شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئەددىس - ئەبېبە، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ليۇ فاڭچياڭ، خەن شۈ) «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»دىن ئوقۇرمەنلەر ھەمبەھرىلىنىش يىغىنى 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئېفىيوپىيە پايتەختى ئەددىس - ئەبېبەدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جياڭ جيەنگو، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ تاۋ، جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى چېن خەي، لىبېرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى جېدى موبۇلېي ئاما ھەمدە ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى سىياسىي ساھە، ئىلىم ساھەسى، تاراتقۇ، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتارلىق ھەر ساھە زاتلىرىدىن تەخمىنەن 150 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى.
جياڭ جيەنگو سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نىڭ 13 خىل چەت ئەل تىل - يېزىقى نۇسخىسى ئىلگىرى - كېيىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىپ، پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسى ۋە نۇرغۇن سىياسىي ساھە، ئىلىم ساھەسى، ئاقىللار ئامبىرى ساھەسى، تاراتقۇلار ساھەسى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەردىكى ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلدى. بۇ ئەسەردىن ئوقۇرمەنلەر رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىغا خاس خەلقچىل ھېسسىياتى ۋە دۇنياۋى مۇھەببىتىنى چۈشىنەلەيدۇ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشتىكى 100 يىللىق ئىنتىلىشىنى ھېس قىلالايدۇ، جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ ئورتاق كېڭىشىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى ھېس قىلالايدۇ.
ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ۋە ئافرىقا ۋەكىللىكىدىكى يەرشارىنىڭ جەنۇبى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، دۇنيا تەرتىپىنى قايتا ئورنىتىدىغان بىر ئاچقۇچلۇق كۈچكە ئايلانماقتا. كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدېئولوگىيەلەشتۈرۈشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، تەكەببۇرلۇق قىلىدىغان «كىشىلىك ھوقۇق ئەقىلدارى» بولۇشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك، كىشىلىك ھوقۇق نامى بىلەن زومىگەرلىك قىلىدىغان قىلمىشقا قەتئىي قارشى تۇرۇش كېرەك. بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئافرىقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆرنەك قىلىشقا بولىدىغان پايدىلىق قوللانما بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو − ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
چېن خەي سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو − ئافرىقا ئىككى تەرەپ جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىش كېرەك دەپ قاراپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇشقا بىردەك قارشى تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن ئېفىيوپىيە جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىدا ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. سىياسىي جەھەتتە چوڭقۇر ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە خەلقنىڭ دوستلۇق ئاساسىغا تايىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق جەھەتتىكى ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى جۇڭگو − ئافرىقا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشىدۇ.
جېدى موبۇلېي ئاما سۆزىدە مۇنداق دېدى: «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ئوقۇرمەنلەرنى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشتە يىلتىز تارتقان ئۆزگىچە كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپلا قالماي، يەنە بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەت ئۈلگىسى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ ئۈلگە تارىخ تەرىپىدىن يارىتىلغان بولۇپ، تەرەققىيات رېئاللىقىدا يىلتىز تارتقان، باشتىن - ئاخىر دۇنيا بىلەن سۆھبەتلىشىشتەك ئېچىۋېتىش ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ مۇنداق قارىدى: ھەربىر دۆلەت جەزمەن ئۆزىنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىيات باسقۇچىغا ئاساسەن، دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان يول ئېچىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىززەت - ھۆرمەت، ھەققانىيەت ۋە باراۋەرلىككە بولغان ئورتاق ئىنتىلىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، بۇ ئىدىيە چوڭقۇر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىدۇ.
يۈ تاۋ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: بۇ ئەسەر ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر جۇڭگونىڭ خەلقنى مەركەز قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەسىگە باشتىن - ئاخىر ئەمەل قىلغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرغان ئەمەلىيەت يولىنى، جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتى ۋە يۈكسىلىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرغانلىقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى مۇھەببىتىنى تولۇق چۈشىنەلەيدۇ.
پائالىيەتتە جياڭ جيەنگو قاتارلىقلار ئېفىيوپىيە سىياسەت تەتقىقات ئورنىدىكى ئەزىز مېھمانلار ۋەكىللىرىگە «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىنگلىز تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى سوۋغا قىلدى.
ھەمبەھرىلىنىش يىغىنىدا، مۇتەخەسسىس، ئالىملار «شى جىنپىڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە»نى ئوقۇش تەسىراتىغا بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق مۇھاكىمە تېمىسىنى چۆرىدەپ پىكىر ئالماشتۇردى، مۇھاكىمە قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ پائالىيەتنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى، جۇڭگونىڭ ئېفىيوپىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى، جېجياڭ سىفەن داشۆسى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.