قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئورتاق ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

2025-09-12 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش سەھىپىسى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى سەي گودۇڭ، سۈن شاۋشيۇڭ، گو يەن

ئالتۇن كۈز پەسلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مېۋە - چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشنى ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولۇشقا سىجىل كۈچەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى، ئىناق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ دەۋر كۈيلىرىنى يېزىپ چىقتى.

ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

كۈزنىڭ ھاۋاسى كىشىگە راھەت بېغىشلايتتى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كىرگەندە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا دائىر جانلىق مەنزىرىلەر كۆز ئالدىمىزدا نامايان بولدى. كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئۈلگىلىك مەھەللە بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جايدىكى ھەر مىللەت ئائىلىلىرى بىر - بىرىگە يار - يۆلەك بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئىناق ئۆتىدۇ. مەھەللە پائالىيەت مەركىزىدە، ھەر مىللەت ئاھالىلىرى دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى بىرلىكتە ئۆگىنىپ، ئەنئەنىۋى بايراملارنى بىرلىكتە ئۆتكۈزدى، بىر - بىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇق كۈنسېرى مۇستەھكەملەندى.

بۇ، شىنجاڭنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرغانلىقىنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى. 2016 - يىلى 10 - ئايدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە، مىليونلىغان كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشقا ھەقىقىي سىڭدۈردى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، شاڭخەي قاتناش داشۆسى كۆپلىگەن ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە قەشقەر 6 - ئوتتۇرا مەكتەپتە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، سەھنە تىياتىرى ئارقىلىق ئالىملارنىڭ ئىزدىنىش روھىنى نامايان قىلدى ھەم «ئاۋىياتسىيە ئېلېكتىرلەشتۈرۈش پەن - تېخنىكىسى سەييارە لاگېرى» ئەمەلىي بۇيۇم كۆرگەزمىسى ۋە ھەمتۈرتكىلىك ھېس قىلىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاۋىياتسىيە پەن - تېخنىكىسىغا بولغان قىزىقىشىنى ئۇرغۇتۇپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئارزۇغا ئىنتىلىپ، چەكسىز ئالەم بوشلۇقى توغرىسىدا ئىزدىنىش غايىسىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى.

مائارىپ ساھەسىدە، شىنجاڭ ئالاقىدار تەربىيەلەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەڭ ياش - ئۆسمۈرلەرنى بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكلىدى. مۇشۇ ئاساستا، تارىخ تەتقىقاتى بويىچە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈش ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش خىزمىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا ئائىت تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى پائال بەرپا قىلدى.

ھازىرغىچە، شىنجاڭ مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 101نى، مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيە بازىسىدىن 14نى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى. تەشۋىق - تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىشتىن ياش - ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشقىچە، يەنە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە بايان قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىشكىچە... بۇ تەدبىرلەر ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز تۈردە ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، «مەركەزداش چەمبەر» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ قەلبىگە سىزىپ چىقىلدى.

يۇغۇرۇلۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ

ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتى بەرپا قىلىش

ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم يول.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «قوشنىلار بايرىمى» «يۈز ئائىلە زىياپىتى» «كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى پائال كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشاپ بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەپ بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتى يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ماكان، مەدەنىيەت، ئىقتىساد، جەمئىيەت، پىسخىكا قاتارلىق جەھەتلەردە ھەر تەرەپلىمە ئارىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

چۆچەك شەھىرىدىكى جاڭ ئەيمىننىڭ تىككۈچىلىك دۇكىنى دەل مۇشۇنداق يۇغۇرۇلۇپ بىللە ياشاشنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى. ئۇ ئەتلەس، ماميەن قاتلاق يوپكىسى، قازاق كەشتىچىلىكى قاتارلىق كۆپ خىل كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت ئامىللىرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى ئورتاق ساداسىنى بىر يىپ - بىر يىپتىن «كەشتىلەپ» چىقتى. خۇددى ئۇ ئېيتقاندەك: «مېنىڭ تىككىنىم كىيىملا ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىككە جەم بولۇش ۋە خۇشاللىقنى ھېس قىلدۇرىدىغان ئىللىق مۇھەببەت».

