شى جىنپىڭ «شاڭخەي روھى»نىڭ دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشقا تۈرتكە بولدى

2025-08-30 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى

«بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ، مەن تيەنجىندە ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن».

2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى 8 - ئاينىڭ 31 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنىگىچە تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ ئارىدىن يەتتە يىل ئۆتۈپ يەنە بىر قېتىم جۇڭگودا جەم بولۇشى، شۇنداقلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بىر نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنى. رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 25 - قېتىملىق يىغىنى ۋە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى +» يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ، 20 نەچچە نەپەر چەت ئەل رەھبىرى ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ئون نەپەر مەسئۇلى خەيخې دەرياسى ساھىلىدا جەم بولىدۇ.

قالتىس 24 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، كۈچلۈك ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. «ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش»نى يادرولۇق ماھىيەتلىك مەزمۇن قىلغان «شاڭخەي روھى» دەۋر قىممىتىنى بارغانسېرى نامايان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىنى يورۇتماقتا.

«<شاڭخەي روھى> بىزنىڭ ئورتاق بايلىقىمىز، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىزنىڭ ئورتاق ماكانىمىز.» 2013 - يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ، بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇس ۋە كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىر قاتار ئورتاق ھەرىكەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ دەۋر نۇرىنى ئۈزلۈكسىز جۇلالاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملىدى.

(1) «قۇرۇلغان ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، <شاڭخەي روھى>نىڭ مەشئەل يەتكۈزگۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك»

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشتىن - ئاخىر تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچ، كۈچلۈك ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ساقلىشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئۇنىڭ <شاڭخەي روھى>نى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ھەم باشتىن - ئاخىر ئەمەلدە كۆرسەتكەنلىكىدە»...

2018 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنىدىن 10 - كۈنىگىچە، جۇڭگو چىڭداۋ، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.

چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى ۋە پايدىلىق تەجرىبىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك يەكۈنلەپ، «شاڭخەي روھى»نىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئورتاق بايلىقى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئورتاق ئىدىيەسىنى ئورنىتىش» چىڭداۋ خىتابنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلىندى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، جەمئىيەت تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچى ئوخشىمايدۇ، نېمە ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەۋپسىزلىكنى ئورتاق قوغدايدىغان، گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا ئورتاق نەپ يەتكۈزىدىغان، پايدىدىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، كەلگۈسىدە ئورتاق پايدا ئالىدىغان تىنچ تەرەققىيات يولىنى، يېڭىچە ھەمكارلىق يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچالىدى؟

20 خەتلىك «شاڭخەي روھى» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «جېنى». خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، «بۇ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى توقۇنۇش، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى، نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىش قاتارلىق كونا قاراشلاردىن ھالقىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت تارىخىدا يېڭى بىر بەت ئېچىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈنسېرى كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى».

جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ئارقىلىق، سىجىل تۈردە «شاڭخەي روھى»غا يېڭى دەۋر ماھىيەتلىك مەزمۇنى قوشۇلدى −

ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنى ھەمكارلىق ئاساسى قىلىپ، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىشنى چىقىشىپ ئۆتۈش يولى قىلىپ، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش ئارقىلىق ئىناق، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش ئارقىلىق ئورتاق پايدا ئېلىش، گۈللىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

«رۇجيا ئېقىمى <داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولىدۇ>نى تەشەببۇس قىلىپ، <بارلىق ئەللەر بىلەن ئىناق ئۆتۈش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، پۈتكۈل جاھان بىر ئائىلە بولۇش>تىن ئىبارەت كۆز قاراشنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ خىل <ئىناقلىق> ئىدىيەسىنىڭ <شاڭخەي روھى> بىلەن نۇرغۇن ئوخشاشلىقلىرى بار» «<شاڭخەي روھى> تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى بىلەن تومۇرداش»... رەئىس شى جىنپىڭ «شاڭخەي روھى» ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو ئىدىيەسى، جۇڭگو لايىھەسىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ بېرىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرۇشىغا، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىيات تەرىپىدە تۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

2013 - يىلى بىشكەكتە، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، «<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ، «<شاڭخەي روھى>نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك» دەپ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى.

