گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «<ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى»نى بېسىپ تارقاتتى

2025-09-14 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «<ئۈچ شىمال> قۇرۇلۇشى ئومۇمىي يىرىك پىلانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى.

«يىرىك پىلان»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى شىمالدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش تۈپ نىشان قىلىندى، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، يېشىللىقنى گۈللەندۈرۈش، يېشىللىقنى قوغداشتىن ئىبارەت «ئۈچ يېشىللىق»قا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئورمان سۇ ئامبىرى، پۇل ئامبىرى، ئاشلىق ئامبىرى، كاربون ئامبىرىدىن ئىبارەت «تۆت ئامبار»نىڭ ھەمتۈرتكە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»، «كەسىپنى گۈللەندۈرۈش»، «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش»كە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تۈزەش ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى پۇختا قەدەمدە ئاشۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈچىنچى باسقۇچى جەمئىي ئۈچ قارارغا بۆلۈپ قۇرۇلۇش قىلىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، 2021 - يىلىدىن 2030 - يىلىغىچە بولغىنى 6 - قارارلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، خۇاڭخې دەرياسى «几 خەتلىك ئەگمە» ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، خورچىن ۋە خۇنشەنداق قۇملۇق يېرىنى يوقىتىش جېڭى، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق ئۈچ چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك جەڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئېلىپ بېرىلىدۇ. 2031 - يىلىدىن 2050 - يىلىغىچە بولغىنى 7 - قارارلىق، 8 - قارارلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 7 - قارارلىق قۇرۇلۇشتا 6 - قارارلىق قۇرۇلۇشتىكى تۈزەش نەتىجىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەش، ئاچقۇچلۇق رايونلارنىڭ يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىنىدۇ، 8 - قارارلىق قۇرۇلۇشتا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىنىدۇ.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: قۇرۇلۇش قىلىش دائىرىسى 13 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)دىكى 765 ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىگە قاراشلىق 13 شى، شەھەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، شەرقىي قىسىمدىكى ئېدىرلىق، تۈزلەڭلىك رايونى، شىمالىي قىسىمدىكى قۇم - بورانلىق رايون، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك رايونى، غەربىي شىمالدىكى چۆللۈك رايونى قاتارلىق توسۇق قۇرۇلۇشى بويىچە 1 - دەرىجىلىك تۆت رايون ۋە 2 - دەرىجىلىك 30 رايونغا ئايرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش بوشلۇقىنى ئەلالاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تىزگىنلەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش، قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، ئېكولوگىيەلىك خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، تىرەك بولۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق بەش جەھەتتىكى 23 تۈرلۈك ۋەزىپە ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: دۆلەت بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۆلكە ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، شەھەر، ناھىيە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، قۇرۇلۇشنى ئورمان باشلىقى تۈزۈمى ۋە ئۆلكە دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش نىشانى - مەسئۇلىيىتىنى تەكشۈرۈپ باھالاشقا كىرگۈزۈش كېرەك. سىجىل، مۇقىم بولغان قۇرۇلۇش سېلىنما مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، مالىيە - باج، يەر قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، سۈپەت ۋە مەبلەغنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش ۋە باشقۇرۇش - قوغداشقا قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتلىرى قاتارلىق تۈرلۈك ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشىغا ئىلھام بېرىش كېرەك.