شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى

2025-09-27 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش توغرىسىدىكى تەبرىك تېلېگراممىسى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھە زاتلارنى، شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كوماندىر - جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ۋە سىياسىي - قانۇن كادىر - ساقچىلىرىنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىدىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان بارلىق كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى - ئىلگىرىلىشىگە كۆڭۈل بۆلگەن ۋە مەدەت بەرگەن بارلىق كىشىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورايمىز!

شىنجاڭ ئەزەلدىن دۆلىتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قان قېرىنداش ئائىلە ئەزاسى، شىنجاڭنىڭ تەقدىرى باشتىن - ئاخىر ئۇلۇغ ۋەتەن ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەقدىرى بىلەن زىچ باغلىنىپ كەلدى. 1955 - يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلدى، بۇ، يېڭى جۇڭگونىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات تارىخىدىكى بىر زور ئىش بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئاچتى. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىرلىكتە ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدى، سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشتە شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىدە، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل زور تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىنىپ، «پارتىيەنىڭ شانلىق نۇرى چېگرا رايوننى يورۇتتى، چېگرا رايوندىكى خەلقنىڭ قەلبى پارتىيەگە تەلپۈنىدۇ» دېگەن جانلىق سەھىپىنى پۈتۈپ چىقتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېكىتىپ، بىر قاتار ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى. جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، باشتىن - ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىنى ساقلىدى. ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كۈنسايىن يېڭىلىنىپ، جەمئىيەت ئىشلىرى ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى زور دەرىجىدە ئۆستى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت ئاساسىي لىنىيەدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ۋە پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى توغرا يولغا قويۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كەڭ كۆلەمدە چوڭقۇرلاشتۇردى. شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى كېڭەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنىڭ رولى كۈنسېرى گەۋدىلەندى. پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى. بۈگۈنكى شىنجاڭدا، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تىنچ - ئىناق بولغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، ھەر مىللەت خەلق ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 70 يىللىق شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى تەستە قولغا كەلگەن، تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك. بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھەر نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكى، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلغانلىقى، زور كۈچ بىلەن ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى تامامەن توغرا، مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ جۇڭگوچە يولى تامامەن توغرا. پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرغاندا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىدە چىڭ تۇرغاندا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرغاندا، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى، گۈللىنىشى، تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق ياراتقىلى بولىدۇ.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى ئىگىلەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپتۇرۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، ھەقىقىي تۈردە جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى، قوراللىق ساقچى قىسىم، سىياسىي - قانۇن قوشۇنى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۈچ. باشتىن - ئاخىر بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مۇھىم تاپشۇرۇقنى يەردە قويماي، ئېسىل ئەنئەنە ۋە ئىستىلنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى قوغداپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ساقچى بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ ۋە كۈرەش قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىنجاڭىنى بارغانسېرى گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى!

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا تىلەكداشمىز!

شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك، خاتىرجەم، سالامەت بولۇشىغا تىلەكداشمىز!

ياشىسۇن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى!

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

گوۋۇيۈەن

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش

مەركىزىي ھەربىي كومىتېت

2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى تېلېگراممىسى)