بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى قەدەم تاشلاپ، سەنشى تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

2025-07-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى قەدەم تاشلاپ، سەنشى تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىش كېرەك

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭچۈەن شەھىرىنىڭ شىناۋشەن تېغىدىكى 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋە خاتىرە ساراينىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن بوگۇ فوتوسى

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭچۈەن كىلاپان پاي چەكلىك شىركىتىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كارخانا خىزمەتچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تەييۈەن، 7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: سەنشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلارغا ئالاقىدار ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى قەدەم تاشلاپ، سەنشى تۇپرىقىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى تاڭ دېڭجيې ۋە ئۆلكە باشلىقى لۇ دۇڭلياڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ياڭچۈەن، تەييۈەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

100 تۇەن ئۇرۇشى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇھىم ئۇرۇش بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئارمىيە ۋە خەلقنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش ئىشەنچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتقان. 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭچۈەن شەھىرىنىڭ شىناۋشەن تېغىدىكى 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە مۇنارى مەيدانىغا كېلىپ، 8 - ئارمىيە ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. ئارقىدىن، ئۇ 100 تۇەن ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ھەربىر تارىخىي سۈرەت، ھەربىر قىممەتلىك ماددىي بۇيۇم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئارمىيە ۋە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ بىر سەپتە دۈشمەنگە قارشى تۇرۇپ، چەت ئەل تاجاۋۇزچىلىرىغا باتۇرلۇق بىلەن تاقابىل تۇرغان شانلىق تارىخىنى جانلىق نامايان قىلدى، شى جىنپىڭ پات - پات قەدىمىنى توختىتىپ كۆزدىن كەچۈردى ۋە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 تۇەن ئۇرۇشىدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ئۇلۇغ ئىش پارتىيەمىزنىڭ پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى خەلق ئۇرۇشىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

خاتىرە سارىيى زالىدا، شى جىنپىڭ ئېكسكۇرسىيەگە كەلگەن ياش - ئۆسمۈر ئوقۇغۇچىلار ۋە خاتىرە ساراينىڭ خىزمەتچى خادىملىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 88 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە يۈز بەرگەن «7 - ئىيۇل ۋەقەسى» جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما زەربە بېرىشىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، ئىلگىرىكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قالماي، كېيىنكى ئىشلارغا ئۆرنەك قىلىش كېرەك، بۇ جايغا كېلىشتىكى مەقسەت روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىشنى قوبۇل قىلىش. كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەر ئەڭ ياخشى دەۋردە ياشاۋاتىسىلەر، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار دېگەن ئۇلۇغۋار ئىرادىنى تۇرغۇزۇپ، ۋىجدانلىق، شەرەپلىك، پەخىرلىك جۇڭگولۇقلاردىن بولۇپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر چوڭ ۋەزىپىسىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممەڭلەرگە ئېلىشىڭلار كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ياڭچۈەن كىلاپان پاي چەكلىك شىركىتىگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سەنشى ئۆلكىسىنىڭ كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇ كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كىرىپ، كۆمۈر گازى كىلاپانى، ئېلېكتىرلىك ئايلانما تاختىلىق كىلاپان قاتارلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ۋە سېتىلىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، بازار ئېھتىياجىنى ئىگىلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئۇ كارخانا خىزمەتچىلىرىگە مۇنداق دېدى: دۆلىتىمىزنىڭ سانائەت تەرەققىياتىدا ئىلگىرى بازغان، بولقىغا تايانغانىدۇق، بۈگۈنكى كۈندە ئىلغار تېخنىكا ۋە جابدۇقلارغا تايىنىپ سەۋىيەنى ئۆستۈرۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. ئوقەتچىلىك دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ، ئەمەلىي ئىشلەش دۆلەتنى گۈللەندۈرىدۇ. سىلەرنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلەپ، ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن كۆپرەك تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

7 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سەنشى ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، سەنشىنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەرگە قارىتا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلەت بايلىق تىپىدىكى ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق رايونى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى سەنشىگە تاپشۇرغان بىر تۈرلۈك ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى ساقلاپ، تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى قەتئىي، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مۇۋاپىق كۆپ خىل تەرەققىياتنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ توك، كۆمۈر بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىگە ئېلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆمۈرچىلىك كەسپىنىڭ تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە، كۆمۈر مەھسۇلاتلىرىنىڭ دەسلەپكى يېقىلغۇدىن قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتقا قاراپ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە خام ماتېرىيال بازىسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە بەرپا قىلىشنى كۆزلەپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق ئېنېرگىيەلەرنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى چۆرىدەپ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، سەنشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىككە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۆپ خىل تەرەققىيات شارائىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشتا جەزمەن بىخەتەرلىك، مۇقىملىق تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىلارنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، «ياشانغانلار، بالىلار» قاتارلىقلارغا ئالاقىدار نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئامانلىقى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىشنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپ تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەرگە قانۇن بويىچە زەربە بېرىپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تاغنى تۈزەش، سۇنى تۈزەش، ئاتموسفېرانى تۈزەش، شەھەرنى تۈزەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ۋە ۋادىلاردىكى سۇ - تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، كان ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى توسۇش كېرەك. نۆۋەتتە ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلى يېتىپ كەلدى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇش لايىھەسى ۋە ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش تەييارلىق خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەيسەرلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى جەزمەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇش، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى چىڭ، ئىنچىكە تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا ھەقىقىي بولۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىدە ئەمەلىي بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمى ۋە تەجرىبىلىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك تۈزۈم - مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.