2016 - يىلى تاشكەنتتە، رەئىس شى جىنپىڭ «جۇڭگو تەرەپ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ» دەپ ۋەدە بېرىپ، يىپەك يولى روھى بىلەن «شاڭخەي روھى»نىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۇپىسىدا بىر - بىرىنى جۇلالاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى؛

2022 - يىلى سەمەرقەندتە، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «<شاڭخەي روھى> شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىدىكى ھاياتىي كۈچ مەنبەسى، تېخىمۇ مۇھىمى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان تۈپ قوللانما»...

يېڭى دەۋردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا 12 قېتىم قاتناشتى، ھەر قېتىمدا «شاڭخەي روھى»نىڭ مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيىتىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگونىڭ تەرەققىيات قارىشى، خەۋپسىزلىك قارىشى، ھەمكارلىق قارىشى، مەدەنىيلىك قارىشى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى جانلىق بايان قىلىشتىن «سەھىيە - ساغلاملىق ئورتاق گەۋدىسى» «خەۋپسىزلىك ئورتاق گەۋدىسى» «تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسى» «ئادىمىيەت ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، يەنە ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ، خاتىرجەم بولغان، گۈللەنگەن، تەرەققىي قىلغان، قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان «بەش ئورتاق ماكان» بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە... رەئىس شى جىنپىڭ يۈكسەك ۋە كەڭ دۇنياۋى نەزەر بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان نەزەرىيە پەزىلىتى بىلەن «شاڭخەي روھى»نى بېيىتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى.

«شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىدىكى دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان يېپيېڭى رايون ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى يارىتىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، قارشىلاشماسلىق، 3 - تەرەپكە قاراتماسلىقتەك ئىجابىي ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىغا تۈرتكە بولدى −

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: تاشقى ئالاقىنى كېڭەيتىش، يېڭى قان قوبۇل قىلىش، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنىڭ ئېھتىياجى، شۇنداقلا بۇ تەشكىلات ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش فاڭجېنىغا ئۇيغۇن.

2001 - يىلىدىكى جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئالتە قۇرغۇچى ئەزا دۆلەتتىن كەينى - كەينىدىن ھىندىستان، پاكىستان، ئىران، بېلارۇسىيەدىن ئىبارەت تۆت يېڭى ئەزا دۆلەتنى كۈتۈۋېلىشقىچە، يەنە ئىككى كۆزەتكۈچى دۆلەت ۋە 14 سۆھبەتلىشىش ھەمراھىغا ئىگە بولۇشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى قاپلاش كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا تەشكىلاتقا ئايلىنىپ، ئاسىيا، ياۋروپا، ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىتئەدىكى 26 دۆلەتنى قاپلىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە تەرەققىي قىلدى.

رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى>گە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىشى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىدىيەسىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغانلىقىنى، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا كەڭ دائىرىدە ئۈمىد بىلەن قارايدىغانلىقىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرىدۇ» «ياخشى دوستلار، يېڭى ھەمراھلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇھىم ئىشلارنى ئورتاق كېڭىشىشى يېڭى دەۋر شارائىتىدا بۇ تەشكىلات ئىدىيەسىنىڭ كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەنلىكىنى، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دوستلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا كەڭ تارقالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ»...

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ماختىشىغا ئېرىشتى. چەت ئەللىك زاتلار ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر ئۆچرەت بولۇپ كەتتى.» كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجابىي تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇش ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ھەمدە دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچلىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ، يېڭى ھاياتىي كۈچ يارىتىدۇ.

ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولغان «دوستلار چەمبىرىكى» بەرپا قىلىپ، بېكىنمىچىلىك قىلىپ باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك گۇرۇھ» بولماي، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشتىن - ئاخىر ھەممىنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلدى. «ئۈزلۈكسىز زورىيىۋاتقان <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى>نىڭ دۇنيادىكى بارلىق ئىلغار كۈچلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئورتاق ھالدا دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى قەتئىي ھەم كۈچلۈك بولدى.

