پولاتتەك قائىدە ئارقىلىق ياخشى ئىستىلنى تاۋلاش

2025-09-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

− پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلقنىڭ ئىشەنچىنى قولغا كەلتۈرۈش تەدبىرى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى بەش يىللىق، ئون يىللىق بەلگىلىمە بولماستىن، بەلكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك پولاتتەك قائىدە، قاتتىق ئۆلچەم.

بۇ يىل 3 - ئايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى پۇختا قانات يايدۇرۇلدى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.

كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە پۇختا قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن يېپىلىپ بىر ھەپتە بولمايلا، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئەمدى باشلىنىپلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇيجوۋ، يۈننەنگە بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

تەكشۈرۈشتە بولغان مەزگىلدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىشىدىكى چوڭقۇر ئويلىنىشىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالدى −

«بۇ يىللاردا، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ھەقىقەتەن تۈپ خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشكە تۈرتكە بولدى، كەيپىيات يېڭىلاندى، ئىلگىرىكى ھەل قىلىش قىيىن بولغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپ قىسمى تۈگىتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، بەزى جايلاردا بوشاڭلىق كۆرۈلدى، بەزى جەھەتلەردە يەنىلا قاراڭغۇ رايون، ئۆلۈك بۇلۇڭ مەۋجۇت، بەزى ناچار كەيپىياتلار قايتا باش كۆتۈردى. مىخ قېقىش ئەمەسمۇ، يەنە بىرنەچچە قېتىم قېقىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ياخشى ئىستىلنى ياخشى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇش كېرەك».

يېڭى دەۋردە يېڭى ئۇلۇغ سەھىپە پۈتۈلمەكتە. 2025 - يىلى، «14 - بەش يىل» پات ئارىدا تاماملىنىدۇ، «15 - بەش يىل» پىلانلىنىۋاتىدۇ.

بۇ ئاچقۇچلۇق ۋاقىت تۈگۈنىدە، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم تەدبىر، پارتىيە ئەزالىرى بىلەن ئاممىنىڭ، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆتكەلنى ئىگىلەپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، پۈتۈن جەريانغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم سۆز قىلىپ، كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى −

گۇيجوۋ، يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تاپىلىدى: «ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بۇ قارارىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاددىي، ئەمەلىي ھالدا ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللىشى، شەكىلۋازلىق قىلماسلىقى كېرەك، سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىدە دەل شەكىلۋازلىقنىڭ ئۆزىگە قارشى تۇرۇلىدۇ»؛

خېنەندە تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىستىل قاتتىق بولۇش تەلىپىنى ھەقىقىي تۈردە قاتتىق تەدبىرگە ئايلاندۇرۇپ، پولاتتەك قائىدىنىڭ ئۆتكۈر چىش بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»؛

سەنشىدە تەكشۈرۈشتە بولغان، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ كېيىنكى خىزمەتلىرىنى چىڭ، ئىنچىكە تۇتۇپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشتا ھەقىقىي بولۇپ، تۈزىتىش تەدبىرلىرىدە ئەمەلىي بولۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك»؛

...

بۇ يىل «1 - ئىيۇل» ھارپىسىدا، 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «تۆت خاھىش»نى تۈزەشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى توغرىسىدا 21 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى.

بۇ قېتىمقى كوللېكتىپ ئۆگىنىشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزلۈك ئىنقىلابى پارتىيەمىزنىڭ تىنچلىق - قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش - خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن بۆسۈپ چىقىشتىكى ئىككىنچى جاۋابى، ئىشنى ئىستىلنى تۇتۇشتىن باشلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنىڭ بىر مۇھىم تەجرىبىسى.

