− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە
□خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، خۇ زېشى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى سەھەردە، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئېچىلدى. شىزاڭ لاسادا، ھەيۋەتلىك، قەدىمىي بۇدالا سارىيى سانسىزلىغان تارىخىي چوڭ ئىشلارغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا يېڭى تارىخقا گۇۋاھ بولماقتا: بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن ھەر مىللەت ئامما قىزىل بايراقلارنى لەپىلدىتىپ، تەرەپ - تەرەپتىن بۇدالا سارىيى مەيدانىغا جەم بولدى.
1965 - يىلى 9 - ئايدا شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، ناھايىتى تېزلا 60 يىل ئۆتۈپ كەتتى. تۆت پەسىل ئۈزلۈكسىز ئالمىشىپ، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى، شىزاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، «قىسقىغىنا نەچچە ئون يىلدا مىڭ يىلدىن ئارتۇق ھالقىش»تەك دۇنياۋى مۆجىزىنى ياراتتى.
تارىخىي تۈگۈن نۇقتىسىدا، تەنتەنىلىك پەيتتە، باش شۇجى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ كەلدى!
شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭغا كېلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش.
سائەت 10 ئەتراپىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىغىن رەئىس سەھنىسىگە چىققاندا، ئالقىش سادالىرى يەر - جاھاننى لەرزىگە سالدى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا باش شۇجى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىزاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى» دەپ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن تەبرىك تاختىسى تەقدىم قىلىندى.
بۇ يېڭى سەھىپىنى قانچىلىغان ئادەم قانچىلىغان يىلدا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ پۈتۈپ چىققان - ھە!
بۇ يېڭى سەھىپە 60 يىلدىن بۇيان شىزاڭنىڭ قىياپىتىدە يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ داۋامى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە ئۈزلۈكسىز ياراتقان يېڭى مۆجىزىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى!
تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش تارىختىن كۈچ قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، ئايىغىمىز ئاستىدىكى يولدا ياخشى مېڭىش، كەلگۈسىگە يول ئېچىش ئۈچۈن.
شىزاڭ بېسىپ ئۆتكەن 60 يىلنى ئەسلىسەك، ئۇ جايدا ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىشقىچە، يەنە قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان مۇساپە بار، «مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا مېڭىش»تىكى ئىزدىنىش ۋە قەتئىيلىك بار.
ئالدىمىزغا نەزەر سالساق، داغدام يول تۈپتۈز بولۇپ، رەڭگارەڭ گۈللەر ئېچىلغانىدى.
«بىز شىزاڭنىڭ يېڭى 60 يىلىنى ئېچىۋاتىمىز. بۇ جەرياندا، بىز ئالدى بىلەن ئىككىنچى 100 يىلنى ئاچىمىز.» باش شۇجى شى جىنپىڭ شىزاڭنىڭ تەرەققىياتىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ «ئىككى 100 يىل» چوڭقۇرلۇقىغا قويۇپ ئويلاندى. تاغ ئېگىز، يول يىراق بولسىمۇ قورقۇپ قالماي، بوران - چاپقۇنغا دۇچ كەلسەكمۇ قىلچە ئىككىلەنمەي، يول ئېچىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز: «ياخشى كۈرەش قىلىپ، ياخشى تىرىشىپ» «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك».
60 يىللىق غايەت زور ئۆزگىرىش:
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، يېڭى شىزاڭمۇ بولمايتتى»
لاساغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى كۆپ قېتىم كۆردى، ئاڭلىدى: «بېيدوۋ يۇلتۇزىنى بەلگە قىلىپ ماڭساق يولدىن ئېزىپ قالمايمىز، كوممۇنىستىك پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساق بەختلىك بولىمىز».
60 يىل ئىلگىرىكى كۈزدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق 1 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى داغدۇغىلىق ئېچىلىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى.
«ھاكىمىيەت بىلەن دىن بىرلەشتۈرۈلگەن بولۇش»تىن خەلق دېموكراتىيەسىگىچە، فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىدىن سوتسىيالىستىك تۈزۈمگىچە، شۇنداقلا قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، ئارقىدا قېلىشتىن ئىلگىرىلەشكە، نامراتلىقتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىشقىچە... شىزاڭ خەلقى مۇنداق دېدى: بۇ «مىڭ يىللىق سەكرەش» پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئاندىن ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىنسانىيەت تارىخىدا ئاز كۆرۈلىدىغان مۆجىزە.
شىزاڭ سەپىرىدە، ھەممە يەرگە 100 يىلنى باشتىن ئۆتكۈزگەن چوڭ پارتىيە بىلەن خەلق ئاممىسىنىڭ بېلىق بىلەن سۇدەك چوڭقۇر مۇھەببىتى ئويۇلغان.
