شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

2025-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

(2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى)​

ۋاڭ خۇنىڭ

يولداشلار، دوستلار:

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىرگەن ئالتۇن كۈز پەسلىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ ئۈرۈمچىگە كېلىپ، تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتنىشىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ! شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا بايراملىق سالام يوللايدۇ ۋە ئۇلارغا ياخشى تىلەكلەرنى تىلەيدۇ! ئۇزاقتىن بۇيان شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن ھەر ساھە زاتلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدۇ!

70 يىل ئىلگىرى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ شانلىق نۇرىدا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنىش ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان تارىخىي مۇساپە باشلاندى.

70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىن بۇيان، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈردى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە جەھەتتىن كۆزىتىش ۋە پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە چوڭقۇرلاشتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى قەلبلەردىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مەردانە قەدەم تاشلاپ ئىلگىرىلىمەكتە.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا تارىخىي ھالقىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلەر يارىتىلدى. رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1955 - يىلىدىكى 1 مىليارد 231 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 2 تىرىليون 53 مىليارد 408 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 203 ھەسسە ئېشىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %8 ئاشتى. قاتناش باشلانغان تاشيول مۇساپىسى 1955 - يىلىدىكى 8820 كىلومېتىردىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 231 مىڭ 900 كىلومېتىرغا يەتتى، تۆمۈريول يوقلۇقتىن بارلىققا كەلدى، 2025 - يىلى ئومۇمىي مۇساپىسى 9234 كىلومېتىرغا يەتتى، يولۇچى، يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 1955 - يىلىدىكى ئىككىدىن كۆپىيىپ 2025 - يىلىدىكى 611گە يەتتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ھاياتىي كۈچكە تولدى.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى جۇش ئۇرۇپ قانات يايدۇرۇلدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى كۈنسېرى بېيىدى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش نەتىجىلىرى مول بولدى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقى كېڭەيتىلدى ۋە ئومۇملاشتۇرۇلدى، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتى قوغدىلىپ، ۋارىسلىق قىلىنىپ ۋە ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، راۋاجلاندۇرۇلغاچقا، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گۈلزارلىقىدا بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك ئالغا ئىلگىرىلىدى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى. شىنجاڭ نوپۇسى 1953 - يىلىدىكى 4 مىليون 783 مىڭ 600 كىشىدىن ئېشىپ 2020 - يىلى 25 مىليون 852 مىڭ 300 كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 1953 - يىلىدىكى 4 مىليون 451 مىڭ 500 كىشىدىن ئېشىپ 2020 - يىلى 14 مىليون 932 مىڭ 200 كىشىگە يەتتى، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار 1955 - يىلىدىكى 453 مىڭ 500 كىشىدىن ئېشىپ 2024 - يىلى 6 مىليون 378 مىڭ 900 كىشىگە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار 1955 - يىلىدىكى 2100 كىشىدىن ئېشىپ 2024 - يىلى 810 مىڭ 400 كىشىگە يەتتى، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى 1949 - يىلىدىكى 54تىن كۆپىيىپ 2024 - يىلى 19 مىڭ 97گە يەتتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كۆزلىمە ئۆمرى ئازادلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى 30 ياشتىن ئۆرلەپ 2024 - يىلىنىڭ ئاخىرى 77 ياشقا يەتتى. شىنجاڭدا ئومۇمىي خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقسىز تەكشۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، جەنۇبىي شىنجاڭدا 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپ بىلەن تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى.

70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ بارغانسېرى گۈزەللەشتى. شىنجاڭ قۇملىشىپ كەتكەن يەر كۆلىمىدە كۆپىيىشتىن ئازىيىشقىچە بولغان تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 2006 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە 147 مىليون مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تۈزەشنى تاماملىدى، ئېقىن ئۈزۈلۈپ قالغىنىغا نەچچە ئون يىل بولغان تارىم دەرياسىغا يەنە بىر قېتىم پۈتۈن لىنىيە بويىچە سۇ يەتكۈزۈلدى، 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇقنى چۆرىدىگەن ئېكولوگىيە توسۇقى رەسمىي بەرپا قىلىندى، ئاتموسفېرا - مۇھىت سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسى ئومۇميۈزلۈك قوغدالدى، ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى.

70 يىلدىن بۇيان، مەركەز ۋە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار شىنجاڭنى زور كۈچ بىلەن قوللىدى ۋە ياردەم بەردى. مەركەز مالىيەسى شىنجاڭغا تۈرلۈك يۆتكىمە چىقىم مەبلىغىدىن 6 تىرىليون 618 مىليارد 230 مىليون يۈەن چۈشۈرۈپ بەردى؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ھەرقايسى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان كادىر، ئىختىساسلىق خادىمدىن 25 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى شىنجاڭغا بېرىپ خىزمەت قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتتى، ئۇلار شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 70 يىلدىن بۇيان شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىگە تاياندى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىغا تاياندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ زور كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشىگە تاياندى، بۇ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ روشەن ئەۋزەللىكىنى تولۇق نامايان قىلدى، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.

يولداشلار، دوستلار!

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت، شىنجاڭنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىمۇ يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ماكانى بار، ئۇ دەل جۇڭگو؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر سالاھىيىتى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتى؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئىسمى بار، ئۇ دەل جۇڭگولۇق؛ ھەممىسىنىڭ ئورتاق بىر ئارزۇسى بار، ئۇ دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش.» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

بىرىنچى، باشتىن - ئاخىر پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە رەھبەرلىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈپ ئاساسى، جان تومۇرى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى، جۇڭخۇا مىللىتىنى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەش كېرەك.

ئىككىنچى، باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق ۋەزىيىتى تەستە قولغا كەلگەن، جەزمەن ئالاھىدە قەدىرلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تىنچ، ئىتتىپاق، ئىناق، مۇقىم ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قوغداش پولات ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك.

ئۈچىنچى، باشتىن - ئاخىر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئاساسى. مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇش، باشقا كەلگەننى تەڭ كۆرۈش، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇش، تەقدىرداش بولۇشتىن ئىبارەت ئورتاق گەۋدە ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، ئومۇملاشتۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى تۇرغۇزۇپ، دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك.

تۆتىنچى، باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋالدى، يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تايانچ نۇقتىسىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا پۇختا تۈرتكە بولۇش كېرەك. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش كېرەك. شىنجاڭغا ئومۇميۈزلۈك ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا دەل جايىدا ياردەم بېرىش، شىنجاڭغا ئۇزاققىچە ياردەم بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

بەشىنچى، باشتىن - ئاخىر قەتئىي تۈردە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش كېرەك. شىنجاڭ ئەزەلدىن يىپەك يولىدىكى شەرق بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم تۈگۈن بولۇپ كەلگەن، كەلگۈسىدە شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىش كېرەك. جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىش كېرەك.

شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پارتىيەگە سادىق، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيىدىغان كادىرلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ. يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە كۈچلۈك، ئىقتىدار جەھەتتە كۈچلۈك، ئىستىل جەھەتتە دۇرۇس بولغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئۇزاقتىن بۇيان ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئىختىساسلىقلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.

شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەشكە تارىخىي تۆھپە قوشتى، ئىستراتېگىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇردى. بىڭتۇەن روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشتىكى يېڭى ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

يولداشلار، دوستلار!

شىنجاڭنىڭ بۈگۈنى تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا، شىنجاڭنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ داغدام يولىدا، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلايلى!

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ روناق تېپىپ تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشمىز!

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)