«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى (لايىھە)» مۇھاكىمە قىلىندى
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت نىزامى» قاراپ چىقىلدى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى (لايىھە)» مۇھاكىمە قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت پارتىيەنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسى، روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە گەۋدىلىك سىياسىي ئەۋزەللىكى، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەت نىزامى»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىش پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى يادرو قىلىپ، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، جەمئىيەت توپىنىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، خىزمەتنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتكە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىشتە، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيەۋى - سىياسىي خىزمەتتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى تۈزۈشتىكى مەقسەت دۆلەت قانۇن چىقىرىش شەكلى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت نەتىجىلىرىنى دۆلەت ئىرادىسىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئورتاق ئىدىيەۋى - سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە توغرا يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشى، ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن لايىھەسىنى تۈزۈش، ئېلان قىلىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللەتلەر ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.
يىغىندا يەنە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، بىخەتەرلىكنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە تەرەققىياتقا ئېرىشىشكە بولمايدۇ، دېگەندىن ئىبارەت بۇ تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرىنىڭ دەل جايىدا ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى دەل ۋاقتىدا مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قىلچە بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.