«پارتىيەمىز زىممىگە ئالغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۈشكۈل، دۇچ كەلگەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مۇھىتى ئادەتتىن تاشقىرى مۇرەككەپ، ئۆزلۈك ئىنقىلابىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى جەزمەن تېخىمۇ چىڭىتىشىمىز كېرەك». ئىستىل قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدا توختالغاندا باش شۇجى شى جىنپىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئالغا سىلجىتىشنى تونۇشنى ئۆستۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ھوقۇق يۈرگۈزۈشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىنتىزام ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دېگەن ئېنىق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت روشەن سىگنالنى تارقاتتى.

ھەم سىياسىۋىلىككە، ئىدىيەۋىلىككە ئىگە، ھەم قاراتمىلىققا، يېتەكچىلىككە ئىگە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى، شانلىق ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ناھايىتى تېز ھەرىكەتكە كەلدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ نىشان - ۋەزىپىسى، ئۇسۇلى - يولى ۋە خىزمەت تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

2025 - يىلى 3 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا قارىتا كونكرېت تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، نىشان - ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى.

3 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇردى، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلدى ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە مەركەز قاتلىمىدىن مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، كونكرېت خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالدى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى مەركىزىي خىزمەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نىشان - تەلەپلەرنى ئىگىلەپ، كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىپ، رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»نى ئادا قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتلاممۇقاتلام تۇتۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم كاپالەت. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى، ھەيدەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىشنى تۈزەش قاتارلىقلار توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى مەزگىلىدە، مەركەز قاتلىمىدا مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى مەخسۇس بەنى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا يەپ - ئىچىپ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش تىپىك مەسىلىسىدىن ئۈچ تۈركۈمدە جەمئىي تۆتنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، كۈچلۈك چۆچۈتۈش شەكىللەندۈردى.

قاتتىق نازارەت قىلىپ، ئەمەلىي يېتەكچىلىك قىلىپ، مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىلگىرى - كېيىن ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىن 11نى ئەۋەتىپ، 30 جاي ۋە ئورۇنغا قارىتا يېتەكچىلىك قىلىش، ھەيدەكچىلىك قىلىشنى قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى جايلار ۋە ئالاقىدار ئورۇنلار جەمئىي 8513 نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ، 21 مىڭغا يېقىن جاي ۋە ئورۇنغا قارىتا نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇردى.

ھەرقايسى مەركەز يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ۋە نازارەتچىلىك - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىلىرى ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ئۆتكىلىنى چىڭىتىش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئۆتكۈر شەمشەر»لىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىپىك مىساللارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، قۇشقاچ ئوپېراتسىيەسى قىلىش شەكلىدىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، «بىر مەسىلە»نى ھەل قىلىشتىن «بىر تۈردىكى مەسىلە»نى ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، نۇقتا ئارقىلىق دائىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.

قاتلاممۇقاتلام ئەمەلىيلەشتۈردى، قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشتۇردى.

ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پۇختا ئورۇنلاشتۇرما قىلىشى، تۈرتكە بولۇشىدا، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش بىلەن زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى چىڭ كۆزلەپ، ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ، تىپىك مەسىلىلەرنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق پولاتتەك قائىدىنى تېخىمۇ چىڭىتتى، قاتتىق ئۆلچەمنى تېخىمۇ قاتتىقلاشتۇردى.

دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش

سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە ئەمەلىيلىشىش بىلەنلا، ئىستىل قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي جانلاندى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى پۇختا زىممىگە ئېلىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، تۇرمۇشقا سىڭدۈرۈپ، دائىم تۇتۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

دىققەت باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى −

ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرىغا تايىنىپ، 151 نەپەر ياش كادىرنى تۆت نەزەرىيە گۇرۇپپىسىغا ئايرىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھى قاتارلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ ئۆگىنىش پىلانى تۈزۈپ، «باشلامچىلىق بىلەن ئۆگىنىش + يېشىپ چۈشەندۈرۈش + مۇھاكىمە قىلىش» شەكلىدە ھەپتىدە بىر باش تېمىنى ئۆگەندى، ئايدا بىر قېتىم مۇھاكىمە قىلدى...