«جۇڭگو ھەرىكىتى» ئارقىلىق، «شاڭخەي روھى»نى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش يولىنى سىجىل يورۇتۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −

جۇڭگو «شاڭخەي روھى»نى تۇنجى تەشەببۇس قىلغۇچى، تېخىمۇ مۇھىمى «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇشتىكى ھەرىكەت قىلغۇچى.

تيەنجىننىڭ چوڭ - كىچىك كوچىلىرىدا، «<شاڭخەي روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇش: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكەتتە» دېگەن لوزۇنكىلار كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بىر يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ بۇ شوئارنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، 100 تۈردىن ئارتۇق رەئىس دۆلىتى پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ تاماملىدى، بۇ، سىياسىي، خەۋپسىزلىك، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، ئېنېرگىيە، مائارىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل كەسىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر يېشىل تەرەققىيات مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاياللار مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات مۇنبىرى... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ھەربىر پارچە قىزغىن تەبرىك خېتى جۇڭگونىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»دىكى ھەرقايسى ئەزالار بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان سەمىمىي ئارزۇسىنى يەتكۈزدى.

دىپلوماتىيە، مەدەنىيەت، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق مۇھىم مېخانىزم خاراكتېرلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلدى، پارتىيەلەر مۇنبىرى، تاراتقۇ ئاقىللار ئامبىرى مۇنبىرى، كىنو بايرىمى قاتارلىق بىر قاتار پائالىيەتلەر مول، رەڭدار بولدى، پارلامېنت ئەزالىرى، ياشلار، كارخانىچىلار، تېخنىك ئىشچىلار قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەر بويىچە ئالماشتۇرۇش زىچ قانات يايدۇرۇلۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش» «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش» «قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇش» كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلدى.

جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ مال ئالاقىسى كۆپەيدى؛ شەنشىدىكى ياڭلىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېزا ئىگىلىك تېخنىكا ئالماشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىدىن بىرقانچىنى قۇردى؛ خېيلۇڭجياڭ جۇڭگو − شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قار - مۇز تەنھەرىكىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولماقتا...

«جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتتىكى ھەمراھلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، <شاڭخەي روھى>نى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلات بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ كەلگۈسىنى تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالغا ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ تېخىمۇ كۆپ دوستلار ۋە ھەمراھلارغا «شاڭخەي روھى»نى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدا سەمىمىي تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

(2) «خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش كېرەك»

«رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىنتىلىدىغان ئورتاق نىشانىمىز».

2022 - يىلى 9 - ئايدا، ئۆزبېكىستان سەمەرقەندتە، ئەسىر يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»دىكى بارلىق ئەزالار تۇنجى قېتىم تور سىرتىدا جەم بولدى. پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ سۆزى شەرقتىكى چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقى ۋە دۇنياۋى مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى.

خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى كۆزلىدى، ئورتاق گۈللىنىشنى مەقسەت قىلدى. جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «شاڭخەي روھى»دىن ئەقىل - پاراسەت قوبۇل قىلىپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتىن كۈچ ئېلىپ، تىرىشىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى ئىتتىپاقلاشقان، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەرنى ئورتاق زىممىگە ئالىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئالىدىغان، سىغدۇرۇشچان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ئۈلگىگە ئايلاندۇردى.

خەۋپسىزلىك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىنچلىق، خاتىرجەملىكنى ئورتاق قوغدىدى −

«تىنچ بولغاندا دۆلەت گۈللىنىدۇ؛ مېھىر - مۇھەببەت بولغاندا زېمىن ياشنايدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ ئىلگىرى ئۆزبېكىستاننىڭ ماقال - تەمسىلىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، رايون ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن، قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە رايون تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ۋە كۈچەيتىشكە كۈچ چىقاردى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى باشتىن - ئاخىر «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ مۇھىم قارالمىسى بولۇپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقىگە تىنچ، بىخەتەر بولغان تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن ئىزچىل كۈچ چىقاردى.

