پارتىيە ئەزاسى 100 مىليون 271 مىڭ نەپەر، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى 5 مىليون 250 مىڭ
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى پۇختا قەدەم بىلەن زورايدى، قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى
ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۈچەيدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئەڭ يېڭى پارتىيە ئىچكى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 100 مىليون 271 مىڭ نەپەر بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 1 مىليون 86 مىڭ نەپەر ساپ كۆپەيگەن. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى 5 مىليون 250 مىڭ بولۇپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 74 مىڭ ساپ كۆپەيگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھات روھى ۋە قاتتىق ئۆلچەم ئارقىلىق پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچەپ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنى كۈچەيتىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قوشۇن بەرپا قىلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.
پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تەكشى، مۇقىم ئاشتى. پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 2023 - يىلىدىكىدىن %1.1 كۆپەيدى. پۈتۈن بىر يىلدا پارتىيە ئەزالىقىغا تەرەققىي قىلدۇرۇلغانلار 2 مىليون 131 مىڭ نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەپچىقىرىش، خىزمەتنىڭ بىرىنچى سېپىدىكىلەر 1 مىليون 120 مىڭ نەپەر بولۇپ، %52.6نى ئىگىلىدى؛ ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار 1 مىليون 159 مىڭ نەپەر بولۇپ، %54.4نى ئىگىلىدى؛ 35 ياش ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن ياشتىكىلەر 1 مىليون 784 مىڭ نەپەر بولۇپ، %83.7نى ئىگىلىدى.
پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە پارتىيە ئەزاسى 57 مىليون 786 مىڭ نەپەر بولۇپ، %57.6نى ئىگىلەپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 1.4 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئايال پارتىيە ئەزاسى 30 مىليون 995 مىڭ نەپەر بولۇپ، %30.9نى ئىگىلەپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 0.5 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى؛ ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 7 مىليون 734 مىڭ نەپەر بولۇپ، %7.7نى ئىگىلەپ 2023 - يىلىدىكى بىلەن تەڭلەشتى؛ ئىشچىلار ۋە دېھقانلار يەنىلا پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %32.7ىنى ئىگىلىدى.
پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلدى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا تەربىيەلەنگەن پارتىيە ئەزالىرىنىڭ سانى 2023 - يىلىدىكىدىن %16.5 ئاشتى، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى پارتىيە كومىتېتلىرى 4 مىليون 366 مىڭ نەپەر ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسىغا قارىتا خىزمەتتىن ئايرىپ تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى. پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇشى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلدى، 3200 يەرلىك پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىك بەنزىسى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، 4 مىليون 518 مىڭ پارتىيە ياچېيكىسى تەشكىلىي تۇرمۇش يىغىنى ئاچتى، پارتىيە ئەزالىرىنى دېموكراتىك باھالاشنى قانات يايدۇردى. پارتىيە ئىچىدىكى تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش، غەمخورلۇق قىلىش كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىلدى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى جەمئىي 175 مىڭ ئىلغار ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنى تەقدىرلىدى، 728 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىنى تەقدىرلىدى، 240 مىڭ نەپەر مۇنەۋۋەر پارتىيە ئىشلىرى خىزمەتچىسىنى تەقدىرلىدى. پۈتۈن بىر يىلدا «پارتىيە قوينىدىكى شەرەپلىك 50 يىل» خاتىرە مېدالىدىن 894 مىڭ دانە تارقىتىلدى.
ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاندى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي ئاساسىي قاتلام پارتىيە كومىتېتىدىن 306 مىڭى، باش ياچېيكىدىن 330 مىڭى، ياچېيكىدىن 4 مىليون 614 مىڭى تەسىس قىلىنىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 9000ى، 5000ى، 60 مىڭى كۆپەيدى، تەشكىلىي جەھەتتە تەسىس قىلىش تېخىمۇ ئىلمىيلاشتۇرۇلدى، قېلىپلاشتۇرۇلدى. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش ئارقىلىق يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، كەنت پارتىيە تەشكىلاتى باشلامچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، 485 مىڭ نەپەر كەنت پارتىيە تەشكىلاتى شۇجىسى ئىچىدە، ئالىي تېخنىكوم ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغانلار %47.6نى ئىگىلەپ، 2023 - يىلىدىكىدىن 3.6 پىرسەنت پوئېنت ئاشتى. كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجىلىققا سىجىل تۈردە كۈچلۈكلىرى ئەۋەتىلدى، ياخشىلىرى ئىشلىتىلدى، ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى 192 مىڭ نەپەر بولۇپ، مەملىكەت بويىچە %39.5 مەمۇرىي كەنتنى قاپلىدى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە - مېخانىزمى تېخىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇلدى، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشكە كۈچ قوشۇش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، شەھەر - يېزا مەھەللىلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمەت كۈچى يەنىمۇ تولۇقلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈنۈمى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. ھەرقايسى ساھەلەردىكى پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل مۇستەھكەملەندى، كېڭەيدى، ئورگان، كەسپىي ئورۇن، كارخانا ۋە جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي ئىقتىدارى ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز تەرەققىيات ئەۋزەللىكى، ئىدارە قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.