− گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى ھەربىي پارات پائالىيىتىنىڭ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئېلان قىلىندى
ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىغان ئەترەت ئەزالىرى مەشىق قىلماقتا (8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تارتىلغان). جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، مۇخبىرنىڭ يېقىندا ھەربىي پارات يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش نۇقتىسىدا زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، ھەربىي پارات مەشىقى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنگەن. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يىن گاڭ فوتوسى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى يۈ شياۋچۈەن، لى يەنچېن، جۇ گاۋشياڭ
ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملار چاڭئەن كوچىسىدا سەپ تۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى شەرەپ بىلەن قوبۇل قىلىدۇ؛ ھەربىي پاراتنىڭ ۋاقتى تەخمىنەن 70 مىنۇت بولۇپ، 45 چاسا (شوتىسىمان) ئەترەت تەسىس قىلىندى؛ ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قورال - جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى بولۇپ، 2019 - يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق كاتتا ھەربىي پاراتتىن كېيىن ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد قورال - جابدۇقلىرىنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ... گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنىدىكى ھەربىي پاراتنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى تۇنجى قېتىملىق ھەربىي پارات
بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشىدىكى تۇنجى قېتىملىق ھەربىي پارات، خەلق ئارمىيەسىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ يېپيېڭى نامايەندىسى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى ۋە ئۇلۇغ مىللەت روھىغا يېڭى دەۋردە داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىنغانلىقىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداش، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداشنىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىنىشى.
ھەربىي پارات رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنموۋبۇسى ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ زېكې مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ئاساسلىقى مۇنداق تۆت تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئارمىيە پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدىغان قەتئىي ئېتىقادنى جاكارلاش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەشتىن ئىبارەت روشەن باش تېمىنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى قۇرۇلمىسىنىڭ يېپيېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى نامايان قىلىش، جەڭدە غەلىبە قىلالايدىغان ئەمەلىي كۈچ، ئىشەنچنى نامايان قىلىش.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنى خاتىرىلەش باش تېمىسى ۋە مەزمۇنىنى گەۋدىلەندۈرۈش جەھەتتە، ھەربىي پارات لايىھەسىدە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئامىللىرىنى نامايان قىلىش، خاتىرىلەش كەيپىياتىنى گەۋدىلەندۈرۈش، تارىخىي ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىش قاتارلىقلارنى تاللاش جەھەتتە بەلگىلىك يېڭىلىق يارىتىلدى.
45 چاسا (شوتىسىمان) ئەترەت تەسىس قىلىندى
ھەربىي پارات پائالىيىتى ھەربىي پارات، مۇراسىم سەپ شەكلىدىن ئىبارەت ئىككى باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، ۋاقتى تەخمىنەن 70 مىنۇت. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەربىي پارات ھالقىسىدا، ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قىسىملار چاڭئەن كوچىسىدا سەپ تۈزۈپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ. مۇراسىم سەپ شەكلى ھالقىسىدا، ھەرقايسى ئەترەتلەر بوشلۇقتا بايراق قوغداش شوتىسىمان ئەترىتى، پىيادىلەر چاسا ئەترىتى، ئۇرۇش بايرىقى چاسا ئەترىتى، جابدۇق چاسا ئەترىتى، بوشلۇق شوتىسىمان ئەترىتى تەرتىپى بويىچە تيەنئەنمېن مەيدانىدىن رەت بويىچە ئۆتىدۇ.
ۋۇ زېكې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا 45 چاسا (شوتىسىمان) ئەترەت تەسىس قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، بوشلۇقتا بايراق قوغداش شوتىسىمان ئەترىتى كۆپ خىل تىپتىكى تىك ئۇچار ئايروپىلانلار ئارقىلىق كۆپ سەپ بولۇپ تەشكىللىنىدۇ. پىيادىلەر چاسا ئەترىتى «بىر كونا، بىر يېڭى»نى نامايان قىلىدۇ، «بىر كونا» ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى كونا قىسىم، «بىر يېڭى» ھەربىي كۈچ قۇرۇلمىسى يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، «ئۈچ بىرلەشتۈرۈلگەن» قوراللىق كۈچ سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جەڭ بايرىقى چاسا ئەترىتىدە ئوخشاش بولمىغان مەزگىل، ئوخشاش بولمىغان رايون، ئوخشاش بولمىغان قىسىملار پەرقلەندۈرۈلگەن، تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە بايراقلار تاللانغان بولۇپ، تۇرۇشلۇق ئورۇندىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بايراقنى كۆتۈرۈپ ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدۇ. جابدۇق چاسا ئەترىتى ئەمەلىي جەڭ بويىچە بىرلەشمە گۇرۇپپىلىنىشقا ئاساسەن، قۇرۇقلۇقتا ئۇرۇش قىلىش توپى، دېڭىزدا ئۇرۇش قىلىش توپى، ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش توپى، ئۇچۇر ئۇرۇشى قىلىش توپى، ئادەمسىز ئۇرۇش قىلىش توپى، ئارقا سەپ - جابدۇق كاپالىتى توپى ۋە ئىستراتېگىيەلىك زەربە بېرىش توپى قاتارلىقلار بولۇپ تەشكىللىنىدۇ. بوشلۇق شوتىسىمان ئەترىتى بۆلەكلەشتۈرۈش، سىستېمىلاشتۇرۇش بويىچە گۇرۇپپىلىنىپ، ئىلغار بولغان ئالدىن سىگنال بېرىش قوماندانلىق ئايروپىلانى، قىرغۇچى ئايروپىلان، بومباردىمانچى ئايروپىلان، تىرانسپورت ئايروپىلانى قاتارلىقلاردىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، ئارمىيەمىزنىڭ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسلىق ئۇرۇش ئايروپىلان تىپلىرىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ۋۇ زېكې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ۋە لايىھەلىنىشى جەھەتتە، ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي كۈچ قۇرۇلمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىككە يۈزلەنگەنلىكى، يېڭى رايون، يېڭى سۈپەتلىك كۈچ نىسبىتىنىڭ ئاشقانلىقى، قوراللىق كۈچ سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەنلىكى گەۋدىلىك نامايان قىلىنىدۇ.
ئىلمىي مەشىق ئەتراپلىق كاپالەتلەندۈرۈلدى
«ھەربىي پاراتقا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم، 100دىن ئارتۇق ئايروپىلان، نەچچە يۈز يەر يۈزى جابدۇقلىرى ئىشلىتىلىدۇ، رەتلىك بولۇش، دەل جايىدا ماسلىشىش، ۋاقىت ۋە ئارىلىق جەھەتتە پەرق بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش خۇددى بىر مەيدان ئۇرۇشنى تەشكىللىگەنگە ئوخشايدۇ، پۈتكۈل ھەربىي پاراتنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تەييارلىق قىلىش ۋە تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىش ئىلمىي مەشىق قىلىش ۋە ئەتراپلىق كاپالەتلەندۈرۈشكە ئېھتىياجلىق.» جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئوتتۇرا قىسىم ئۇرۇش رايونى ھەربىي پارات قوماندانلىق ئاپپاراتى ئىشخانىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى، سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ شاۋجياڭ دەرىجىلىك مۇئاۋىن مۇدىرى شۈ گۇيجۇڭ شۇنداق تونۇشتۇردى.