بۇنىڭ ئىچىدە، خەۋپسىزلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىگە بولغان چوڭقۇر ئويلىنىش بار: «بىخەتەر، مۇقىم مۇھىت ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ زۆرۈر شەرتى» «خەۋپسىزلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات ئاساسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك» «خەۋپسىزلىك بولمىسا، تەرەققىياتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ» «خەۋپسىزلىك دۆلەت تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى شەرتى، تىنچ - ئامانلىق خەلق بەختىنىڭ جان تومۇرى»...

رايون خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش تەشەببۇسى بار: «بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەسەبىزمگە قارشى تۇرۇش ئەھدىنامىسىنى كېڭىشىپ ئىمزالىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن» «مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىمەن» «ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان <يەرشارىۋى سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى تەشەببۇسى>غا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمەن» «<شەرقىي تۈركىستان> قاتارلىق <ئۈچ خىل كۈچ>، زەھەر ئەتكەسچىلىكى، توردىكى ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىمىز»...

تېخىمۇ مۇھىمى، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولىدىغان ئەمەلىي ھەرىكەت بار: جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى كېڭىشى يىغىنى، مەسئۇل ئورگان چېگرا مۇداپىئە تارماقلىرى مەسئۇللىرى يىغىنى، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش بىرلەشمە مانېۋىرى قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزۈپ، رايون خەۋپسىزلىكى ۋە دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن سىجىل كۈچ قوشتى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك تەھدىتى ۋە خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۇنىۋېرسال مەركىزى ھەم ئۇنىڭ شۆبە، تارماق ئاپپاراتى، زەھەر چەكلەش مەركىزى قاتارلىق «تۆت خەۋپسىزلىك مەركىزى»قۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى.

تەرەققىيات موتورىنى قوزغىتىپ، گۈللىنىش پۇرسىتىنى ئورتاق ياراتتى −

تەرەققىيات چىڭ داۋلى، ئۇنىڭغا خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى مۇجەسسەملەنگەن.

«زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانى. جۇڭگو تەرەپ 2025 - يىلىنى <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يىلى> قىلىپ بېكىتىپ، دىققەتنى تەرەققىيات قۇۋۋىتىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى يارىتىشنى تەۋسىيە قىلدى.» رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەشەببۇسى رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا كۈچلۈك جاۋاب قايتۇردى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا دائىر «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھېكايىلىرى» داۋاملىق پۈتۈلمەكتە.

«ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسىنى ئىشلىتىپ، خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز» «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز»... جۇڭگو ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تولۇق قېزىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېشىل كەسىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېشىش نۇقتىسى بەرپا قىلىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتتا «بىرىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق»قا تۈرتكە بولدى.

قەدىمىي يىپەك يولىدىكى تارىخىي ئەسلىمىلەرنى ھەمبەھرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق، تەرەققىيات پۇرسىتىنى ئورتاق كۈتۈۋالدى.

2013 - يىلى 9 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا مۇھىم نۇتۇق ئېلان قىلىپ، «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا «بىزنىڭ يىپەك يولى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش مەسئۇلىيىتىمىز بار» دېگەن سەمىمىي تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش سۈرئىتى توغرىسىدا مۇھاكىمە ئېلىپ باردى، پاكىستان زۇڭلىسى بىلەن جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى توغرىسىدا كەڭ - كۇشادە سۆزلەشتى، قازاقىستان زۇڭتۇڭى بىلەن چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىغا تۈرتكە بولۇش، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلارنى ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا ئورتاق پىكىرلەشتى... رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل كۈچەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن تېز ئۇدۇللاشتۇرۇلدى.

2024 - يىلى، جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر، سۆھبەتلەشكۈچى ھەمراھلار بىلەن بولغان سودا سوممىسى 890 مىليارد دوللارغا يېتىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى مۇقىم يۈكسىلىشى، ھەمكارلىق ساھەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە گۇۋاھ بولدى. يېڭى تەرەققىيات، يېڭى سانلىق مەلۇمات، يېڭى ئۈمىد «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئۇلۇغۋار مەنزىلىنى تەدرىجىي نامايان قىلماقتا.

قوشنىلار ئارا ئىناقلىق - دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، خەلق رايى رىشتىنى چىڭىتتى −

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئاساس مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئەڭ چوڭقۇر كۈچ خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش».

رەئىس شى جىنپىڭ ئەزەلدىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش ۋە سۆھبەتلىشىشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باراۋەر، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان، سۆزلىشىدىغان، سىغدۇرۇشچان بولۇشتەك مەدەنىيلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتتى.

ئاستانىدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ توقايېف بىلەن بىللە جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى دۆلەت مەدەنىيەت مەركىزى ۋە بېيجىڭ تىل داشۆسى قازاقىستان شۆبىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا، «ئىشىنىمەنكى، بۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىككى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ» دېدى؛

سەمەرقەندتە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ مىرزىيويېفقا بىر دۆلەت سوۋغىسى − جۇڭگو - ئۆزبېكىستان ھەمكارلىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن خىۋە قەدىمىي شەھىرى تارىخىي مەدەنىيەت ئىزناسىنىڭ كىچىكلىتىلگەن مودېلىنى تەييارلاپ، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئېسىل داستاننى پۈتتى؛

دۈشەنبىدە، رەئىس شى جىنپىڭ «دوستانە ئالاقىلىشىش ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ھەر تەرەپلىمە قانات يايدۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىياتىدىكى جەمئىيەت، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلايمىز» دەپ جاكارلىدى...

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىدا، خەلقنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە يېقىن ئۆتۈشى مۇھىم مەنبە بولدى.

قازاقىستاندىكى لاخات قەدىمىي شەھەر خارابىسىدە، بىرلەشمە ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ئەترىتى مەدەنىيلىك گۆھىرىنى بىرلىكتە قوغدىدى؛ مىسىر ئائىن شامس داشۆسىدە، قۇرۇلۇش شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلىرى لۇبەن ھۈنەرخانىسىدىكى ئەمەلىي مەشغۇلات ئارقىلىق، ئۆگەنگەن نەزەرىيە بىلىملىرىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى؛ تيەنجىن قەدىمىي مەدەنىيەت كوچىسىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن كەلگەن 100 نەپەر ياش ئوقۇغۇچى جۇڭگو ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى؛ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ماھارەت مۇسابىقىسى، قارلىق پۇتبول مۇسابىقىسى، ياشلار ئالماشتۇرۇش لاگېرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى...

ئوخشاش بولمىغان دۆلەت، ئوخشاش بولمىغان مىللەت، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئىناق بىللە ئۆتتى، ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالدى، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»دىكى خەلق ئورتاق ئارزۇ ئۈچۈن بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇردى، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئالغا ئىلگىرىلىدى.

(3) «دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى تىرىشىپ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولۇش كېرەك»

«ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەت ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يۆنىلىشنى دەل جايىدا تونۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت قىلىپ، تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشى كېرەك».

2025 - يىلى 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، خەلق سارىيىدا، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھەرقايسى دۆلەت دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى ۋە دائىمىي ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»نى كۈچنى بىرىكتۈرۈپ دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە تاقابىل تۇرۇشقا چاقىردى.

خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش بولغان تەقدىردىمۇ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىدىن ئىبارەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. يېڭى مۇساپىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىنىغا ئۇيغۇنلىشىشى دۇنياغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم.

زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇش دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى تېخىمۇ باراۋەر، تەرتىپلىك بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −

سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرىنىڭ رېئال تەھدىتى، «كىچىك ھويلىغا ئېگىز تام قوپۇرۇش»نىڭ رېئال خەۋپ - خەتىرى، ئارىلىشىۋېلىش، بۆلگۈنچىلىك سېلىشتەك رېئال خىرىس ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ مەيدانى روشەن ھالدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سۇپىسىدا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ساداسىنى سىجىل ياڭراتتى:

− خەلقئارادىكى ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاتالمىش «ئەمەلىي كۈچى، ئورنى»نى چىقىش قىلىشقا بولمايدۇ؛

− ئاتالمىش «قائىدە» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ خەلقئارا تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، قارشىلىشىش ۋە بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇش كېرەك؛

− ھوقۇق ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، قائىدە ئادىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ ئورتاق تىرىشىش داۋامىدا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك ...

رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئىدىيەگە ماس ھالدا، 2024 - يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاستانا باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېلان قىلىنغان ئاستانا خىتابنامىسىدا ئىتتىپاقلىشىپ دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى تەشەببۇس، ئىناق قوشنىدارچىلىق، ئۆزئارا ئىشىنىش ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى پىرىنسىپى توغرىسىدىكى بايانات قاتارلىق ئۈچ پارچە نەتىجە ھۆججىتى «ئىتتىپاقلىشىش، بۆلگۈنچىلىك قىلماسلىق، ھەمكارلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ئادىل بولۇش، زومىگەرلىك قىلماسلىق» دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ئورتاق تارقاتتى.

بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدىن ئىلگىرى، رەئىس شى جىنپىڭ نۇرغۇن سورۇندا خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش قەتئىي مەيدانىنى ئىپادىلىدى.

«خەلقئارادىكى يەككە تەرەپچىلىك تەتۈر ئېقىمى ۋە زوراۋانلىق، زومىگەرلىك قىلمىشلىرى ئالدىدا، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنيادىكى چوڭ دۆلەت ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇشتىن ئىبارەت ئالاھىدە مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، توغرا بولغان 2 - دۇنيا ئۇرۇشى تارىخى قارىشىنى ئورتاق ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى ۋە ئورنىنى قوغدايدۇ»، 5 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ موسكۋادا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە شۇنداق تەكىتلىدى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇققا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قەتئىي قوغداش كېرەك»، 6 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ بېيجىڭدا بىلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشكەندە شۇنداق كۆرسەتتى.

ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇش ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى −

2025 - يىلى 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئېلان قىلغان بىر بايانات ئومۇميۈزلۈك دىققەتنى تارتتى:

«ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقىرىش كېرەك» «دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداش ۋە كۈچەيتىش كېرەك» «دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە تەرەققىيات قارالمىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلەش كېرەك» ...

بەزى دۆلەتلەر ھە دېسىلا تاموژنا بېجى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقان پەيتتە، ياۋروپا - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى كۆلىمىنىڭ %60تىن كۆپرەكىنى قاپلىغان، نوپۇسى دۇنيا نوپۇسىنىڭ يېرىمىغا يېقىننى ئىگىلەيدىغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق تەتۈر ئېقىمىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، بايرىقى روشەن ھالدا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاپ، ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان دۇنيادا جاراڭلىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساداسىنى ياڭراتتى.

ۋاقىت سادىق خاتىرىلىگۈچى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر «تۈرلۈك شەكىلدىكى رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىغا مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، سودا ۋە سېلىنمىنىڭ قولايلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تاۋار، كاپىتال، مۇلازىمەت ۋە تېخنىكىنىڭ ئەركىن ئوبوروتىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش» توغرىسىدا ۋەدە بېرىپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىنتىلىشنى نامايان قىلدى.

«بىز تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپى بويىچە، <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون سودىسىنى قولايلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىشىمىز كېرەك» «سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا مەدەت بېرىدىغان ئورتاق سادانى ياڭرىتىپ، دۇنيا كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغدىشىمىز كېرەك» «كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك»... رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم خىتابى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا قۇچاق ئېچىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى داۋامىدا بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودىنى قولايلاشتۇرۇش كېلىشىمى»نى كېڭىشىپ ئىمزالاشتىن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىل قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى»نىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق يولغا قويۇش پىروگراممىسىنى تۈزۈشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، يەنە خەلقئارا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، خەلقئارا ئاشلىق بىخەتەرلىكىنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى، كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق كۆپلىگەن باياناتنى ئېلان قىلىشقىچە... شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئورتاق پايدا ئېلىش داغدام يولىدا تەڭ ئىلگىرىلىدى.

