شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى، بىرمىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى، مىسىر زۇڭلىسى، كامبودژا باش ۋەزىرى، نېپال زۇڭلىسى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشتى

2025-09-01 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋېن شىن، خۇاڭ جياڭلىن) 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئىككى دۆلەت بىر - بىرىنىڭ ئىشىنىشىگە ۋە قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈش چوڭ فاڭجېنىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ئورتاق پايدا ئېلىش چوڭ پىرىنسىپىدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ مەنپەئەت بىرىكىش نۇقتىسى ۋە ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى قېزىشى كېرەك؛ ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى «قاتتىق تۇتاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەت مېخانىزمىنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى كۈچەيتىشى كېرەك؛ خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، «جۇڭگو - قازاقىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك؛ كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش خىزمىتى قالتىس نەتىجىلىك بولدى، قازاقىستان تەرەپ تۈرلۈك قارالمىلارغا پائال قاتناشتى، جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇرغان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى تەبرىكلەيمەن، جۇڭگو خەلقى دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن زور تارىخىي تۆھپە قوشۇپ، قالتىس جاسارىتى ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى نامايان قىلدى. قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا، بۇلتۇر ئىككى دۆلەتنىڭ سودا سوممىسىدا تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، چوڭ - چوڭ تۈرلەر ھەمكارلىقى ئوڭۇشلۇق ئىلگىرىلىمەكتە. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەمەلىي ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

كۆرۈشۈش مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى، مائارىپ، تەنتەربىيە، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش قاتارلىق 20دىن ئارتۇق ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججىتىنى جاكارلاش ھەمدە قازاقىستاندا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان ئىككى لۇبەن ھۈنەرخانىسىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىشقا گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ما جويەن، بەي جيالى) 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرمىنىڭ مۇۋەققەت زۇڭتۇڭى مىن ئاڭلەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرما دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى شەرق جەڭ مەيدانىنىڭ تەركىبىي قىسمى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم سۆھبەت ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بىرمىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ بىرمىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، بىرمىنىڭ يەر تەۋرەشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا مەدەت بېرىدۇ، بىرمىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي كۈچلەرنى كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بىرما ئىقتىساد كارىدورىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە بىرلىكتە زەربە بېرىپ، جۇڭگو - بىرما چېگرا رايونىنىڭ تىنچلىقىنى ئورتاق قوغداپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرمىدىكى خادىملىرى، ئاپپاراتلىرى، تۈرلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى ئورتاق قەتئىي قوغدىشى كېرەك.

مىن ئاڭلەي مۇنداق بىلدۈردى: بىرما بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھىر - مۇھەببىتى ۋە تىنچلىق، مۇقىملىققا بولغان ئورتاق ئىنتىلىشى بار، ئىككى تەرەپ دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشقان. جۇڭگو ئىزچىل بىرمىنىڭ ياخشى قوشنىسى، ياخشى دوستى بولۇپ كەلدى، ئۇزاقتىن بۇيان بىرمىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، بىرمىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، بىرمىنىڭ شىمالىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتا ئىجابىي رول ئويناپ كەلدى. بىرما تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت يارىتىشنى خالايدۇ. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ سۆھبەت ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بىرما تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

ئىككى تەرەپ تاموژنا، ئاخبارات قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالىدى.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار گاۋ لېي، ماۋ جېنخۇا) 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن مىسىر زۇڭلىسى مادبۇلى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى ئەرەب ۋە ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى تەرەپ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ئەرەب، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش، يەرشارىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - مىسىر ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى قەتئىي قوللايدىغان ياخشى قېرىنداشلاردىن بولۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە داۋاملىق بىر - بىرىنى قوللىشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى «2030 - يىل ئارزۇسى» تەشەببۇسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سۇۋەيش ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونى قاتارلىق باغچە رايونى ھەمكارلىقىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىقتىساد - سودا، بىرلەشمە ياسىمىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرىدىغان ياخشى دوستلاردىن بولۇپ، ئوخشاشلا يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم ئەزا بولۇشتەك تارىخىي بۇرچ ۋە چوڭ دۆلەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىپ، 2 - دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە نەتىجىلىرىنى قوغداپ، يەككە تەرەپچىلىك ۋە زومىگەرلىك قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قوغدىشى كېرەك.