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، يېتىپ بارغاندا ئايرودۇرۇم، يول بويىدا خۇشال ناخشا ساداسى ياڭرىدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا سەمىمىي تاپىلىدى. بۇ كۈنى، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئەدەبىيات - سەنئەت كېچىلىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى تۇرار جايىغا قايتىپ كەلدى، كېچە ئاسمىنىدا ساليۇتلار چاقنىدى.
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى. ئايرودۇرۇمغا كەلگەندە، مۈرىسىگە خادا ئارتقان باش شۇجى ئايروپىلان شوتىسىغا چىقىپ قول ئىشارىسى قىلىپ خوشلاشتى، ئايرىلىشقا كۆزى قىيمىغان كادىرلار، ئامما ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، بىر مەنزىلدىن يەنە بىر مەنزىلگە ئۇزىتىپ، ئەڭ تەسىرلىك كۆرۈنۈشنى نامايان قىلدى.
قەدىمدىن ھازىرغىچە، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلىش، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىش دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم تېما بولۇپ كەلدى. ئارىلىقنى ئۇزارتىپ تارىخقا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاندىن ئۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى، يورۇقلۇق سىزىقى، قۇرۇلمىسى، مەنزىلىنى ئېنىق كۆرەلەيمىز. دەل 60 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يىراقلاپ كەتكەن ۋاقىتقا قايتا نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چاقنىغان ماركسىزملىق ماتېرىيالىستىك دىيالېكتىكىنىڭ ئىدىيە نۇرىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.
شىزاڭ جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ئەڭ ئاخىرىدا ئازادلىققا ئېرىشكەن مىللەتلەر رايونى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى بۇ ئاساسىي تۈزۈم رامكىسى 1 مىليون 200 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق كەڭ تۇپراقتا يېيىلغاندا، كىشىلەر ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىشتىن بارلىققا كەلگەن چوڭقۇر ئۆزگىرىشنى كۆردى.
سان كۈچ - قۇدرەتكە ئىگە.
«ئاپتونوم رايوننىڭ 60 يىللىق تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئارقىلىق ئېلان قىلىندى، بۇ، كىشىنى ناھايىتى روھلاندۇرىدۇ. بۇ بىرقانچە ساندىن نېمىنىڭ ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جانلىق قىلىپ مۇنداق دېدى:
ئىقتىساد جەھەتتە، 2024 - يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1965 - يىلىدىكىنىڭ 155 ھەسسىسىگە، شەھەر - بازار ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 1965 - يىلىدىكىنىڭ 121 ھەسسىسىگە، دېھقان - چارۋىچى ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 1965 - يىلىدىكىنىڭ 199 ھەسسىسىگە توغرا كەلدى.
جەمئىيەت ئىشلىرىدا، مۇتلەق نامراتلىق تارىخىي خاراكتېرلىك تۈگىتىلىپ، 74 نامرات ناھىيە، رايوننىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 15 يىللىق ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن ئوقۇش مەملىكەت بويىچە باشلامچىلىق بىلەن يولغا قويۇلدى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى 72.5 ياشقا يەتتى.
«ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىسا يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، يېڭى شىزاڭمۇ بولمايتتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى فاڭجېن - سىياسەتلىرى تامامەن توغرا».
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇنقى تەبرىكلەش يىغىنىدا، بىۋاسىتە كۆرسىتىش كامېراسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا شىزاڭنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى ھەقىقىي، جانلىق بايان قىلىندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چىنىڭ ھەمراھلىقىدا، مەزمۇت قەدەم بىلەن رەئىس سەھنىسىگە چىقتى.
كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا، كۆز يەتكۈسىز تاغلار ئارىسىدا ئالقىش ساداسى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
دۆلەت شېئىرى ياڭرىدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق شامالدا لەپىلدىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ گوچىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسىنى ئوقۇدى.
ۋاڭ خۇنىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ بېغىشلىما يېزىپ بەرگەن تەبرىك تاختىسىنى تەقدىم قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ، زاڭزۇ ئامما ۋەكىلى جوما رېنزېڭ يىغىندا سۆز قىلدى.
«مېنىڭ بۇ ئۆمرۈم كوممۇنىستىك پارتىيە بەرگەن يېڭى ھايات» دېدى جوما رېنزېڭ سۆز قىلغاندا ئېسەدەپ تۇرۇپ.
