شى جىنپىڭ مالاۋىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان مۇتارىكاغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى9 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئارتۇر پېتېر مۇتارىكاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ مالاۋى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن مالاۋى سەمىمىي، دوستانە ئۆتىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان ياخشى دوست ۋە ياخشى ھەمراھلار. زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان مۇتارىكا 2007 - يىلى ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشقان. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو - مالاۋى مۇناسىۋىتى مۇقىم، ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلدى، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش سىجىل چوڭقۇرلاشتى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللىدى. مەن زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان مۇتارىكا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بىر - بىرىمىزنى قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن مالاۋىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.