ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە چىن كۆڭلىدىن تىلەكداشلىق بىلدۈردى، كۆپچىلىكنىڭ داۋاملىق بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يارقىن قارلىق رايون سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلدى.
شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈش نەق مەيدانىغا كەلگەندە، پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، پات - پات ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
شى جىنپىڭ يەنە ئايرىم - ئايرىم ھالدا شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ھەم ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە بۇتخانا باشقۇرۇش كومىتېتى كادىرلىرى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ لاسادا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى قىسمەن ئىلغارلار - نەمۇنىچىلار، مەمۇرىي خادىملار بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن شىزاڭدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە سەمىمىي سالام يوللىدى ھەم كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، لوساڭ جياڭسۈن، خۇ چۇنخۇا، پابالا گېليېلاڭجيې ۋە جاڭ شېڭمىن، شىزاڭدا خىزمەت قىلغان پېشقەدەم يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار ئالاقىدار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.