سىچۇەن چېڭدۇدا، شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى ياش كادىرلارنىڭ ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، مول، كۆپ خىل ياشلار نەزەرىيە ئۆگىنىش پائالىيىتى ئارقىلىق، ياش كادىرلارنىڭ ئىدىيە جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا يەنە ئۆگىنىشى، يەنە ئۆزلەشتۈرۈشى، يەنە چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

بۇ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنىڭ «ئىدىيەنى ئۆگىنىش»نى 1 - ئورۇندا تۇرىدىغان ۋەزىپە ۋە باشتىن - ئاخىرغىچە سىڭدۈرۈلىدىغان ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش ۋە مۇھاكىمە قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەلبكە سىڭدۈرۈش، ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

ئەينەن ئۆگەندى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆگىنىشى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ئىدىيە جەھەتتە ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئۇلنى پۇختىلاشقا كۈچىدى؛ مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتى تۈرلۈك ئۆگىنىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى؛ شاڭخەي، لياۋنىڭ، جىلىن، گەنسۇ پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ «ئۈچ يىغىن، بىر دەرس»ى، باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئايلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى.

مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەندى. بېيجىڭ، تيەنجىن، ئەنخۇي، خېنەن، خۇبېي تىپىك مىساللارنى رەتلەپ بېسىپ تارقىتىپ، مەركەزلىك ئوقۇش - كۆرۈش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھاكىمە قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دېلو ئارقىلىق ئىبرەت ئېلىش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىشقا يېتەكلىدى؛ جياڭسۇ، جېجياڭ، شەنشى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان كادىرلارنىڭ ئىبرەت خاتىرىسى، خاتالىقىنى تونۇش خاتىرىسى، ئىبرەت تەربىيەسى فىلىمى ۋە ئىبرەت تەربىيەسى بازىسى قاتارلىق بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ ئىبرەت تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ ئۆگەندى. گۇاڭدۇڭ، يۈننەن، شىزاڭ، شىنجاڭ يېڭىدىن ئۆستۈرۈلگەن كادىرلار، ياش كادىرلار، ئاچقۇچلۇق ئىش ئورنىدىكى كادىرلار قاتارلىق نۇقتىلىق ئوبيېكتلارنىڭ ئۆگىنىشىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى؛ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئۆگىنىش - تەربىيەسىگە ئالاقىدار مەزمۇنلارنى زۆرۈر دەرسلىك سۈپىتىدە ئوقۇتۇش پىلانىغا كىرگۈزدى، بۇ بارلىق سىنىپلارنى قاپلىدى؛ دۆلەت تەرەققىيات بانكىسى، جۇڭگو ئېلېكتىرون پەن - تېخنىكا گۇرۇھى، دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى، دۆلەت ئېنېرگىيە گۇرۇھى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، تۈرلۈك ئۆگىنىش سۇپىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، لېكسىيە سۆزلەش، كونسۇلتاتسىيە قىلىش، پارتىيە ئەزالىرىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ تەربىيەلەش، ئۆگىنىشنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك قاپلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى پۈتكۈل جەريانغا سىڭدۈرۈپ، «پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى نەتىجە ۋە تەجرىبىلەر» «سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمە جۇڭگونى ئۆزگەرتتى» «پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، ئىسراپچىلىققا قارشى تۇرۇش نىزامى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىنى ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى −

پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار كارخانا تۈرلىرى، يېزا مەھەللىلىرىگە بېرىپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئاڭلاپ، «يۇغۇرما تاراتقۇ ئارقىلىق تەدبىر سوراش»، 12345 قىزىق لىنىيەسى قاتارلىق يوللارنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى توپلىدى ...

گۇيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە، شۇ جاي كۆپ خىل شەكىل ۋە ۋاسىتىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، شەكىلۋازلىق، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم ئىشلىرىنى ئۆتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال ئۆزگەرتىشكە چىڭ قادىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى جەريانىدا، گۇيجوۋ ئىنتىزام تەكشۈرۈش - رېۋىزىيە، كۆزىتىش، كۆزىتىپ تەكشۈرۈش، ئەرزىيەت مەسىلىلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ھەم قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش قاتارلىقلاردا بايقالغان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، تۈرمۇتۈر سېلىشتۇرۇپ «تاسقاپ»، ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلاپ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئورۇنلاردا مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنىڭ مەۋھۇملۇقتىن ئەمەلىي بولۇشقا، يۈزەكىيلىكتىن چوڭقۇرلۇققا يۈزلىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، تۈزىتىش، تۈزەشنى قاتتىق ياخشى تۇتتى.

مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانى دەل پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئاممىۋى لۇشيەنىدە ياخشى مېڭىش جەريانى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت پۇل مۇئامىلە خىزمەت كومىتېتى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىغا خىلاپ مەسىلىلەر تىزىملىكى، يوشۇرۇن ئۆزگىرىۋاتقان ئىستىل مەسىلىلىرى تىزىملىكىگە سېلىشتۇرۇپ، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تېپىپ چىقتى، رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە رەھبىرىي كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن چوڭقۇر تەكشۈرۈپ كۆزەتتى؛

مەركىزىي كومىتېت سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى بىر تەرەپتىن ئۆگىنىش، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلارنى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تەشكىللەپ، مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىش ئاساسىدا تىزىملىك تۈزۈپ، بىلگەن ھامان تۈزەتتى، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزەتتى؛

چۇڭچىڭ، گۇاڭشى، چىڭخەي، نىڭشيا ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشكە بىرلەشتۈرۈپ، شەكىلۋازلىقنى تۈزەپ ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى، تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تېپىپ چىقىپ، ھەقىقىي تېپىپ چىقىپ، تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىلەر تىزىملىكىنى ھەرىكەت ھالىتىدە يېڭىلىدى؛

ئۆلچەم، تەلەپ بويىچە پائال توغرىلىنىپ، مەسىلىنىڭ مەنبەسىنى چوڭقۇر قازدى. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش، چوڭقۇر تەكشۈرۈش، ئەمەلىي تەكشۈرۈش تەلىپى بويىچە، كۈچەپ ئەھۋالنى ئېنىقلىدى، مەسىلىنى دەل جايىدا تېپىپ چىقتى، تەدبىرلەرنى ئەمەلىي ئوتتۇرىغا قويدى.

ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىنىپ، تۈزىتىش - تۈزەش ئالغا سىلجىتىلدى −

«ئولتۇراق رايوننىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرى تولۇق ئەمەس، سۇ، توك مۇقىم ئەمەس، چېنىقىش سايمانلىرى كەمچىل، ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» سەنشى ئۆلكىسىنىڭ لۈلياڭ شەھىرى قانات يايدۇرغان بىر مەيدان شەھەر، ناھىيە رەھبەرلىرى قەرەللىك ھالدا مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما بىلەن يۈزتۇرا سۆھبەتلىشىش پائالىيىتىدە، لىشى رايونى شىشۇبا كوچا باشقارمىسى شۆفۇ مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىۋاتقان رەھبەر دەرھال شەھەردىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرىنى نەق مەيداندا ئىش بېجىرىشكە چاقىرىپ، مەسئۇلىيەت ئاساسىي گەۋدىسى ۋە ھەل قىلىش ۋاقىت چېكىنى تۈرمۇتۈر ئايدىڭلاشتۇردى.

باشتىن - ئاخىر دىققەتنى مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش، ھەقىقىي تۈردە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش − ئۆگىنىش - تەربىيەسىدە بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇن.

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى مەسىلىلەرنى مەركەزلىك تۈزەشتە تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، مەسىلىدىن بىرنى ھەل قىلغان ھامان بىرنى تىزىملىكتىن ئۆچۈرۈش، تەدبىرى كۈچلۈك بولمىغان، ئالغا سىلجىتىشى ئاستا بولغانلارغا ئەسكەرتىش بەردى، ھەيدەكچىلىك قىلدى، يۈزەكى ئىش قىلغان، شەكىلۋازلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلغانلارنى قاتتىق تەنقىدلىدى، ۋاقتىدا تۈزىتىشكە بۇيرۇدى.