ئۇ شىزاڭنىڭ فېئودال يانچىلىق تۈزۈمىدىن قۇتۇلۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان ھەيۋەتلىك ئۆزگىرىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزگەن، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شەخسىي تەقدىرىمنىڭ ئۆزگىرىشى پۈتكۈل شىزاڭنىڭ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.» «پارتىيەنىڭ مېھىر - شەپقىتى دەرەخ يىلتىزىغا ئوخشاش قەلبىمدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، قان - قېنىمغا سىڭدى، ئۆمۈر بويى مەڭگۈ ئۇنتۇمايمەن».
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن چاۋاك چالدى.
رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۇدۇلىدا، قىپقىزىل بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئېگىز جەۋلان قىلىپ تۇراتتى. يەنە ئالدى تەرەپكە نەزەر سالغاندا، كۆركەم، ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل نەنشەن باغچىسىنىڭ تاغ چوققىسى بار ئىدى. تاغ چوققىسىدا «ياشىسۇن ۋەتەن» دېگەن خەتلەر ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى، بۇمۇ ئېگىزلىك ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ يۈرەك ساداسىنىڭ تەسۋىرى ئىدى.
ھەيۋەتلىك ئاممىۋى نامايىش قوشۇنلىرى رەئىس سەھنىسى ئالدىدىن بىر - بىرلەپ ئۆتتى. «بايراق يېتەكچىلىك قىلىش» «تۆت چوڭ ئىش» «يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش» «كەلگۈسىگە يۈزلىنىش»تىن ئىبارەت تۆت بۆلەكتە ۋاقىت ئاساسىي ئوق قىلىنىپ، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىلدى. «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرايلى، ئەمەلىيلەشتۈرەيلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى. ئىدىيە يول باشلىدى، مۇساپە ھەيۋەتلىك بولدى.
يەتتە ۋىلايەت، شەھەرنىڭ بېزەكلىك ئاپتوموبىلى ۋە ئويۇن قويۇش چاسا ئەترىتى بارلىق ماھارىتىنى كۆرسەتتى.
«بەختلىك لاسا»دا، مىڭ يىللىق قەدىمىي شەھەر قوغداش ۋە يېڭىلاش جەريانىدا شانلىق نۇر چاچتى، كېسان گۈللىرى ئېچىلىپ، لەرزان ئۇسسۇلغا چۈشتى؛
«ئېچىۋېتىلگەن رېكازې»دا، جەنۇبىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن ئېچىۋېتىلگەن مەركىزىي شەھەر تەرەققىياتىنىڭ يېڭى قىياپىتى نامايان قىلىنىپ، جياشيې ئۇسسۇلى ئارقىلىق مەدھىيە ئوقۇلدى؛
«زاڭزۇ قەدىمىي مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەسى شەننەن»دە، «ئائىلەم يۈمەي، ۋەتىنىم جۇڭگو»دىن ئىبارەت دۆلەت زېمىنىنى قوغداش روھى نامايان قىلىنىپ، چيۇڭجيېجو ئۇسسۇلى مەردانە ئوينالدى؛
«مەپتۇنكار گۈزەل لىنجى»دا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش باشلامچىلىرىنىڭ ھېكايىسى بايان قىلىنىپ، رېما چالغۇسىنىڭ ئاۋازى كۆكتە ئۇزاققىچە ياڭرىدى؛
«قىزىل چاڭدۇ»دا، شىزاڭدىكى تۇنجى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق كۆتۈرۈلگەن جاي نامايان قىلىنىپ، لەرزان يەلپۈگۈچ يەڭ ئۇسسۇلى ئوينالدى؛
«دېڭىز يۈزىدىن پەۋقۇلئاددە ئېگىز ناچۈ»دە، مەملىكەت بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى ئەڭ يۇقىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر نامايان قىلىنىپ، شادىيانە گوجۇاڭ ئۇسسۇلى ئوينالدى؛
«كۆكتىكى ئالى»دا، «دۇنيا ئۆگزىسىنىڭ ئۆگزىسى» دېگەن نامى بار ئالىدىكىلەرنىڭ ئوتتەك قىزغىن بەخت تىلەشلىرى ئارقىلىق ئىپتىخارلىق ھېسسىياتى ئىپادىلەندى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن - ئاخىر كۆرۈپ، پات - پات قول ئىشارىسى قىلدى، چاۋاك چالدى.
«پۇقرالارنىڭ، بولۇپمۇ زاڭزۇ ئاممىسىنىڭ بۈگۈنكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشىشىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدى.» ئاددىي سۆزلەردە كوممۇنىستلارنىڭ قارلىق ئېگىزلىكتە ئۇزاقتىن بۇيان چىڭ تۇرۇپ كەلگەنلىكى ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكى نامايان قىلىندى. «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇشۇ يەردە.» باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك».
