شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى گوۋۇيۈەن يېقىندا «مەملىكەتنىڭ قىسمەن جايلىرىدا ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش لايىھەسى توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋاب»نى بېسىپ تارقىتىپ، بۈگۈندىن باشلاپ ئىككى يىل ئىچىدە بېيجىڭنىڭ شەھەر قوشۇمچە مەركىزى، جەنۇبىي جياڭسۇدىكى نۇقتىلىق شەھەرلەر، خاڭجوۋ - نىڭبو - ۋېنجوۋ، خېفېي مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكى قاتارلىق ئون جايدا ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا قوشۇلدى، ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسىگە ھەم ئۇنىڭ تولۇق تېكىستىنى بېسىپ تارقىتىپ جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشقا پىرىنسىپ جەھەتتىن قوشۇلدى.
تەستىقىي جاۋابتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: لايىھەنى يولغا قويۇشتا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئامىل بازىرى تۈزۈمى ۋە قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئامىللارنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشىگە توسالغۇ بولىدىغان تۈزۈلمە - مېخانىزم توسۇقلىرىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ قانۇن بويىچە ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىدىن باراۋەر پايدىلىنىشى، بازار رىقابىتىگە ئادىل قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئامىل سۈپىتىنىڭ تەدرىجىي ئۆسۈشى، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ راۋان يۆتكىلىشى، تۈرلۈك بايلىقلارنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملىنىشى، بازار يوشۇرۇن كۈچىنىڭ تولۇق قوزغىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
تەستىقىي جاۋابتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئالاقىدار ئۆلكە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىپ، تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، ئامىللارنى ماسلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئامىللارنى تەقسىملەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى تىپتىكى ئامىللارنى تەقسىملەش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدىنىش، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ ئامىل كاپالىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق نىشانلارنى چۆرىدەپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى، ۋەزىپە ئىش تەقسىماتى ۋە نەتىجە شەكلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، قوللاش - كاپالەتلەندۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى ۋە يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ساھەلەرنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، پەرقلىق ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىش ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا ئىزلاپ باھالىشى، تەجرىبە ۋە ئۇسۇللارنى يەكۈنلىشى ۋە كېڭەيتىشى كېرەك. چوڭ - چوڭ ئىشلاردا ۋاقتىدا يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش كېرەك.
تەستىقىي جاۋابتا مۇنداق تەكىتلەندى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك - مۇلازىمەتنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشى ئىشلەپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان جايلارنىڭ لايىھەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىنى پائال قوللاپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەۋپ - خەتەرنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تاۋلاپ، كۆپەيتكىلى، ئومۇملاشتۇرغىلى بولىدىغان تەجرىبە، ئۇسۇللارنى شەكىللەندۈرۈپ، تىرىشىپ ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.