− يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش سەھىپىسى
□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى پەن يىڭ، يۈ تاۋ، جاڭ يۈ
مەدەنىيەت تومۇرى ئەۋلادمۇئەۋلاد، ئۇزاققىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە، شىنجاڭنى ئەزەلدىن ھەر مىللەت خەلق قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئورتاق ئاچقان ۋە گۈللەندۈرگەن، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئورتاق يېتىلدۈرگەن.
2022 - يىلى 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى يەنىمۇ مۇستەھكەملەندى.
بۈگۈنكى كۈندە، ھاياتىي كۈچكە تولغان بۇ تۇپراقتا، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسى باشلانماقتا.
غايە - ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەش
«مەندەك بىر ئاددىي دېھقاننىڭ خوتەندىن چىقىپ، چەت ئەلگە بېرىپ ئوقۇيدىغان داشۆ ئوقۇغۇچىسىنى تەربىيەلەپ چىقالايدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدىم...» دەپ گەپ باشلىدى خوتەندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ماڭغان 5818 - قېتىملىق ئاستا پويىزدا لوپ ناھىيەسىدىكى پۇقرا تەشۋىقاتچى ئابلەت ھوشۇر.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، ئۇنىڭ قىزى گۇاڭجوۋدىكى بىر داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتتى، يېزا كادىرلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ھەر يىلى 6000 يۈەنلىك ئوقۇش ياردەم پۇلى تۈر مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلدى. بۇلتۇر قىزى مەكتەپ تەرىپىدىن رۇسىيەدىكى بىر داشۆگە بېرىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تاللاندى، نۆۋەتتە ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: پەرزەنتلەرنى تەربىيەلەشتىن تۇرالغۇغىچە، ئىجتىمائىي كاپالەتتىن ئىشقا ئورۇنلىشىشقىچە، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىدا تايانغىنىمىز پارتىيە ۋە دۆلەت ھەم شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خوتەندىكى ھەر مىللەت خەلققە كۆڭۈل بۆلۈشى، خوتەننىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن قوللىشى بولدى.
ۋاگوندا، بۇ، پۇقرا تەشۋىقاتچىنىڭ ئاددىي سۆزلىرى نۇرغۇن يولۇچىلارنىڭ ئورتاق ساداسى ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
تۈركۈم - تۈركۈم ھەر دەرىجىلىك لېكسىيە ئۆمەكلىرى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترەتلىرى، پۇقرا تەشۋىقاتچىلار تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئايلىنىپ، ئاممىغا يېقىن، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەيدىغان تەشۋىقاتنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ئامما كۆرەلەيدىغان، تۇتالايدىغان، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىدىغان كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتىدىغان ھېكايىلىرى ئارقىلىق ئىشەنچنى كۈچەيتىپ، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، قەلبداش بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇش، پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلىدى.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى غايە - ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى مۇستەھكەملەپ، خەلقچىللىق ھېسسىياتنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشقا تەربىيەلىدى، يېتەكلىدى.
شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتى پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»ى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتتى.
مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش رىشتىسىنى چىڭىتىش
قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 30 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بار بولۇپ، ئىبادەتخانا خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە مىڭ يىلغا يېقىن مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان، ئۇ ھەم بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىگە گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا شىنجاڭ رايونىدا بۇددا دىنىنىڭ كەڭ ئومۇملاشقانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى ئەمەلىي دەلىللىدى. 2024 - يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش تىزىملىكىگە تاللانغاندىن بۇيان، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىش، رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاممىغا ئېچىۋېتىش كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈلدى، ئۇنىڭدا ساقلانغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتى شىفىرى ھەممىگە نامايان قىلىنىدۇ.
ئۇلانباي قەدىمىي شەھىرى ئېچىۋېتىلدى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى، كۆنچى دەرياسى تۇر توپى سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى − يىپەك يولى. سەددىچىن سېپىلى مەدەنىيەت مۇزېيى قاتارلىقلار پۈتتى، يارغول قەدىمىي شەھىرى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىق قوغداش، ئۈلگە كۆرسىتىش قۇرۇلۇشلىرى پۈتتى... پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىغا گۇۋاھ بولغان تۈركۈم - تۈركۈم مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن جانلىق پايدىلىنىلىپ، تارىخىي مەدەنىيەت تېخىمۇ جانلىق شەكىلدە كىشىلەر قەلبىگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلۈپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولغان، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.
جۇڭخۇا مەدەنىيىتى باشتىن - ئاخىر ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھېسسىيات رىشتىسى ۋە مەنىۋى ماكانى. شىنجاڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ كەڭ تارقىلىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى سىجىل بەرپا قىلدى.
ئىنقىلابىي مەدەنىيەت زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. 2021 - يىلى، شىنجاڭ ئىككى تۈركۈم قېتىمدا ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، بۇ، 59 ئورۇندىكى يۆتكىگىلى بولمايدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقى، 336 پارچە \ يۈرۈش يۆتكىگىلى بولىدىغان ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 8 - ئارمىيەنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنىنىڭ كونا ئورنى، ئىنقىلابىي قۇربان لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى قاتارلىق ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مۇھىم بازىغا ئايلاندى.
سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىيات - سەنئەت مەھسۇلاتلىرى ئىجادىيىتى مول نەتىجىلىك بولۇپ، قالتىس نامايان قىلىندى. «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىر، «تىيانشاندىكى قار» ناملىق سېرك تىياتىرى، «كۆكتوقايدىكى پادىچى» ناملىق ناخشا، «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تور تىياتىرى «بەش بىر قۇرۇلۇشى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» «بوۋامنىڭ ساماۋارى» ناملىق ئۇسسۇللار جۇڭگو ئۇسسۇلى «نېلۇپەر مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى؛ ناخشا - ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى چوڭ تىپلىق تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» «دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، خەلق بىلەن قەلبداش بولۇش» − يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر سەھنە سەنئەت ئەسەرلىرى كۆرىكى ئويۇن تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، شىنجاڭ سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ گۈللىنىشىدىكى جۇشقۇنلۇقى ۋە ھاياتىي كۈچى نامايان قىلىندى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى چوڭقۇر، پۇختا بولۇش
60 مىڭدىن ئارتۇق ساياھەتچى ئېكسكۇرسىيە قىلىشقا جەلپ قىلىندى، 8000دىن ئارتۇق باغاقچە قالدۇرۇلدى، ئەڭ كۆپ قالدۇرۇلغان سۆز «ياشىسۇن ۋەتەن» بولدى... «پامىر ئېگىزلىكىدىكى بىرىنچى ساقچىخانا» دەپ تەرىپلەنگەن شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى قەشقەر چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى پەيىك چېگرا ساقچىخانىسى بىردىنلا توردا ئالقىشلانغان مەنزىرە نۇقتىسىغا ئايلاندى.
«<مۇز تاغقا كەلگەن مېھمان> ناملىق كىنودىكى ئامىرنىڭ ئەسلىي تىپى بىزنىڭ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلغۇچى پېشقەدەملىرىمىز. نۇرغۇن ساياھەتچى ئەمەلىيەتتە 3 - ئەۋلاد ساقچىخانا گازارمىسىنىڭ كونا ئورنىدا ئۆزگەرتىپ سېلىنغان ساقچى تارىخى سارىيىنى دەپ كەلگەن.» ساقچىخانا باشلىقى پېڭ مىڭيوۋ مۇنداق دېدى: ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقىدا ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قىزىل گېنىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش بايان قىلىنغان، شۇنداقلا ئۇ تېخىمۇ كۆپ كىشىگە چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى قوغداش ھېكايىلىرىنى چۈشەندۈردى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى.
شىنجاڭ مول غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋە قىزىل مەدەنىيەت بايلىقىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. «شىنجاڭ ياخشى جاي» ساياھەت ماركىسىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى، تەسىر كۈچى ئومۇميۈزلۈك ئاشتى. 2024 - يىلى شىنجاڭ بويىچە كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
«ھەربىر مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتىنى سېتىش جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيىتىنى بىر قېتىم تارقىتىش ھېسابلىنىدۇ»، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا مەدەنىيەت ئىجادىيىتىنىڭ «شىددەت بىلەن ئېشىش»ى نامايان قىلىنىپ، «چېگرا رايوننى قوغدايلى» «كۆركەم شىنجاڭ كۆللىرى» «شىنجاڭنىڭ مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل» «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» قاتارلىق ئون نەچچە يۈرۈشلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتى بازارغا سېلىندى، مۇزېي مەدەنىيەت ئىجادىيەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى گۇەن يى مۇنداق دېدى: بۇ مەدەنىيەت ئىجادىيەتلىرىدە ھەم شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى ھەر خىل ئامىللار يۇغۇرۇلغان، ھەم شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى بىلەن زامانىۋى تۇرمۇش مۇكەممەل يۇغۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تارقىتىدىغان «ئەلچى» بولۇپ قالدى.
ھازىر، شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كادىرلار، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش مەنىۋى كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى سىجىل، دەل جايىدا، كۈچلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى)