ۋاڭ خۇنىڭ پائالىيەتكە قاتناشتى
9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: ۋاڭ خۇنىڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى كورلا شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپتە شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى
9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنى باشلاپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ كورلا شەھىرىدە شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. سۈرەتتە: ۋاڭ خۇنىڭ ۋە مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى كورلا شەھىرى ئاۋات يېزىسىنىڭ ئۇششاقتېرەك كەنتىدە يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ لىڭ فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ چوڭقۇر تىلىكىنى ئېلىپ، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ھەرقايسى شۆبە ئۆمەكلىرى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭنىڭ كۆپ جايلىرىغا بېرىپ، شۇ جايدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكتىن ئىبارەت خىزمەت باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ 1 - شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھەرلىك 23 - ئوتتۇرا مەكتەپ، بايىنغولىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسى، ئاۋات يېزىسى ئۇششاقتېرەك كەنتىگە بېرىپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، يېزا - كەنتلەرنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدا ئاساس مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى مائارىپىنى كۈچەيتىپ، ياش - ئۆسمۈرلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلەش كېرەك. داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچ قوشۇش كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى لى گەنجيې 2 - شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ جۇڭگو(شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر بۆلەك رايونىغا بېرىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنى پىلانلاش، قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئارقىدىن ۋەكىللەر ئۆمىكى كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ توققۇزاق بازىرى ئاياغمەنگەن كەنتى ۋە ئالاقىدار كارخانىلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى شۆھرەت زاكىر 3 - شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 76 - باشلانغۇچ مەكتەپ، تىيانشان رايونى يۆجىنگەي كوچا باشقارمىسى جەنۇبىي مەھەللىسى، شەنشى چوڭ مەسچىتىگە بېرىپ، مەكتەپ مائارىپى، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش ۋە دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.
دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى شېن يىچىن 4 - شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ قاراماي مۇزېيىغا بېرىپ، دۆلىتىمىز نېفىت كەسپىنىڭ جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش تارىخى، چېگرا رايوندىكى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش تارىخى، ئېنېرگىيە شەھىرىنىڭ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تارىخىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش كېرەك.
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ دۇڭفېڭ 5 - شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ بورتالا شەھىرى ئوتبۇلاق بازىرىنىڭ جىگدە بۇلاق كەنتىگە بېرىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ھەم كەنت ئاھالىلىرىنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى يەنە بىڭتۇەن 5 - شى تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىگە بېرىپ، شىنجاڭغا مائارىپ ئارقىلىق ياردەم بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ليۇ جېنلى 6 - شۆبە ئۆمەكنى باشلاپ سانجى شەھىرى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە بېرىپ، شىركەتنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەكشۈردى، «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى»دىن ھال سورىدى. ئارقىدىن ۋەكىللەر ئۆمىكى سانجى شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپكە بېرىپ، مەكتەپنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلاردىن ھال سورىدى.