«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 13 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016 - يىلى 10 - ئايدىن 2025 - يىلى 4 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا، ئۇلۇغ كۈرەش روھىغا ئىگە خەلق. پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق، زىچ ئىتتىپاقلىشىشقا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. يېڭى مۇساپىدە بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق ئىشى، شۇنداقلا خەۋپ - خەتەر، خىرىسلارغا تولغان، جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش، جەزمەن ئومۇمىي خەلق ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىي خەلققە زىچ تايىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ ئۇيۇشۇپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جەزمەن جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەڭ كەڭ بىرلىك سەپنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، قوزغىتىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى قوزغىتىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچلەرنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملەش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر خىل بەخت. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشىلىك ھايات غايىسىنىڭ يەلكىنىنى كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ جەۋلان قىلدۇرۇش كېرەك. كۈرەش قىلىش جاپالىق، ئۇزاق مۇددەتلىك، ئەگرى - توقاي بولىدۇ، جەزمەن تېخىمۇ مۈشكۈل، تېخىمۇ جاپالىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە تەييارلىنىش كېرەك. دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ئىسلاھات - تەرەققىيات ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشنىڭ مۇھىم باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدا، بىز دۇچ كېلىدىغان زور كۈرەشلەر ئاز ئەمەس. قورشاش، چەكلەش، بېسىش ئالدىدا، بىز مەردانىلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. جەزمەن كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك ھالدا زور خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، زور خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇپ، زور توسالغۇلارنى يېڭىپ، زور زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ كۈرەشنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش − پارتىيەنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ شانلىق تارىخنى ياراتتۇق، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، دادىللىق ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلساقلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غالىب كېلىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.