بۈگۈنكى كۈندە، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، خوتەن تۇەنچېڭ، غۇلجا ئالتە شۇئار كوچىسى قاتارلىق جايلاردا كۆپ مىللەت ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدىغان، بىللە ئەمگەك قىلىدىغان، نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان مەنزىرە بارغانسېرى دائىملىق ئىشقا ئايلاندى، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى ياخشىلاندى، كىشىلەر ئارىسىدىكى ھېسسىيات رىشتى كۈچەيدى.

بۇنداق يۇغۇرۇلۇش ئۈزلۈكسىز تۈردە تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ ئۇزارماقتا.

بۇ يىل، چىرا ناھىيەسىدىكى پاتىمەخان پەرھات تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن چىقىپ بېيجىڭغا كەلدى. ئۇ قىزغىن تەبەسسۇمى ئارقىلىق پايتەخت شەھەر ئاھالىلىرى بىلەن بولغان ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇردى ھەم شوخ، جانلىق شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئارقىلىق قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشتى.

2024 - يىلى، شىنجاڭدا 86 مىڭ ياش - ئۆسمۈر شىنجاڭ سىرتىغا چىقىپ ۋەتەنپەرۋەرلىك تەتقىقات خاراكتېرىدىكى ئۆگىنىش - ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇردى، كۆلەم جەھەتتە يىللاردىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچىدىكى ھەرقايسى جايلارغا بىۋاسىتە قاتنايدىغان ھۆددە ئايروپىلان ۋە ساياھەت مەخسۇس پويىزى ئارقا - ئارقىدىن قاتناپ، مىللەتلەر ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، ئىستېرېئولۇق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.

كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەت بۇيۇملىرى جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتىن، باشقا جايلارغا بېرىپ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش - ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشقىچە، يەنە تاغ - دەريالاردىن ھالقىغان ساياھەت ھەمتۈرتكە پائالىيەتلىرىگىچە... شىنجاڭ ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان مەھەللە قۇرۇلۇشى ۋە كۆپ قاتلاملىق مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى كۆۋرۈك قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا ھېسسىيات جەھەتتە يۇغۇرۇلۇشى، قەلب جەھەتتە تۇتىشىشىغا تۈرتكە بولماقتا.

بوشاشماي كۈرەش قىلىپ

ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلاش

شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشتا، مۇھىمى كىشىلەر قەلبىنى مۇقىم قىلىش، كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

بۇ يىل 8 - ئايدا، شىنجاڭدىكى تۇنجى «شياۋخۇڭ كەنت تاللا بازىرى» پوسكام ناھىيەسىنىڭ سەيلى يېزىسى خاڭدى كەنتىدە ۋىۋىسكا ئېسىپ تىجارەت باشلىدى. يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇشتىكى بىر تۈرلۈك سىناق بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تاللا بازىرى شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا يېڭى يول ئېچىپ بەردى.

«كەنت ئاھالىلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان ھەربىر كىچىك ئىشنى ياخشى قىلىش مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى ئەڭ ئەمەلىي چوڭ ئىش.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلار خىزمەت كومىتېتىنىڭ بۇ كەنتتە تۇرۇشلۇق باش يېتەكچىسى ليۇ شىڭجۇڭنىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزى شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش جەريانىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ سىجىل تۈردە %70تىن ئارتۇق ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنى خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش، ئىجتىمائىي كاپالەت قاتارلىق ساھەلەردىكى خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، «مەن ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىمەن» تېمىسىدىكى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى، زىچ ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر دىققەتنى كەسىپ، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، دەل جايىدا كۈچەپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئورتاق قۇرۇش، مەدەنىيەت، مائارىپتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى ئورتاق تۈزەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۆپ ساھەدە چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى پەن تەتقىقات باشقارمىسىنىڭ لېكتورى جياڭ لۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك يۇغۇرۇلۇش ئەمەلىيىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

خەلق تۇرمۇشىنى سىجىل ياخشىلاشتىن نىشانلىق ياردەم بېرىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە، يەنە بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىشكىچە... بىر قاتار پۇختا تەدبىرلەر، ئىزچىل داۋاملاشقان تىرىشچانلىقلار ئەبەدىي ئەمىنلىكنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىشتىكى پۇختا نەتىجىلەر ئارقىلىق، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى)