھكام»نىڭ ئالدىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جەسۇر، تىز پۈكمەس روھىغا چوڭقۇر تەزىم قىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

«بۈگۈن بىزنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ خاتىرىلىشىمىز تىنچلىق ئۈچۈن قۇربان بولغان ئەجدادلار، باشلامچىلارنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، خەلقنى تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىنچلىقتا چىڭ تۇرۇشقا ئويغىتىش ئۈچۈندۇر. تاجاۋۇزچىلىق قىلغان پاكىتنى ئىنكار قىلىدىغان، تارىخنى بۇرمىلايدىغان ھەرقانداق سۆز - ھەرىكەتلەرگە ھەقىقىي ئەھۋال ئالدىدا يوشۇرۇنغۇدەك جاي قويماسلىق، ئۇزاق تىنچلىققا بولغان ئېتىقادنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك» دېدى دۆلەت قۇرغۇچى شاۋجياڭ ۋاڭ ياۋنەننىڭ ئوغلى ۋاڭ تەيخې چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن.

چوڭ زالنىڭ تورۇسىدىكى يۇلتۇزلۇق ئېكراندا بىر توپ يۇلتۇز چاقناپ تۇراتتى − بۇ پۈتۈنلەي يېڭىچە لايىھە توغرىسىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىنىڭ باشلىقى لو سۈنكاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «يۇلتۇزلار توپى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى 400 مىليون قېرىنداشقا سىموۋول قىلىنغان؛ يۇلتۇزلارنىڭ مەركەزگە قاراپ يۆتكىلىپ توپلىنىشى خەلق ئاممىسىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان».

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرانە جەڭ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. يۇلتۇزلۇق ئېكران ئارقىلىق ئەپچىل لايىھەلەنگەن بۇ كۆرگەزمە بۇنىڭ جانلىق كارتىنىسىدىن ئىبارەت.

سەككىز بۆلەك، 12 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان كۆرگەزمە كۆلىمى، 1525 پارچە سۈرەت، 3237 دانە مەدەنىيەت يادىكارلىقى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئۇرۇش ئوتىنى، قاينام - تاشقىنلىق يىللارنى ئومۇميۈزلۈك ئەسلىتىدۇ −

جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئەڭ بۇرۇن ئېلان قىلغان «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خىتابنامىسى»، ئىنقىلابىي قۇربان جاۋ يىمەننىڭ قولغا ئېلىنغاندىن تارتىپ باتۇرلارچە قۇربان بولغانغا قەدەر تەپسىلىي ئارخىپى قاتارلىق نۇرغۇن قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ھۆججەتلەر بۇ يەردە كۆرگەزمە قىلىندى؛

كۆپ خىل ۋاسىتە ۋە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق شەرقىي شىمال ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە ئارمىيەسىنىڭ جاپالىق كۈرىشى، تەيئېرجۇاڭ جېڭى، لەخمە ئۇرۇشى، 100 تۇەن ئۇرۇشى قاتارلىق مەنزىرىلەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، كىشىلەرگە شۇ مۇھىتتا تۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بەردى؛

قاپارتما ھەيكەل «9 - دېكابىر ھەرىكىتى»، ھەيكەل «مەن يەنئەنگە بارىمەن» قاتارلىق ھۇزۇرلىنىش قىممىتىگە ئىگە بەدىئىي ئويمىلار باش تېمىنى بايان قىلىش ئىدىيەسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆرگەزمىنىڭ بەدىئىي كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈردى؛

نىشانلىق ياڭراتقۇدىن تاللاپ ئاڭلىغىلى بولىدىغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ناخشىلىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەزگىلىدە يېزىلغان سالام خەتلەرنى كۆرۈش - ئاڭلاش بوشلۇقى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا دائىر 5000 پارچىدىن ئارتۇق كونا سۈرەتتىن تەركىب تاپقان تىك تۆت تەرەپلىك سۈرەتلەر سېپى قاتارلىقلار، كۆرگەزمىدە تېخنىكىلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ ئالماشتۇرۇشچانلىق كۈچەيتىلىپ، ھېس قىلىش تۇيغۇسى بېيىتىلدى؛

...

تارىخ بىلەن رېئاللىق تۇتاشتۇرۇلغان، مول، تەپسىلىي، ئەمەلىي بولغان كۆرگەزمە، ئىنتايىن جاپالىق بولغان ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى مەنزىرىسى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالدى.

