شى جىنپىڭ شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى
8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ لاسادا شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى، مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن بارغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: شىزاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىزاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، مۇقىملىق، تەرەققىيات، ئېكولوگىيە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئىشنى سىجىل، چوڭقۇر ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق، باي، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان يېڭى شىزاڭ قۇرۇپ چىقىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان 60 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قارلىق ئېگىزلىكتە غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار بىلەن بىرلىكتە قەرەلىدە ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. ئۇ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، شىزاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى!
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىزاڭنى ئىدارە قىلىش، شىزاڭنى مۇقىم قىلىش، شىزاڭنى گۈللەندۈرۈشتە، ئالدى بىلەن شىزاڭنىڭ سىياسىي تىنچلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار رايىشلىقىنى ساقلاش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى توغرىسىدىكى تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ 60 يىلدىن بۇيانقى شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىزاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. پائال تۈردە مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىدىكى نەمۇنە رايون بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىزاڭ بىلەن ئىچكى رايونلارنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت، خادىملار جەھەتتىكى قوش يۆنىلىشلىك ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىش، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش تەلىپى بويىچە، شىزاڭ بۇددا دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت خىزمىتى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئۇلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئۇلىنى پۇختىلاش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: شىزاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئېگىزلىك خاس ئەۋزەل كەسىپلىرىنى، بولۇپمۇ خاس دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە پاكىز ئېنېرگىيە كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، بايلىق پىششىقلاش كەسپىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يالۇزاڭبۇ دەرياسى تۆۋەن ئېقىنى سۇ ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى، سىچۇەن - شىزاڭ تۆمۈريولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» ۋە «ئاسىيانىڭ سۇ مۇنارى»نى ياخشى قوغداش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، ئىجتىمائىي كاپالەت، ياشانغانلار كۈتۈنۈش، يەسلى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك. دىڭرى ناھىيەسىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شىزاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن باشتىن - ئاخىر پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. قەتئىي بوشاشماي يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك. ئىلگىرىكى شىزاڭ روھى، «ئىككى يول» روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشقا يېتەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىللە تۈرلۈك كۆيۈنۈش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، غەم - ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.
شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ جۈنجېڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى پابالا گېليېلاڭجيې، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يەن جىنخەي، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى گاما زېدېڭ دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، لى گەنجيې، خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، لوساڭ جياڭسۈن، خۇ چۇنخۇا ۋە جاڭ شېڭمىن، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بارلىق ئەزالىرى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.