شى جىنپىڭ 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ

2025-08-24 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈردى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنى ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يىغىنغا قاتنىشىدىغان رەھبەرلەر ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ۋە ئىككى تەرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، يۈەن رۇي) 8 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈردى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ بىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

ليۇ بىن مۇنداق بىلدۈردى: 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە تيەنجىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى 5 - قېتىم مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈشى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى. شۇ چاغدا، رەئىس شى جىنپىڭ 20 نەچچە نەپەر چەت ئەل رەھبىرى ۋە ئون نەپەر خەلقئارا تەشكىلات مەسئۇلى بىلەن خەيخې دەرياسى ساھىلىغا جەم بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، تەشكىلاتنىڭ تېخىمۇ زىچ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ مەردانە قەدەم تاشلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

ليۇ بىن مۇنداق دېدى: تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ يىلقى ئەڭ مۇھىم دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسى ۋە ئاساسىي مەيدان دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. رەئىس شى جىنپىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنى ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئايرىم - ئايرىم ھالدا يۇقىرىقى ئىككى مەيدان يىغىندا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش، دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇشتىكى يېڭى ئويلىنىشى، يېڭى تەشەببۇسىنى ئىزاھلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى قوللاشتىكى يېڭى تەدبىرى، يېڭى ھەرىكىتىنى جاكارلايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئىجابىي قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى يولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «تيەنجىن خىتابنامىسى»نى ئىمزالايدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى تەستىقلاپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى توغرىسىدىكى باياناتنى ئېلان قىلىپ، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار نەتىجە ھۆججەتلىرىنى ماقۇللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ يەنە يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزىدۇ، كۆپ مەيدان ئىككى تەرەپ پائالىيىتىنى زىچ ئۆتكۈزىدۇ.

ليۇ بىن مۇنداق كۆرسەتتى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان 24 يىلدىن بۇيان، «ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش»تىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئالتە قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتتىن تەرەققىي قىلىپ ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى 26 دۆلەتنى قاپلىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە ئايلىنىپ، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغدايدىغان، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا ئورتاق نەپ يەتكۈزىدىغان، پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، كەلگۈسىدە ئورتاق پايدا ئالىدىغان تىنچ تەرەققىيات يولى، يېڭىچە ھەمكارلىق يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى. يېڭى دەۋردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنى پىلانلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەشكىلاتنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى، رولىنى جارى قىلدۇرۇشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى قوشتى. رەئىس شى جىنپىڭ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇش، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتىن ھالقىغان تەرەققىيات قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، ھەمكارلىق قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدىن ئىبارەت «يېڭى بەش قاراش»تا چىڭ تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ، خاتىرجەم بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان «بەش ئورتاق ماكان» بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ئاممىۋى سەھىيە، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى جاكارلاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە دىپلوماتىيە ئەمەلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتتى.

ليۇ بىن مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تېز تەرەققىي قىلىش مۇھىم باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن سىياسىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ھەمكارلىق قۇۋۋىتىنى قوزغىتىپ، ئورتاق سادا ياڭرىتىپ، بىرلەشمە ھەرىكەت قوللىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە مۇستەھكەملىكى ئارقىلىق خەلقئارا مۇھىتتىكى ئېنىقسىز، مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئامىللارغا تاقابىل تۇرۇپ، بۇ رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە ئۇزاققىچە تىنچ، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللەنگەن، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان، ئىناق، دوستانە بولغان ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، دوستانە، ئىتتىپاق، نەتىجىلەر مول بولغان بىر نۆۋەتلىك تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى چوقۇم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ ئىتتىپاق بولغان، ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدىغان، تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى» قوشىدۇ.

ليۇ بىن يەنە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بەردى.