بۇ قېتىمقى ھەربىي پارات مەشىقىدە ئەمەلىي جەڭ ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ھەربىي پارات تەييارلىقى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ جەڭگىۋارلىق ئىستىلىنى تاۋلايدىغان، قىسىمنىڭ قوماندانلىق قىلىش، ماسلىشىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ھەربىي مەشىق پۇرسىتى قىلىنىپ، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى قوماندانلىق تۈزۈلمىسىگە تايىنىپ ھەربىي پارات ھەرىكىتىگە قوماندانلىق قىلىنىپ، ئۇرۇش قىلىش مانېۋىرى شەكلى قوللىنىلىش ئارقىلىق، لايىھە ۋە پىلان تەتقىق قىلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىدۇ؛ ئىلمىي مەشىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، بېيدوۋ ئورۇن بەلگىلەش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق باھالاش قاتارلىق سىستېمىلار ۋە تەقلىد قىلىش ئۇسۇللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئاساسىي مەشىق، سەپ تۈزۈش مەشىقى، ھاۋا قىسمى بىلەن قۇرۇقلۇق قىسمى ھەمكارلىشىش مەشىقى، مۇرەككەپ مۇھىت مەشىقى، ئالاھىدە ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش مەشىقى ھەم مەشىقنى باھالاش قوشۇمچە قانات يايدۇرۇلىدۇ؛ ھەربىي مەشىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھى ئارقىلىق تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق كۈچەيتىلىدۇ، شەرەپلىك ھالدا ھەربىي پاراتتىن ئۆتۈش ئارقىلىق سىياسىي قىزغىنلىق ئۇرغۇتۇلىدۇ، قەھرىمان - نەمۇنىچى قىسىمنىڭ ئەنئەنىسى ئارقىلىق يۈكسەك كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىلىدۇ.
ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قورال - جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى
«ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قورال - جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى دۆلىتىمىزدە ئىشلىنىپ ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئاساسىي ئۇرۇش جابدۇقلىرى بولۇپ، 2019 - يىلىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق كاتتا ھەربىي پاراتتىن كېيىن ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد قورال - جابدۇقلىرىنىڭ مەركەزلىك نامايان قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.» ۋۇ زېكې مۇنداق بىلدۈردى: ھەربىي پاراتتىن ئۆتىدىغان قورال - جابدۇقلار يېڭى تىپتىكى 4 - ئەۋلاد جابدۇقلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، مەسىلەن: يېڭى تىپتىكى تانكا، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى، قىرغۇچى ئايروپىلان قاتارلىقلار ئۇرۇش قىلىش بۆلىكى بويىچە گۇرۇپپىلىنىپ، ئارمىيەمىزنىڭ سىستېمىلىق ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلىدۇ؛ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ئۇرۇشىدا ئىشلىتىلىدىغان يۈرۈشلۈك ئادەمسىز ئەقلىي ئىقتىدارلىق ۋە ئادەمسىز جابدۇقلارغا قارشى تۇرىدىغان، ھەم تور ۋە ئېلېكتىرون ئۇرۇشى كۈچى قاتارلىق يېڭى تىپتىكى كۈچلەر تاللىنىپ ھەربىي پاراتتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەسىلەن: يېڭى تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، نىشانلىق ئېنېرگىيە قورالى، ئېلېكتىرونلۇق كاشىلا قىلىش سىستېمىسى قاتارلىقلار ئارقىلىق ئارمىيەمىزنىڭ يېڭى رايون، يېڭى سۈپەتلىك ئۇرۇش كۈچى نامايان قىلىنىدۇ؛ سۈرئىتى ئاۋازدىن كۆپ يۇقىرى بولغان جابدۇقلار، ھاۋا مۇداپىئەسى بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش جابدۇقلىرى، ئىستراتېگىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق بىر تۈركۈم ئىلغار جابدۇقلار مەركەزلىك كۆرسىتىلىپ، ئارمىيەمىزنىڭ قۇدرەتلىك ئىستراتېگىيەلىك چۆچۈتۈش ئەمەلىي كۈچى نامايان قىلىنىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىمقى ھەربىي پاراتتا ئازادلىق ئارمىيە ھۆرمەت قاراۋۇلى چوڭ ئەترىتىنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى ۋە باشقا قىسىملاردىن ئاجرىتىپ تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان بىرلەشمە ھەربىي ئوركېستىر خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۈچۈن داغدۇغىلىق، تەنتەنىلىك كەيپىيات يارىتىدۇ. شۈ گۇيجۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: ئورۇنلىنىدىغان مۇزىكىلارنىڭ لايىھەلىنىشى جەھەتتە، «سۇڭخۇاجياڭ دەرياسىدا» «خۇاڭخې دەرياسىنى قوغداش» قاتارلىقلارغا ئوخشاش ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە كىلاسسىك مۇزىكىلار كۆڭۈل قويۇپ تەييارلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەنە مول دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېڭى مۇزىكىلار ئىجاد قىلىندى. مۇزىكا ئورۇنلىغۇچىلار سەپ شەكلىنىڭ تۈزۈلۈشى جەھەتتە، ئومۇمىي جەھەتتىن 14 رەت تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ 14 يىل داۋاملاشقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ؛ ئالدىنقى رەتكە 80 مۇراسىم كانايچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ھەربىي پاراتقا تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى ئومۇمىي پىرىنسىپ پۇقرالارنى ئاۋارە قىلماسلىق ياكى ئاز ئاۋارە قىلىش
«ھەربىي پاراتقا تەييارلىق قىلىش جەريانىدىكى ئومۇمىي پىرىنسىپ پۇقرالارنى ئاۋارە قىلماسلىق ياكى ئاز ئاۋارە قىلىش، بېيجىڭ شەھىرى ئاھالىلىرىگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىش» دېدى شۈ گۇيجۇڭ تونۇشتۇرۇپ.