«سۈرەتلەردە تارىخ ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدا ئەسلىمىلەر مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئۇلار بىزگە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچى ۋە زامان - ماكاندىن ھالقىغان دەۋر قىممىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇردى» كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندىن كېيىن ياش كادىر سۈن داپېڭ ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

كۆرگەزمىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن نۇر ئۈنۈمى باش تېمىنى ئىپادىلەشكە سىجىل كۈچ قوشۇپ، ئۇنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى تېخىمۇ بېيىتتى.

«سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز تارىخ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ فاشىستىك زوراۋانلىقى» بۆلىكىدە، چىراغ نۇرى ۋە ئارقا كۆرۈنۈش بىردىنلا غۇۋالىشىپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئاشۇ ئېچىنىشلىق تارىخقا باشلاپ كىرىدۇ؛ «ئۇلۇغ غەلىبە، جۇڭخۇا مىللىتى گۈللىنىشكە قاراپ ماڭغان تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى» بۆلىكىگە كىرگەندە، ئىللىق، ئاستا - ئاستا يورۇيدىغان رەڭدار چىراغ نۇرلىرى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ شانلىق غەلىبىگە قاراپ ماڭغانلىقىغا سىمۋول قىلىنغان.

«قايغۇ - ھەسرەتتىن غەلىبىگە قاراپ ماڭغان ھېسسىيات كەيپىياتى يارىتىش كۆرگەزمىنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئورتاق ھېسسىياتى ۋە ئورتاق ساداسىنى تېخىمۇ ئاسان قوزغىتىپ، بىزگە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە مېۋىسىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى، تىنچلىقنىڭ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.» كۆرگەزمىنى كۆرۈش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچى چې شەنيىڭ بۇ ھەقتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى.

دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلدى، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلدى! بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ سەلتەنەتلىك داستانىنى پۈتتى.

بىر ئۈمىدلىك مىللەتتە قەھرىمانلار بولمىسا بولمايدۇ، بىر ئىستىقباللىق دۆلەتتە ئاۋانگارتلار بولمىسا بولمايدۇ.

كۆرگەزمىدە «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىش» مەخسۇس رايونى ئالاھىدە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مەشھۇر قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلار ۋە قەھرىمانلار توپىنىڭ تىزىملىكىنى ئويۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ئەڭ چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قۇربان بولغان قەھرىمانلار ياد ئېتىلدى.

«زىلزىلىگە سالار يەر - جاھاننى قەھرىماننىڭ جاسارىتى، ئۆتسىمۇ قانچە دەۋر ئۇرغۇپ تۇرار ئەزىمەتنىڭ شىجائىتى. ھەربىر قەھرىمان - ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ھەممىسى بىر ئابىدە، ئۇلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، مىللىي غۇرۇرى، قەھرىمانلىق جاسارىتى بىزنىڭ بۈگۈنكى كۈندە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىزگە ئىلھام بېرىدىغان پۈتمەس - تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ» دېدى ياش كادىر چۈ بىن.

ئىلگىرىكى ئىشلاردىن ئۆرنەك ئالغاندىلا، كەلگۈسىدىكى ئىشلارنى بىلگىلى بولىدۇ.

«تارىخنى ئەستە چىڭ ساقلاش، تىنچلىقنى قەدىرلەش، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش» بۆلىكىگە كىرگەندە، تامدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى خاتىرە ئىزنىكى ۋە مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك ئوردېنى كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ، كۆزنى چاقنىتاتتى. بۇ بۆلەكتە جۇڭگونىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا خەلقى بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدىغانلىقى نامايان قىلىنغان.

يېڭى مۇساپىدە، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

«مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تاپشۇرۇقى قەلبىمگە ئورناپ كەتتى، ئەجدادلارنىڭ روھى مېنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچۈمگە ئايلاندى. كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بىز بۇ بىر ئەۋلاد ياش - ئۆسمۈرلەر غايە، ئېتىقادنى چىڭىتىپ، دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى يەردە قويماي، ئۆزىمىزگە خاس دەۋر نۇرىنى چاقنىتىمىز» دېدى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى جۇ جياڭيۈ قەتئىيلىك بىلەن.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)