«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلدى

2025-08-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىم «شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى»نى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىشنى باشلاش پائالىيىتى 8 - ئاينىڭ 25 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، پىروگراممىنىڭ كۆرسىتىلگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. بۈگۈندىن باشلاپ، بۇ پىروگرامما رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، پاكىستان، ئىران، بېلارۇسىيە قاتارلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا كۆرسىتىلىدۇ.

«شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت رىشتى» ناملىق مەخسۇس فىلىمدە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا رىشتە باغلىغانلىقىغا دائىر تەسىرلىك ھېكايىلەر كۆڭۈل قويۇپ تاللىنىپ، خەلقئارادىكى كۆرۈرمەنلەرگە شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى بايان قىلىنىپ، «مەدەنىيەت گۈللەنسە دۆلەت گۈللىنىدۇ، مەدەنىيەت قۇدرەت تاپسا مىللەت قۇدرەت تاپىدۇ» دېگەن قىممەت ئىدىيەسى جانلىق چۈشەندۈرۈلگەن. پىروگراممىدا شى جىنپىڭ خىزمەت قىلغان ياكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان جايلارنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىشلىگەن كىشىلەر چوڭقۇر زىيارەت قىلىنىپ، تەسىرلىك، جانلىق مىساللار نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدىنىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەمەلىي تىرىشچانلىقى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق تارىخىي ئاساسى، مول، چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى ۋە ھەممىنى قوبۇل قىلىدىغان كەڭ قورساقلىقى گەۋدىلەندۈرۈلگەن.

پائالىيەت نەق مەيدانىدا، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسىنىڭ نادىر نومۇرلىرىنى كۆرسىتىش ماس قەدەمدە باشلاندى. باش ئىستانسىنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى» «جۇڭگودا كۈرەش قىلىش» «يېشىل رىشتە: جۇڭگو تەجرىبىسى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇردى» «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىقنىڭ كەلگۈسى: جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش» «جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كاتتا مۇراسىمى» «ياخشىمۇسىز، ماشىنا ئادەم!» «جۇڭگونى بوشلۇقتىن سۈرەتكە ئېلىش . شىزاڭ قىسمى» «خاس مەنزىرە . شىنجاڭ قىسمى» قاتارلىق 20 نەچچە نادىر نومۇرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى 30 نەچچە ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن كۆرسىتىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىكى كۆرۈرمەنلەرگە تاغ - دەريالىرى تۇتاش كەتكەن، ئىناق ھەمكارلىشىپ بىللە ياشايدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رىشتى»نى ئورتاق ھېس قىلدۇرىدۇ.