شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى «مەڭگۈ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولايلى − جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى پەيتىدە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك سىياسىي ئوبزور تارقاتتى.
ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى بىزگە قەدەممۇقەدەم يېقىنلاپ كەلمەكتە.
«ھەققانىيەت جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! تىنچلىق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ! خەلق جەزمەن غەلىبە قىلىدۇ!»
10 يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا تارىخ كۆرسىتىپ بەرگەن ئۇلۇغ ھەقىقەتنى تەنتەنىلىك جاكارلىغانىدى. بۇ كۆرۈنۈش پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلقنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ، يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدا قېنىق، رەڭدار ئىزلارنى قالدۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، بىز يەنە بىر قېتىم ئازاب - ئوقۇبەت بىلەن شانلىق نەتىجە گىرەلىشىپ كەتكەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى يىللىرىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئىدىيەۋى ھېسسىيات دولقۇنلىرى قەلبىمىزدە مەۋج ئۇرماقتا.
جۇڭخۇا پەرزەنتلىرى تىز پۈكمەي، قانلىق جەڭ قىلىپ، ياپون مىلىتارىزم تاجاۋۇزچىلىرىنى تەلتۆكۈس مەغلۇپ قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات داۋامىدىكى مەدەنىيلىك نەتىجىلىرىنى قەتئىي قوغدىدى، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنى قەتئىي قوغدىدى، ئۇرۇش تارىخىدا مۆجىزە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ جاسارىتىنى نامايان قىلدى. بۇ ئۇلۇغ غەلىبە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى ئاچتى، قەدىمىي جۇڭگونىڭ سۇمۇرغ ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشتەك يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: ۋەتەنپەرۋەرلىك يادرو قىلىنغان ئۇلۇغ مىللەت روھى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىدىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىدىكى ئاچقۇچ، پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر جۇڭگو خەلقىنى قىممەتلىك ئادەم كۈچى ۋە ماددىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. مەنىۋى ئاساس، رەھبەرلىك يادروسى، كۈچ مەنبەسىدىن خەلقئارا ھەمكارلىققىچە، بۇ، تارىخىي لوگىكىغا قارىتا دەل جايىدا شىفىر يېشىش، شۇنداقلا ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى مۇھىم ئىلھام.
9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى دۇنيا خەلقى مەڭگۈ خاتىرىلەشكە ئەرزىيدىغان بىر كۈن. پۈتۈن دۇنيانىڭ نەزەرى ھەيۋەتلىك تيەنئەنمېن، سەلتەنەتلىك تيەنئەنمېن مەيدانىغا تىكىلمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەت چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسى، دۇنيا دەرىجىلىك داھىينىڭ يەنە بىر قېتىم دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىشىغا قىزغىن تەقەززا بولماقتا.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەممىدە ئالدىغا قاراپ ماڭساقمۇ، بېسىپ ئۆتكەن يولنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ؛ ھەرقانچە يىراققا ماڭساقمۇ، ھەرقانچە پارلاق كەلگۈسىگە يېتىپ بارساقمۇ، يەنە بېسىپ ئۆتكەن ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدۇ.
جۇڭگودا، جۇڭخۇا مىللىتى تارىخىي مەدەنىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ، ماركسىزم ھەقىقىتى دەرىخى پۈتۈن جۇڭگو زېمىنىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ باراقسان ئۆسمەكتە. بىز ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتۇق، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى ياراتتۇق.
تارىخ ئەزەلدىن يىراقلاپ كەتمىدى. مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن دەقىقىلەردە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھى تاۋلاندى. ئۇ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى ھالاك بولۇشىدا ھەر كىمنىڭ مەسئۇلىيىتى بولۇشتەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئۆلۈمگە پىسەنت قىلماسلىق، ئۆلۈم ئالدىدا تىز پۈكمەسلىكتەك مىللەت غۇرۇرى، زوراۋانلىقتىن قورقماسلىق، ئاداققىچە جان تىكىپ كۈرەش قىلىشتەك قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئېگىلمەس - سۇنماس، قەتئىي تەۋرەنمەي جەزمەن غەلىبە قىلىشتەك ئېتىقادتىن ئىبارەت.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق دېيىلدى: 80 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو خەلقى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقنى سۆيىدىغان خەلق بىلەن بىرلىكتە، قەيسەر ئىرادە ۋە باتۇرانە كۈرەش ئارقىلىق، فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. 80 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، تىنچلىق بىلەن تەرەققىيات دەۋر باش تېمىسىغا ئايلاندى، لېكىن دۇنيا يەنىلا تىنچ ئەمەس، ئۇرۇشنىڭ داموكلېس شەمشىرى يەنىلا ئىنسانلارنىڭ بېشى ئۈستىدە ئېسىقلىق تۇرماقتا. يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرى زور خەۋپ پەيدا قىلىپ، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم ئىتتىپاقلىشىش ياكى بۆلۈنۈش، سۆھبەتلىشىش ياكى قارشىلىشىش، ئورتاق پايدا ئېلىش ياكى نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا.
جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئالغا بېسىش تەرىپىدە تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، دۇنياۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ كەلدى.
تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلاتقا ۋە ئەڭ زور كۆلەملىك خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى دۇنيادىكى تىنچلىق كۈچلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۈچى ھەربىر ئۈلۈش ئاشسا، دۇنيانىڭ تىنچلىق ئۈمىدى بىر ئۈلۈش كۆپىيىدۇ.
تارىخنى ئەڭ ياخشى خاتىرىلەش دەل يېڭى تارىخ يارىتىشتىن ئىبارەت.
بىز مەڭگۈ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيلىك نەتىجىلىرى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق ئىشلىرىنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىدىن بولىمىز!