بېيجىڭ داشۆ، چىڭخۇا داشۆ، خۇاجۇڭ سىفەن داشۆسى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ دەرھال تۈزىتىشنى كۈچەپ ياخشى تۇتۇپ، تىزىملىكنى سىجىل رەتلەپ، يېڭىلاپ، دىققەتنى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ئىنكاسى مەركەزلەشكەن ۋە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، دىققەت قىلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ جايىدا تۈزىتىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

خېيلۇڭجياڭ داشىڭئەنلىڭ ۋىلايىتى «نۇقتىدا تۇرۇش بويىچە دائىرىگە كىرىش» «شەھەر رايونىنى پىيادە ئايلىنىپ چىقىش» قاتارلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش خىزمەت ئۇسۇللىرىنى يولغا قويۇپ، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايىنى چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يول يۈزى بۇزۇلۇش، ئۆز ئالدىغا قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى؛ فۇجيەن جىنجياڭ كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، يەر بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىقلارنى سىياسەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەپ، سانائەت كارخانىلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشتى؛ خەينەن ئۆلكىسى باۋتىڭ لىزۇ - مياۋزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى «يېقىن تۇغقىنى كېلىش − كادىرلار بىلەن ئامما سۆزلىشىپ قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش» پائالىيىتىنى تۇتقا قىلىپ، سۇچىلىقتىكى ئېرىق - ئۆستەڭلەرنى لاي - لاتقىلار توسۇۋېلىش، ئېرىق - ئۆستەڭلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ سۇغىرىشقا تەسىر يەتكۈزۈش قاتارلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى...

قانداق مەسىلە بولسا شۇ مەسىلىنى ھەل قىلدى، قايسى مەسىلە گەۋدىلىك بولسا شۇ مەسىلىنى نۇقتىلىق تۈزىدى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش قاتارلىق 11 جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىنى ھەقىقىي تۇتۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ھەم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي، ئەمەلىي ھەل قىلىپ، نەق يۈزبېرىۋاتقانلىرىنى تۇتتى، تىپىكلىرىنى تۇتتى، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىشنى تۇتتى، ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى بەلگىلىمە، ئىنتىزام، قانۇن بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ساقلاپ تۇرمىدى، تايىنىۋالمىدى، بىلگەن ھامان تۈزەتتى، دەرھال تۈزەتتى، تۈزىتىشتە نەتىجە ھاسىل قىلدى، بىردەملىك شامال چىقىرىدىغان، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەيدىغان ئىشنى قىلمىدى.

ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەندى، ئامما ھېس قىلالايدىغان، مەنپەئەتلىنەلەيدىغان بولدى −

جۈمەكنى ئېچىش بىلەن، سۈپسۈزۈك تۇرۇبا سۈيى شارقىراپ چۈشتى، خۇنەن چاڭدېنىڭ ۋۇلىڭ رايونى لۇدىشەن يېزىسى جىنشىدى مەھەللىسىدە، ئۆيىنىڭ ئاشخانىسىدا كۆكتات يۇيۇۋاتقان ياشانغان كىشى سۈن جياشۈننىڭ چېھرىدە رازىمەنلىك كۈلكىسى جىلۋىلەندى.

ئىلگىرى، جىنشىدى مەھەللىسى ھەم ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورى كونىراپ كەتكەچكە، سۇ قېچىش، سۇ تېشىش، سۇ تېمىش، سۇ ئېقىش ئەھۋالى ئېغىر ئىدى، سۇ ئىشلىتىش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە سۇ بېسىمى يېتىشمەسلىك، سۇ مىقدارى كۆپ بولماسلىق مەسىلىسى پات - پات يۈزبېرىپ، ئاھالىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەنىدى. ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، شۇ جاي ئاممىنىڭ ئىلتىماس - تەلىپىنى پائال كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پىكىر - تەكلىپ ئېلىپ، تېزدىن تۇرۇبا تورىنى ئۆزگەرتىشنى باشلاپ، مەھەللە ھەم ئەتراپتىكى 600دىن ئارتۇق ئائىلىلىك ئاھالىنىڭ سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلدى.