تەبرىكلەش يىغىنى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسى بىلەن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى شىزاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. لاسا، رېكازې، ئالى، چاڭدۇ، ناچۈ، لىنجى، شەننەندە، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكى يىراق مۇساپىنى بېسىپ، كېچە - كۈندۈز يول يۈرۈپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ تىلىكىنى ھەرقايسى جايلارغا يەتكۈزدى ھەم ھەرقايسى جايلارغا باش شۇجى يېزىپ بەرگەن «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، گۈزەل شىزاڭنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن بېغىشلىما چۈشۈرۈلگەن تەبرىك تاختىسى ۋە تەبرىك لەۋھەسىنى تەقدىم قىلدى.
يېڭى دەۋردە داغدام قەدەم تاشلاش:
«پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرا، شىزاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن»
دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئامىل مۇھىم نۇقتا ۋە نېگىزنى تۇتۇشتا.
دوكلات يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك».
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىزاڭ خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەردە چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە جىددىي جاۋاب بېرىشكە توغرا كەلدى. ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»تىن ئىبارەت مۇھىم ھۆكۈمنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇمۇ شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قىلچە چەتنەشكە بولمايدىغان بىر ئاساسىي لىنىيە.
يىللارنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، شىزاڭ تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىرلىكتە تارىخنى پۈتۈش، مەدەنىيەت يارىتىش، روھ يېتىلدۈرۈشتىكى كۈرەش تارىخى بولدى. «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشايلى»، دۆلەت بىرلىكىنىڭ ئۇلى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى، مەنىۋى كۈچنىڭ جېنى بۇ سۆزدە تولۇق ئىپادىلەندى.
ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىر ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ ئاچقۇچى قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە.
دوكلات يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى»دىن ئىبارەت «بەش تارىخ» تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتىن ئىبارەت «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك.
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى تۈپ قوللانما.
2015 - يىلى، 2020 - يىلى، مەركەز ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 6 - قېتىملىق، 7 - قېتىملىق شىزاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. شىزاڭ تەرەققىياتى ئەڭ ياخشى، ئۆزگىرىش ئەڭ زور بولغان، ئامما ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن تارىخىي مەزگىلگە قەدەم قويدى، ئەمەلىيەت شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، «پارتىيەنىڭ فاڭجېن - سىياسەتلىرى توغرا، شىزاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن».
«14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تاماملىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈلۈپ ئورۇنلاشتۇرۇلماقتا. شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى قانۇنىيەتلىك تونۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، قانداق قىلغاندا زامانىۋىلاشتۇرۇش ئاساسىنى داۋاملىق پۇختىلىغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى: «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى تۇتۇش كېرەك».
60 يىللىق تەرەققىيات مۇساپىسىدە، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى تۇنجى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە 50 يىل ۋاقىت كەتتى، ئىككىنچى 100 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە پەقەت ئالتە يىل ۋاقىت كەتتى. بۈگۈنكى شىزاڭدا، پاكىز ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېگىزلىك يېنىك سانائىتى قاتارلىق كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە بەرپا قىلىندى.
بۇ قېتىم، باش شۇجى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىنتايىن مۇھىم رولىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى: «شىزاڭ تەرەققىياتىنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكى بار، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا جەزمەن ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، ئېگىزلىك ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چۆرىدەپ، ئېگىزلىك خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك».
يول ئىلگىرى شىزاڭغا نىسبەتەن زور باش قېتىنچىلىقى ئىدى. تىنچ ئازاد قىلىنىشتىن ئىلگىرى، شىزاڭدا ئاپتوموبىل ماڭالايدىغان بىرمۇ يول يوق ئىدى، تۆمۈريولدىن تېخىمۇ سۆز ئاچقىلى بولمايتتى.
1998 - يىلى تۇنجى قېتىم شىزاڭغا بارغاندا، لاسادىن لىنجىغا بارغۇچە، يولداش شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ توپتوغرا بىر كۈن يول يۈردى. 2021 - يىلىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «فۇشىڭ ناملىق» پويىزغا ئولتۇردى، بۇ بۆلەك يولغا پەقەت ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كەتتى. پويىزدا، باش شۇجى يەنىلا ئىنچىكە پىلان تۈزدى: «غەربىي قىسىمدا بوشلۇق بەك زور، كەلگۈسىدە يەنە قاتناش خەرىتىسىنى تولۇقلاپ سىزىش كېرەك».
