مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

2025-08-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

سەي چى مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، لى شى قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە ئىستىلى پارتىيە ئوبرازى دېمەكتۇر، ئۇ، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىل بولۇش - بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيەنىڭ ھايات - ماماتىغا مۇناسىۋەتلىك. مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا زور كۈچ سەرپ قىلىپ پارتىيەنى ياخشى قۇرۇپ، پارتىيەۋىلىكى ساپ قوشۇن، ئىنتىزامى چىڭ قوشۇن بەرپا قىلىشىمىز كېرەك، شۇندىلا پارتىيەمىز باشتىن - ئاخىر خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ زىممىسىدىكى تارىخىي بۇرچنى ئوڭۇشلۇق تاماملىيالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي، دەل جايىدا تەشكىللەپ يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «تۆت خاھىش» مەسىلىسى جاھىللىق خاراكتېرگە، تەكرارلىنىشچانلىققا ئىگە، جەزمەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ قىلىش مەقسىتى ۋە قەتئىي ئىرادىسى بىلەن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېسىل ئىستىل ئارقىلىق قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك. ئىستىل تەربىيەسىنىڭ قاراتمىلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىپ، يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش دائىملىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ تۈزىتىپ ۋە تۈزەپ، ئاخىرغىچە تۇتۇش، ئاخىرغىچە قاتتىق تۇتۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى سىجىل تارقىتىش كېرەك. نازارەت قىلىش، ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈندىلىك نازارەتچىلىكىنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاممىنىڭ نازارەتچىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلارنى تېز تەكشۈرۈپ، قاتتىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشىدىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق ئادا قىلىپ، تەۋەلىكنى قاتتىق باشقۇرۇپ، پولاتتەك قائىدە ئارقىلىق ياخشى ئىستىل يېتىلدۈرۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىشى، خەلققە بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى خۇلاسىلەپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى سەي چى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشى توغرىسىدا يەنە بىر قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈش ۋە ئۇنى يولغا قويۇش، پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، تەخىرسىزلىكىنى چوڭقۇر ئىزاھلاپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئۈنۈمىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرگە ئۇيغۇنلىشىپ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى پۈتۈن پارتىيەدە ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار پائال ئاۋاز قوشۇپ، ئەستايىدىل قاتناشتى، خەلق ئاممىسى كەڭ دائىرىدە ئەھمىيەت بەردى، قىزغىن قوللىدى، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ «تۆت خاھىش»قا دائىر گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈمىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىش كۈچىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، كۆزلىمە نىشانغا يەتتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سىياسىي يۈكسەكلىك ئارقىلىق ئىستىل قۇرۇلۇشىغا بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دائىم تۇتۇش، چوڭقۇر تۇتۇش، ئۇزاققىچە تۇتۇش ئىدىيەۋى قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئىستىل تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنى نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى توسمىنى پۇختىلاپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا قاتتىق رىئايە قىلىدىغان ياخشى ئادەتنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك. ئىستىلدىكى جاھىل كېسەللەرنى سىجىل تۈزەپ، ئىستىل مەسىلىسىنى بايقاش ۋە ھەل قىلىش دائىملىق مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نازارەتچىلىكنىڭ تەسىر كۆرسىتىش كۈچى ۋە ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇزاققىچە تۈپتىن تۈزەشكە تېگىشلىك مەسىلىلەرگە قارىتا چىڭ قادىلىپ قويۇپ بەرمەسلىك، قىلچە يول قويماسلىق كېرەك. «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنى تەڭ تەكشۈرۈش، تەڭ تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقىنى يوقىتىش كېرەك. ئىستىل قۇرۇلۇشى تۈزۈم مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈزۈمنى ئىجرا قىلىشنى قاتتىق تۇتۇپ، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتتىق باشقۇرۇش، قاتتىق تۈزەشنى كۈچەيتىپ، قاتلاممۇقاتلام بېسىم يەتكۈزۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىغا دائىر تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەلەپلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى تەيفېڭ، لى شۇلېي، مۇ خۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.