مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 5 - تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى كۆچۈرۈپ تارقاتتى

2025-08-31 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى «مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 5 - تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نى كۆچۈرۈپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ <شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا>نىڭ 5 - تومىنى ئۆگىنىشكە ئەستايىدىل تەشكىللەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە.

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ قولغا كەلتۈرۈلگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم نەتىجە، ئۇ، زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋر جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مول ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپى چوڭقۇر ئىزاھلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىينەزەر، ئۇسۇللار مۇپەسسەل يىغىنچاقلاندى ھەم ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىشقا قارىتا يېڭى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، قەتئىي بوشاشماي پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 1 - تومىدىن 4 - تومىغىچە نەشر قىلىنىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇش، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگو يولى، جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى، جۇڭگو داۋلىسىغا بولغان چۈشىنىشى، تونۇشىنى كۈچەيتىشىگە ياردەم بېرىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىدى. «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 4 - تومى نەشر قىلىنغاندىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش يېڭى ئەمەلىيىتى داۋامىدا، نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈشنى چىقىش قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم دەۋر تېمىلىرىغا جاۋاب بېرىپ، بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈم ئارقىلىق پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى(گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى) مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى، جۇڭگو چەت ئەل تىل - يېزىقى نەشرىيات - تارقىتىش ئىشلىرى ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى تەھرىرلىدى. بۇ كىتابقا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2022 - يىلى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 2024 - يىلى 12 - ئاينىڭ 20 - كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، سۆھبىتى، نۇتقى، تەبرىك سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى قاتارلىقلاردىن 91 پارچە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، 18 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن. بىر قىسىم ئەسەرلىرى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىدا كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇھىت ۋە مۈشكۈل، ئېغىر ئىچكى ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىپىسى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولغانلىقىدىن ئىبارەت جانلىق ئەمەلىيەت جانلىق خاتىرىلەنگەن، «ئىككى بىلەن بىرلەشتۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلەر مەركەزلىك نامايان قىلىنغان، پارتىيەمىزنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قوشقان ئەقىل - پاراسىتى ۋە لايىھەسى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئەكس ئەتتۈرۈلگەن نوپۇزلۇق ئەسەر.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاممىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە بىر مەقسەتتە پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تۈزۈپ چىقىلغان ئۇلۇغۋار پىلاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشتا؛ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ ئەڭ يېڭى تەرەققىياتىنى ۋاقتىدا چۈشىنىپ، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسى، جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىگە بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە بەرپا قىلىشىغا ياردەم بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومى بىلەن 1 - تومىدىن 4 - تومىغىچە بولغان قىسمىنى بىر پۈتۈن گەۋدە قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئىزچىل تۈردە ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، قانۇنىيەتنى ئۆزلەشتۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، ئىشلىتىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ئىدىيەنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئىدىيەنى قوللىنىش ئاڭلىقلىقى ۋە قەتئىيلىكىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)، كادىرلار شۆيۈەنى «شى جىنپىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش توغرىسىدا»نىڭ 5 - تومىنى تەربىيەلەش - ئوقۇتۇش مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈشى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئۇنى ئىدىيەۋى - سىياسىي تەربىيەدە مۇھىم دەرسلىك قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرىنىڭ لېكتورلار ئۆمىكى ھەمدە يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيەت مەركەزلىرى، شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرى ئوبيېكتلاشقان، ئاممىۋىلاشقان لېكسىيە، تەشۋىقاتلارنى كۈچەيتىپ، جەلپ قىلىش كۈچى ۋە تەسىر قىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. نەزەرىيە ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈلگەن ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجادىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.