بۈگۈنكى كۈندە، شىزاڭ تاشيولىنىڭ قاتناش باشلانغان تاشيول مۇساپىسى 124 مىڭ 900 كىلومېتىرغا يەتتى، يېزا - بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرگە تاشيول تۇتاشتۇرۇلۇش نىسبىتى %100كە يەتتى، 183 ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلدى، تەبىئىي توسۇق داغدام يولغا ئۆزگەردى.
«يالۇزاڭبۇ دەرياسى تۆۋەن ئېقىنى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.» دوكلات يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىرنەچچە چوڭ ئىشنى تىلغا ئالدى: «بۇ تۈرلەر ئەسىر قۇرۇلۇشى، شىزاڭنىڭ مۇھىم قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا دۆلەتنىڭ چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشى. بۇ بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەرنى سەرخىل قۇرۇلۇش، بىخەتەر قۇرۇلۇش، يېشىل قۇرۇلۇش، ئىجادىي قۇرۇلۇش، پاك قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك».
ئۆتكەن ئايدىلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ تۈرتكە بولغان يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىدا رەسمىي ئىش باشلىنىپ، دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. «مەن بۇ ئىشقا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم. يالۇزاڭبۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىش ئىلگىرىكى شىزاڭدا ھەقىقەتەن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىش ئىدى. شىزاڭ ئەمدى چەت، ئارقىدا قالغان رايون ئەمەس. تاشيول، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەڭ ئېلىپ بېرىلىپ، كىشىلەرنىڭ بېرىپ - كېلىشى قولايلاشتى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى پۈتۈن مەملىكەتكە يەتكۈزۈلدى».
ئېكولوگىيە شىزاڭدىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى».
ئاجايىپ ھەيۋەتلىك جۇمۇلاڭما چوققىسى، خەتەرلىك، تىك نەنجياباۋا چوققىسى، شىددەت بىلەن ئېقىۋاتقان يالۇزاڭبۇ دەرياسى... چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكى دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق زاپىسى بازىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «شىزاڭنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى ياخشى قوغداشنىڭ پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدۇ، جاھانغا نەپ يەتكۈزىدۇ».
شىزاڭ يۇقىرى نومۇرلۇق جاۋاب قەغىزى تاپشۇردى:
ئاپتونوم رايوندىكى %50تىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنى ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىغا كىرگۈزۈلدى، ھاۋا سۈپىتى ئەلا، ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %99.7تىن كۆپرەككە يەتتى، ئاساسلىق دەريا - كۆللەرنىڭ سۇ سۈپىتى %100كە يەتكۈزۈلدى ياكى 3 - تۈردىكى سۇ گەۋدىسىدىن ئەلا بولدى.
قانداق قىلغاندا بۇ «پاكىز تۇپراق»نى قوغداپ قالغىلى، قانداق قىلغاندا «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» ۋە «ئاسىيانىڭ سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغدىغىلى بولىدۇ؟
كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ماس ئالغا سىلجىتىلدى، ئىخچام، ئەسقاتىدىغان مېتودولوگىيە قوللىنىلدى. بۇ قېتىم كەلگەندە، باش شۇجى شۇ جايدىكى كادىرلارغا ئېگىزلىك خاس كەسپى بولغان قۇرتئوت كەسپى توغرىسىدا توختالدى: بۇ «تەبىئەت بەرگەن خەزىنە»، لېكىن ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇش مەسىلىسىنىمۇ ئويلىشىش كېرەك، «كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇشقا بولمايدۇ».
تەخمىنەن 64 مىليون، بۇ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن يىلى كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى ئادەم قېتىم سانى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ھەقتىكى تەسىراتى چوڭقۇر. ھەم مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بەردى، ھەم مۇھىت خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئويلاندى. «بەزى ئىشلارنى ھازىرلا تۇتۇش كېرەك، بۇلغىنىش كۆرۈلسە، ئالتۇن تاۋاقنى قولدىن بېرىپ قويىمىز».
يېشىل تاغلار سىياھ بىلەن سىزىلمىسىمۇ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيان گۈزەل مەنزىرە سۈپىتىدە ساقلىنىپ كەلدى، سۈزۈك سۇنىڭ تارىسى بولمىسىمۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە گۈزەل كۈي ياڭرىتىپ كەلدى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق تاپىلىدى: «<دۇنيانىڭ ئۆگزىسى> ۋە <ئاسىيانىڭ سۇ مۇنارى>نى ياخشى قوغداپ، چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنى مەملىكەت بويىچە، ھەتتا خەلقئارادىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئېگىزلىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك، بىزنىڭ مۇشۇنداق نىشانىمىز بولۇشى كېرەك».
نەچچە ئون يىلدىن ھالقىغان كۆڭۈل بۆلۈش:
«جۇڭخۇا مىللىتى بىر چوڭ ئائىلە، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك»
ئېقىن سۇنىڭ مەنبەسى، دەرەخنىڭ يىلتىزى بولىدۇ.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىزاڭغا بولغان چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلۈشىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ۋاقىتنىڭ تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئىزدەش كېرەك.
1998 - يىلى 6 - ئايدىلا، ئەينى چاغدا فۇجيەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان شى جىنپىڭ شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلارنى ئاپىرىش - ئەكىلىش ئۈچۈن شىزاڭغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شىزاڭغا بېرىشى ئىدى؛
2011 - يىلى 7 - ئايدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ، شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى؛
2021 - يىلى 7 - ئايدا، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن شىزاڭغا بېرىپ شىزاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنى تەبرىكلىدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش ئىدى؛
4 - قېتىم شىزاڭغا بېرىشى دەل مۇشۇ قېتىملىقى بولدى.
باش شۇجىنىڭ نەزەرىمۇ ئەزەلدىن شىزاڭدىن ئايرىلىپ باقمىدى. ئۇ پارتىيەنىڭ باش شۇجىسى بولغاندىن كېيىن، 2013 - يىلى تۇنجى قېتىم مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتناشقاندا، شىزاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كەلدى. مۇشۇ يىللاردا، ئۇنىڭ شىزاڭ خىزمىتى توغرىسىدا بەرگەن يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى، پىلانلىشى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى ناھايىتى كۆپ بولدى.
بۇنىڭ ئىچىدە باشتىن - ئاخىر تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان ئىككى تومۇر بار.
بىر تومۇردا، شىزاڭدىكى قۇرغۇچىلار، كۈرەش قىلغۇچىلار، قوغدىغۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلار چۆرىدەلگەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ جايدا خىزمەت قىلىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى. مەركەزگە كېلىپ خىزمەت قىلغاندىن كېيىن، شىزاڭغا ئۈچ قېتىم باردى، ئۇ ھەر قېتىمدا ئالايىتەن ۋاقىت چىقىرىپ، شىزاڭدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇلارنى قوبۇل قىلدى.
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى لاساغا يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان پائالىيىتى ئالتە تۈركۈم قېتىم قوبۇل قىلىش بولدى.
شىزاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى، شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ۋەكىللىرى، ئاپتونوم رايون ھەم ئالاقىدار تارماقلاردىكى، ھەرقايسى ۋىلايەت، شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرى ۋەكىللىرى، دىنىي ساھەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە بۇتخانا باشقۇرۇش كومىتېتى كادىرلىرى ۋەكىللىرى، لاسادا تۇرۇشلۇق قىسىمدىكى شاڭشياۋدىن يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ئاساسىي قاتلامدىكى بىر قىسىم ئىلغارلار - نەمۇنىچىلار، مەمۇرىي خادىملار... چاچلىرى ئاقارغان بىر زاڭزۇ موماي پېشانىسىنى باش شۇجىنىڭ قولىنىڭ دۈمبىسىگە يېنىك تەگكۈزدى؛ ھەربىي فورما كىيگەن بىر ھەربىي كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالدى؛ پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرىدىن بىرى باش شۇجىنىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى يەنە ئېيتقۇسى كەلدى.
ئۇلار قارلىق ئېگىزلىكتىكى قۇرغۇچىلار، كۈرەش قىلغۇچىلار، قوغدىغۇچىلار، تۆھپە قوشقۇچىلار. ئۇلارنىڭ سۆزلىرى دەبدەبىلىك، ھەيۋەتلىك بولمىسىمۇ، لېكىن ساپ، چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغانىدى. تارىختىن ھازىرغىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئېگىزلىكتىكى بىپايان تۇپراقتا ئۆچمەس مۆجىزىلەرنى يارىتالىدى؟ بۇنى مۇشۇنداق ئېتىقاد، مۇشۇنداق روھلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
شىزاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار ئارىسىغا كەلگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا كۆپچىلىكتىن: «كەلگىنىڭلارغا قانچىلىك بولدى؟» «قايسى ئۆلكىلەردىن كەلدىڭلار؟» «كۆنۈپ قالدىڭلارمۇ؟» دەپ سورىدى. شىزاڭغا ياردەم بېرىش جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇلۇغ ئىش. دۇنيادا پەقەت سوتسىيالىستىك جۇڭگولا مۇشۇنداق چوڭ ئىشنى ياخشى قىلالايدۇ، ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.