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، ئازراقمۇ قۇرۇق ئىش قىلىشقا بولمايدۇ. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار ئوچۇق - ئاشكارا تەربىيەلەشنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى قىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئاممىۋى لۇشيەندە ياخشى مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپى، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ بىرىنچى سېپى، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارنى ئېنىقلاپ، ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما بىلەن بىللە ئىشلىدى.

ئۆيدىن يامغۇر ئۆتۈپ كەتكىنىنى ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلار بىلىدۇ، سىياسىيدا سەۋەنلىك كۆرۈلگىنىنى خەلق بىلىدۇ. ئىستىل قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى ئامما ئەڭ ھەقىقىي ھېس قىلىدۇ.

ئېكولوگىيە - مۇھىت مىنىستىرلىقى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىشلەپ، بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، يەرلىكتىكى ئېكولوگىيە - مۇھىت تارماقلىرى، كارخانىلارنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلاشقا تەشكىللەپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان شاۋقۇن، بۇس، قارا، سېسىق سۇ، قانۇنغا خىلاپ ھالدا قاتتىق تاشلاندۇقلارنى تۆكۈش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ ياخشى ھەل قىلدى؛

ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ شىلىنغول ئايمىقى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈش، كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە چارە ۋە ئەمەلىي تەدبىر تېپىشقا يېتەكلەپ، «پارتىيە ئەزاسى مەركىزىي ئائىلىسى» «ئىككىنى كىرگۈزۈش، قوش مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى كەڭ دائىرىدە خەلق ئەھۋالىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، خەلق رايىغا قۇلاق سېلىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇشقا تەشكىللىدى؛

شەندۇڭ ئۆلكىسى جىنەن شەھەرلىك داۋالاش كاپالىتى ئىدارىسى مەۋقەنى كەسىپ تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلاشتۇرۇشقا قويۇپ، ئىش بېجىرىش - مۇلازىمەت قىلىش ئەندىزىسىنى ئىسلاھ قىلدى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق ياراتتى، تۇغۇت ياردەم پۇلىنى تېز، دەل جايىدا تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 2025 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە، شەھەر بويىچە جەمئىي 25 مىڭ 700 ئادەم قېتىم «ئىلتىماس قىلمىسىمۇ بەھرىمەن قىلىش» شەكلى ئارقىلىق تۇغۇت ياردەم پۇلى تەمىناتىغا ئېرىشتى؛

مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش داۋامىدا ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «دادىللىق بىلەن ئوچۇق - ئاشكارا بولۇپ» «ھەقىقىي ئوچۇق - ئاشكارا بولۇپ»، تەكشۈرۈش ۋە تۈزىتىش جەريانىدا ئاممىنىڭ قاتنىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ئاممىنىڭ نازارەت قىلىشىنى قوبۇل قىلىپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلدى. نۇرغۇن ئامما مۇنداق دېدى: ئۆگىنىش - تەربىيەسى ئارقىلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئىستىلىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى كۆردۇق، كوممۇنىستلارنىڭ «ئەستايىدىللىققا ئەڭ ئەھمىيەت بېرىش» پوزىتسىيەسىنى كۆردۇق، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى كۆردۇق.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۈچلۈك ئىستىل كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش

مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى بىر مەيدان ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشقان، روھقا نەزەر سېلىنغان، تېگى - تېگىدىن مۇستەھكەملەنگەن ئىستىل جەھەتتىكى تاۋلىنىش بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بىر قېتىملىق مەركەزلىك ئىدىيەدە تاۋلىنىش، پارتىيەۋىلىك جەھەتتە چېنىقىش، سىياسىي جەھەتتە چېنىقىشنى ئومۇميۈزلۈك باشتىن كەچۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھالدا پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدا قايتا تونۇشقا ئىگە بولدى، قايتا چوڭقۇرلاشتۇردى، قايتا ھەرىكەتكە كەلدى، پارتىيە ئىستىلىدا ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

لېكىن شۇنىمۇ ئېنىق كۆرۈش كېرەككى، «تۆت خاھىش» مەسىلىسىدە دەرەخ ئۆرۈلسىمۇ يىلتىزى قېلىش، تۇپرىقى يەنىلا بار بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت، ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ ساقلانمىسى تېخى تولۇق تۈگىتىلگىنى يوق، كۆپەيمىسى يەنىلا ئاسان، كۆپ يۈزبېرىۋاتىدۇ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا جەزمەن ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ قىلىش كېرەك.

«قاتتىق بولۇش»نى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، پاك - دۇرۇس بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە سىجىل مۇستەھكەملەندى −

«بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل، ئىستېمال كارتىسى ئېلىش» «بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەت ئوبيېكتىنىڭ ئاپتوموبىلىنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلىتىش» «ھۆكۈمەت ئىشىنى ئادىل ئىجرا قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان زىياپەتنى قوبۇل قىلىش»...

بۇ يىل «1 - ماي»لىق، دۇەنۋۇلۇق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن ئىلگىرى، خېبېي ئۆلكىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپ سەككىز تىپىك مەسىلىنى ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ياڭرىتىپ، ئىستىل مەسىلىسىگە «قەتئىي يول قويماسلىق»، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، ئاخىرغىچە قاتتىق بولۇشنىڭ ئېنىق سىگنالىنى تارقاتتى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار كۈچلۈك تەدبىر، قاتتىق چارە قوللىنىپ، كۈچلۈك دورا بېرىپ كېسەلنى داۋالاپ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ يەپ - ئىچىش، بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ سوۋغاتلىق بۇيۇم، سوۋغاتلىق پۇل ئېلىش، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈش، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالماسلىق، قىلىدىغاننى قىلماسلىق قاتارلىق گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزىتىپ ۋە تۈزەپ، «تۆت خاھىش»نىڭ يوشۇرۇن ئۆزگىرىشىنى قەتئىي توسۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىشقا دائىر بىر تۈركۈم تىپىك مىساللارنى قاتتىق تەكشۈرۈپ تېز بىر تەرەپ قىلدى ھەم ئاشكارا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلدى، ھەقىقىي تۈردە قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈپ، توغرا كەيپىيات تۇرغۇزۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ سىياسىي ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيەنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولدى.

سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2025 - يىلى 3 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىدىن جەمئىي 111 مىڭنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، 145 مىڭ كىشىگە تەنقىدىي تەربىيە بېرىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇش - ھەقىقىي چىڭىتىش، دادىل باشقۇرۇش - دادىل چىڭىتىش، ئۇزاققىچە باشقۇرۇش - ئۇزاققىچە چىڭىتىش كەيپىياتىنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان.

يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، جەزمەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تۇتاشتۇرۇپ، «تەڭ تەكشۈرۈش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىك گىرەلىشىپ كەتكەن مەسىلىلەرنى قاتتىق جازالاپ، «تەڭ تۈزەش» ئارقىلىق «تۆت خاھىش» بىلەن چىرىكلىكنىڭ ئورتاق مەنبەسىنى يوقىتىپ، «تەكشۈرۈش» «تۈزەش»نى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق «تۆت خاھىش»نىڭ چىرىكلىككە ئۆزگىرىپ كېتىشىنى توسۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئاڭلىق ھالدا قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىپ، دادىللىق بىلەن ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

«دائىملىق» «ئۇزاققىچە» بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ دائىملىشىشى، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشىغا تۈرتكە بولۇندى −