كونكرېت ئىپادىسى: مەركەزلىك مەشىق نۇقتىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتا، ئىمكانقەدەر شەھەر رايونىدىن يىراق، ئاھالىلەر زىچلىقى بىر قەدەر شالاڭ جايلار تاللىنىدۇ.
تيەنئەنمېندىكى بىرلەشمە مەشىق ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا، خىزمەت كۈنىگە تاقاشتۇرماي، ھەپتە ئاخىرىدىكى كېچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
قىسىملارنىڭ يۆتكىلىشى جەھەتتە، تەتقىق قىلىپ بىرتۇتاش پىلانلاش ۋە مانېۋىر ئارقىلىق دەلىللەش ئىنچىكە تەشكىللىنىپ، قىسىملارنىڭ يۆتكىلىشىدىكى گۇرۇپپىلاش، ۋاقىت، لىنىيە ۋە ئۇسۇل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، خادىملار ۋە جابدۇقلار ئىمكانقەدەر مەركەزلىك گۇرۇپپىلىنىپ، ھەربىي يۈرۈش شوتىسىمان ئەترىتىنىڭ سانى ۋە بىر - بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ زور چەكتە ئازايتىلىدۇ ۋە قىسقارتىلىدۇ، چوڭ تىپتىكى جابدۇقلارنىڭ ھەممىسى ئالدى بىلەن شەھەر رايونىدىن يىراق جايدا مەركەزلىك توختىتىلىدۇ، ئاندىن بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان تېز سۈرئەتتە شەھەر رايونىدىكى ئالدىن بەلگىلەنگەن رايونغا كىرىدۇ، يولنى ئىگىلىۋېلىش ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ، شەھەر رايونىدىكى پائالىيەت ۋاقتى ئىمكانقەدەر قىسقارتىلىدۇ.
رايون باشقۇرۇش جەھەتتە، شۇ جايدىكى قاتناش باشقۇرۇش، ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش، ئالاھىدە ۋەزىپە قاتارلىق تارماقلار بىلەن بولغان ھەمكارلىق قويۇقلاشتۇرۇلۇپ، ھەربىر يول ئېغىزى، ھەربىر رايون، ھەربىر ۋاقىت بۆلىكىگە قارىتا تەپسىلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، باشقۇرۇش رايونى ۋە ۋاقىت ئىمكانقەدەر كىچىكلىتىلىدۇ ۋە قىسقارتىلىدۇ.
ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش جەھەتتە، پەقەت ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۆلچەملىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئەتراپىدىكى تۆۋەن بوشلۇق ھاۋا رايونىغا قارىتا ۋاقىت بۆلىكىگە ئايرىپ ھاۋا بوشلۇقىنى تىزگىنلەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ قاتناش يۇقىرى پەللىسىگە تاقاشتۇرۇلماي، ھاۋا بوشلۇقى بايلىقى ئىنچىكە تەڭشىلىپ ۋە تىزگىنلىنىپ خەلق ئاۋىياتسىيەسى نۆۋەتچى ئايروپىلانلىرىغا بولغان تەسىر ئىمكانقەدەر ئازايتىلىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)