ھېلىمۇ ئېسىمىزدە، 1998 - يىلى تۇنجى قېتىم شىزاڭغا بارغىنىدا، يولداش شى جىنپىڭ نۇرغۇن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى قالدۇرغان، شۇنداقلا بۇلار شىزاڭغا بۇ رەھبىرىي كادىرنىڭ ساپاسى ۋە پەزىلىتىنى ھېس قىلدۇرغانىدى: «لىنجى ۋىلايىتىنىڭ ئىشى ئۆلكىمىزنىڭ ئىشى.» «ئەڭ مۇنەۋۋەر كادىرلارنى ئەۋەتىمىز، ياخشىلىرى ئىچىدىن ئەلالىرىنى تاللاپ ئەۋەتىمىز».
ئېگىزلىك جەھەتتە دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىك بىلەن، ساپلىق جەھەتتە قارلىق تاغ بىلەن، قەيسەرلىك جەھەتتە قۇم - بوران بىلەن، بىپايانلىق جەھەتتە يايلاق بىلەن بەسلىشەلەيدىغان «ئىككى يول» روھى، ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى، شىزاڭغا ياردەم بېرىش روھى بىر - بىرى بىلەن تومۇرداش. ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ ئىشلەش ئارقىلىق، دۇنيانىڭ ئۆگزىسىدە يېڭى دۇنياۋى مۆجىزىلەر داۋاملىق يارىتىلماقتا.
باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئۇلارنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى ياخشى ھەل قىلىش»قا كۆڭۈل بۆلگەندىن باشقا، بۇ قېتىم كەلگىنىدە، ئۇنىڭ تاپىلاشلىرىغا يەنە قاتتىق باشقۇرۇش ئارقىسىدىكى كۆيۈنۈشمۇ قوشۇلدى:
«ئىلگىرى بەزى كىشىلەر شىزاڭدا خىزمەت قىلغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا قالتىس ئىش، بىزگە يەنە شۇنچە كۆپ تەلەپ قويۇلامدۇ، دېگەن خاتا چۈشەنچىدە بولغانىدى، پارتىيە ئىنتىزامى، دۆلەت قانۇنىغا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ، ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. شىزاڭدا خىزمەت قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى كۆرۈپ يېتىش كېرەك، ئىرادە ۋە ماسلىشىش ئىقتىدارى بولۇشى كېرەك. بۇ جايغا خالىغىنىچە كەلگىلى بولمايدۇ، كەلگەندىن كېيىنمۇ خالىغىنىچە ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. ئىستىل قۇرۇلۇشى داۋاملىشىدۇكى، ئاخىرلاشمايدۇ، ئاگاھ سىگنالىنى يەنىلا ئۇزاققىچە ياڭرىتىپ، بۇ تارنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىش كېرەك».
يەنە بىر تومۇردا، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى چۆرىدەلگەن.
باجى كەنتىدىكى يۇرتداشلار تەبرىكلەش يىغىنىنىڭ بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆرۈنۈشىدىن باش شۇجىنى كۆرۈپ ئادەتتىن تاشقىرى يېقىملىق ھېس قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى بۇ زاڭزۇ كەنتىدە ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغان بولۇپ، مۇنۇ سۆزلىرى يۇرتداشلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتقانىدى: «شىزاڭنىڭ بايلىقى ناھايىتى قىممەتلىك، بەزىلىرى ناھايىتى ئۆزگىچە، يەنە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان كېيىن تەرەققىي قىلىش ئەۋزەللىكىگە ئىگە، باشقىلاردا يوقلىرى بىزدە بار، باشقىلاردا بارلىرىنىڭ بىزدە ئەلالىرى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ قىممەتلىك بولىدۇ.» مۇشۇ يىللاردا، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى بازىرى، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى باغچە رايونى ئىلگىرى - كېيىن كەنتتە ماكانلىشىپ، كەنت كوللېكتىپىنىڭ خەزىنىسى بار بولدى.
تەبرىكلەش يىغىنىغا گالا كەنتىدىكى يۇرتداشلار ئۈلگۈرۈپ كەلدى. 2021 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ كەنتكە بېرىپ مېھمان بولغانىدى. ئاران نەچچە يۈز ئادەم بار بۇ كىچىك كەنتنىڭ 2025 - يىللىق شاپتۇل چېچىكى بايرىمىدىكى ساياھەت كىرىمى 3 مىليون 700 مىڭ يۈەنگە يەتتى. يېقىندا، گالا كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى خۇشاللىقىنى باسالماي، باش شۇجىغا خەت يېزىپ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزدى، ئويلىمىغان يەردىن تېزلا جاۋاب خەتنى تاپشۇرۇۋالدى.
نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا شىزاڭنىڭ يۈكى ناھايىتى ئېغىر. پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، شىزاڭ ئىلگىرى نامراتلىق نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، نامراتلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭقۇر، نامراتلارنى يۆلەش تەننەرخى ئەڭ يۇقىرى، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش قىيىنلىق دەرىجىسى ئەڭ چوڭ بولغان ئېغىر نامرات رايون ئىدى.
ئەڭ چوڭقۇر مېھىر - مۇھەببەتلىك غەمخورلۇق، ئەڭ قەتئىي ئىشەنچ. 2019 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، شىزاڭدىكى 74 نامرات ناھىيە، رايوننىڭ ھەممىسى نامراتلىق قالپىقىنى ئېلىۋەتتى، 620 مىڭدىن كۆپرەك نامرات نوپۇسنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن قۇتۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىم كەلگىنىدە ناھايىتى مەمنۇن بولغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ئايروپىلاندىن قارىغاندا، لاسا دەرياسى ۋادىسىدىكى ئۆيلەر ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن. ئېگىزلىكتىن كۆچۈپ چۈشۈپ، بىر كۆچۈش بىلەنلا مىڭ يىل ھالقىپسىلەر. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش بىر قېتىملىق جەڭ بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس، خاتىرجەم ياشاش، خۇشال - خۇرام ئىشلەش ئۈچۈن بېيىتىدىغان كەسىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ نەتىجە يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ».
«تۇرمۇشىنىڭ بەختلىك ياكى بەختلىك ئەمەسلىكىگە پۇقرالار ئۆزى باھا بېرىشى كېرەك، بىز ئاغزى - ئاغزىمىزغا تەگمەي سۆزلىگەن بىلەن پۇقرالار ھېس قىلالمىسا بولمايدۇ، بۇ، نۇقتىنى توغرا تۇتالمىغانلىقىمىزنى چۈشەندۈرىدۇ.» باش شۇجىنىڭ ئاددىي، ئەمما چوڭقۇر بايانلىرىدا كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.
تەبرىكلەش كېچىلىكىدە، «چوڭقۇر مۇھەببەت» ناملىق دېكلاماتسىيە نومۇرى ئورۇنلاندى. سەھنە ئېكرانىدىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بەرگەن دىڭرى ناھىيەسىدە يۇرت - ماكاننىڭ قايتا قۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. تاغ - دەريالار ئېسەدەپ يىغلىماقتا ئىدى، ئاپەت يۈز بەرگەن رايوندا ياڭرىغان «قورقماڭلار، بىزنىڭ باش شۇجىيىمىز بار؛ قورقماڭلار، بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىمىز بار...» دېگەن ئاشۇ بىر جۈملە سۆز قەلبلەرنى ھاياجانغا سالدى. بۇ، خەلقنىڭ ئۆزىنىڭ بارلىق ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلۈنگەنلىكىگە ئېيتقان سەمىمىي مەدھىيەسى ئىدى.
8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى چۈشتە، بۇدالا سارىيى مەيدانىدىن گۇڭگا ئايرودۇرۇمىغا بارىدىغان يولدا، ئۇزاتقىلى چىققان كىشىلەر توپى يولنىڭ ئىككى ياقىسىغا لىق تولغانىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلنىڭ دېرىزىسىنى ئېچىپ، كۈلۈمسىرىگەن ھالدا كىشىلەر توپىغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى.
ئايرودۇرۇمنىڭ ئايروپىلان توختاش سۇپىسىدا داقا - دۇمباق ساداسى ياڭرىدى. «جاشىدېلې، ئاق يول بولسۇن!» بايراملىق كىيىملىرىنى كىيگەن شىزاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا ئۇزىتىپ قويدى.
ئۇلار خادا كۆتۈرگىنىچە خۇددى كۆتۈرۈلگەن دېڭىز سۈيىدەك باش شۇجىنىڭ ئەتراپىدا چۆرىدەپ تۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىغا چىقىپ، ئۇزاققىچە قول ئىشارىسى قىلدى. تەنتەنە سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭراپ كۆكنى لەرزىگە سالدى.
ئايروپىلان ئۇچۇش ئالدىدا تۇراتتى. ئۇلارنىڭ نەزەرى، قەدەملىرى ئايروپىلاننىڭ سىيرىلىپ مېڭىشىغا ئەگەشتى، ئۇزاققىچە ئايرىلغۇسى كەلمىدى.
قۇياش نۇرى قەۋەت - قەۋەت بۇلۇتلارنى يېرىپ ئۆتتى، ئايروپىلان كۆك ئاسمانغا قاراپ ئۆرلىدى. «باش شۇجىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز، قەلبىمىز پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا تەلپۈنىدۇ»، بۇ، قارلىق رايوندىكى 3 مىليون 700 مىڭ ئوغۇل - قىزنىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)