يەرشارىنىڭ جەنۇبىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى −

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىن ئايرىلالمايدۇ. يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشىگە ئەگىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ، ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا كۈنسېرى كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى. نۇرغۇن دۆلەت جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.

«دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمىنى تۈگىتىش ئۈچۈن <شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى>نى قوشۇش كېرەك.» 2024 - يىلى 7 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئاستانىدىكى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى+» يىغىنىدا مۇشۇنداق تەشەببۇس چىقاردى.

ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتنى نەزەردە تۇتۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ جاھاننى قەلبكە پۈكۈشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقى ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پائال قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورتاق تونۇشى»نى مۇجەسسەملەپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرىدىغان «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى» ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف مۇنداق قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىنتايىن كەڭ ئىستىقبالغا، ئىنتايىن زور تەسىر كۈچكە ئىگە، «بۇ جۇڭگوغا مەنسۇپ»؛ تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان مۇنداق دېدى: تاجىكىستان تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار دۇنياۋى تەشەببۇسلارنى قەتئىي قوللايدۇ ھەم پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرىدۇ؛ ھىندىستان زۇڭلىسى مودى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا بېرىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ئۇچرىشىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىمەن، ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ؛ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف مۇنداق دېدى: ئىشىنىمەنكى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى ئورنىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېڭى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ؛ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق دېدى: بۈگۈنكى دۇنيادا توسۇۋالغۇسىز تېز ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئېنىقكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئاكتىپ، تەشەببۇسكار رول ئوينىشىغا ئېھتىياجلىق...

يەلكەن چىقىرىپ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى، دېڭىز بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى.

«شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، بۇ يىلقى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى پۇرسەت بىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات، يېڭى بۆسۈش، يېڭى كەيپىياتنى نامايان قىلىشنى خالايدۇ».

تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو تەرەپنىڭ رەئىس دۆلەتلىك خىزمىتى پات ئارىدا ئەڭ يۇقىرى دولقۇننى كۈتۈۋالىدۇ.

بۇ، بىر قېتىملىق گۈزەل ئۇلۇغۋار پىلان ئورتاق تۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنى − رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇش، دەۋر بۇرچىنى دادىل زىممىگە ئېلىش، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا جاۋاب قايتۇرۇشتىكى يېڭى ئويلىنىشى، يېڭى تەشەببۇسىنى ئىزاھلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقىنى قوللاشتىكى يېڭى تەدبىرى، يېڭى ھەرىكىتىنى جاكارلايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنى ئىجادىي قوغداش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى يېڭى ئۇسۇلى، يېڭى يولىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

بۇ، يەنە بىر قېتىملىق ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەيدىغان باشلىقلار يىغىنى − رەئىس شى جىنپىڭ باشقا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە «تيەنجىن خىتابنامىسى»نى ئىمزالايدۇ ھەم ئېلان قىلىدۇ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىللىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى»نى تەستىقلايدۇ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى توغرىسىدىكى باياناتنى ئېلان قىلىدۇ، خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار نەتىجە ھۆججەتلىرىنى ماقۇللاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

كۈچنى توپلىغاندا بارلىق قىيىنچىلىقلار ئۈستىدىن غالىب كەلگىلى بولىدۇ، كۆپنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى مۇجەسسەملىگەندە ھەممە ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ۋە ھەرقايسى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق پىلانلىشىدا، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى مۇقەررەر ھالدا دوستانە، ئىتتىپاق، نەتىجىلەر مول بولغان بىر نۆۋەتلىك كاتتا يىغىن بولۇپ قالىدۇ ھەم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ ئىتتىپاق بولغان، تېخىمۇ ھەمكارلىشىدىغان، تېخىمۇ مول ھاياتىي كۈچكە تولغان، تېخىمۇ زور نەتىجە يارىتىلىدىغان يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، تېخىمۇ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلىدۇ.

«شاڭخەي روھى»نى يېتەكچى قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ گۈزەل ئەتىسىگە قاراپ ئاتلىنىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەت ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم؛ كەلگۈسى ھەيۋەتلىك نامايان بولدى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)