ئايرىم قورۇما ئورۇنلاشتۇرماسلىق، يان تېلېفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى ساۋما قىلىپ پۇل تۆلەش... جياڭشىدا، «جياڭشى تاماق كودى» سۇپىسى كېڭەيتىپ قوللىنىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە، يېزا تۆت دەرىجىلىك 5291 ئورگان ئاشخانىسىنىڭ باشقا جايدا تاماق يېيىش چىقىمى ۋە راسچوت كەسپى راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئۆلكە بويىچە ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن تاماق يېيىشتە «بىر كود بىلەن راۋان سۈركەش، بىر تور بىلەن قاپلاش، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش» ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكى ئۈنۈملۈك يېنىكلىتىلدى.

«ھازىر ساۋما قىلىپ تاماق يەيمىز، ھەر قايسىمىز ئۆزىمىزنىڭكىنى يەيمىز، تېخىمۇ ئاددىي، تېخىمۇ ئازادە بولدى»، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يۈرەك ساداسى ئىسلاھات ئۈنۈمىنىڭ ئەڭ بىۋاسىتە نامايەندىسى.

ئۆگىنىش - تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار «ھازىرنىڭ ئۆزىدە تۈزىتىش» بىلەن «ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىش»نى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىش جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، تۈزۈمدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، تۈزۈمدىكى يوچۇقلارنى ئېتىپ، ھوقۇققا چەك قويۇش ۋە ئۇنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھوقۇقنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى.

يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، جەزمەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى دائىملاشتۇرۇش، ئۇزاق ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش تۈزۈم - مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك، پارتىيە ئىستىلى، پارتىيە ئىنتىزامىنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىش بىلەن يېڭى ئىستىل تىكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، تۇتۇش ئارقىلىق ئاڭلىقلىق ھاسىل قىلىپ، ئادەت شەكىللەندۈرۈپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇش، پاك - دۇرۇس بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىياتنى ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.

«ئىشلەش»نى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا تەربىيەلەندى، يېتەكلەندى −

پارتىيە ئەزالىرى زەربىدارلار ئەترىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كېچە - كۈندۈز نۆۋەتلىشىپ دىجورنىلىق قىلىپ، كۆزىتىپ تەكشۈردى؛ كېچىلەپ يامغۇرغا قارىماي يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈپ، ئاممىنى يۆتكىدى؛ ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈردى...

بۇ يىل كەلكۈن مەزگىلى كىرگەندىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سىجىل قاتتىق يامغۇر يېغىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئېغىر تەھدىتكە ئۇچرىدى. دەھشەتلىك كەلكۈن، ھۆلچىلىك ئاپىتى ئالدىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «كەلكۈن» خەۋىرىنى ئاڭلاپلا ھەرىكەتكە كېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن كۆكرەك كېرىپ ئالدىغا چىقىپ، كېچە - كۈندۈز ئالدىراش يۈرگەن تەسىرلىك سىيمالارنى قالدۇردى.

بىر ياچېيكا بىر قورغان، بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىسىنى تۈزەشنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشتىكى كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنى تاماملاشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى.

بۇ يىل 10 - ئايدا، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ 15 - بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپ مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان ئىچكى - تاشقى مۇھىت، مۈشكۈل، ئېغىر ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋەزىپىسى ئالدىدا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئېسىل ئىستىلى، تولۇپ تاشقان روھىي ھالىتى ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقنى يېڭىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

شامالدا پەرۋاز قىلىپ، تۈمەن چاقىرىملىق بوشلۇققا ئۆرلەپ، ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرىغا نەزەر سېلىندى.

يېڭى مۇساپىگە ئاتلانغاندا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىرادىنى ساقلاپ، قاتتىق باشقۇرۇپ، قاتتىق تۈزەپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزۈل - كېسىل ئۆزلۈك ئىنقىلابى روھى بىلەن ئىستىل قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى مۇقەررەركى «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنى يېتەكلەپ داۋاملىق دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەلكەن چىقىرىپ يىراققا يۈرۈش قىلىدۇ!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)