مادبۇلى رەئىس شى جىنپىڭغا زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ سەمىمىي سالىمى ۋە ھۆرمىتىنى يەتكۈزدى. مادبۇلى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مىسىرنىڭ ھەقىقىي ھەمراھى ۋە دوستى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، بىر - بىرىنى قوللاپ كەلدى. مىسىر تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، كېلەر يىلىدىكى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە، توكلۇق ئاپتوموبىل، پۇل مۇئامىلە، دېڭىز سۈيىنى تۇزسىزلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. مىسىر بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەر، دۇنيا ۋەزىيىتى ھەم خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ساھەسى دۇچ كەلگەن خىرىس ئالدىدا، مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ۋاڭ پېڭ، لى كۇن) 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭ مانەي بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ دوستلۇقى ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن، باشتىن - ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق قىممەتلىك بايلىقىغا ئايلاندى. خەلقئارا ۋەزىيەتتىكى ئۆزگىرىش ئالدىدا، جۇڭگو بىلەن كامبودژا جانجىگەر دوستلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئومۇملۇقنى قەلبىگە پۈكۈپ، كەلگۈسىگە نەزەر سېلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئاچقان جۇڭگو - كامبودژا دوستلۇق يولىنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ زىچ ئىتتىپاقلىشىپ، بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كامبودژا تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو - كامبودژا ھۆكۈمەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كامبودژا تەرەپ بىلەن «ئالماس ئالتە تەرەپ» ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «سانائەت تەرەققىيات كارىدورى» ۋە «بېلىق - گۈرۈچ كارىدورى» قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سودا ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، كامبودژا تەرەپنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ توردا قىمار ئويناش، تېلېگراف ئالدامچىلىقى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى قوغدىشى كېرەك.

خۇڭ مانەي مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، جۇڭگو خەلقىنىڭ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ۋە ئىتتىپاقلىشىپ تىنچلىق ياراتقانلىقى كىشىنى قايىل قىلىدۇ. كامبودژا بىلەن جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كامبودژاغا قىممەتلىك مەدەت ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كامبودژا تەرەپ جۇڭگوغا قاراتقان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قەتئىي قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 4 - ئايدا كامبودژادا تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، زىيارەتتە ھاسىل قىلىنغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋرەنمەس دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قوللاپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، توردا قىمار ئويناش ۋە تېلېگراف ئالدامچىلىقىغا زەربە بېرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دائىملىق تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار دۇڭ شۆ، سۇڭ رۇي) 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن نېپال زۇڭلىسى ئوللى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن نېپال تاغ - دەريالىرى تۇتاش، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈپ كەلگەن قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا تىنچلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان، ئۆزىگە تايىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرىدىغان دۆلەتلەر. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 70 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقى جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولۇپ، جۇڭگو - نېپال قوشنىلار ئىناق - دوستانە ئۆتۈشنىڭ تارىخىي سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتتى. ھازىر، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقى تېخىمۇ ئۆزئارا چۈشىنىشىدىغان، ئۆزئارا يېقىن ئۆتىدىغان بولدى. جۇڭگو تەرەپ نېپال تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن، ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى، تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، پورت، تاشيول، ئېلېكتىر تورى، ئاۋىياتسىيە، خەۋەرلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك. كەسىپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يېڭى ئېنېرگىيە، مۇھىت قوغداش، نېفىت - تەبىئىي گاز، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، مائارىپ، سەھىيە، قانۇن ئىجراسى بىخەتەرلىكى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - نېپال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئۆتكۈزۈشى كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىدا ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەركىن سودا، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئورتاق قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

ئوللى مۇنداق بىلدۈردى: نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تۈرلۈك بوران - چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، بىر - بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىپ كەلدى، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىق نېپالنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. نېپال تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ نېپال زېمىنىدىن پايدىلىنىپ جۇڭگو تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمايدۇ. نېپال تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، پەن - تېخنىكا، ساياھەت، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىجابىي نەتىجىلەرنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. نېپال تەرەپ جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، «شاڭخەي روھى»نى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، تيەنجىن، 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، شاۋ شياڭيۈن) 8 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تيەنجىن ئالىي مېھمانسارىيىدا 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىشنىڭ ئالدى - كەينىدە، خەلقئارا جەمئىيەت چىقارغان ئەڭ مۇھىم قارار دەل بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇش بولدى. بۇ يىل دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. تارىخ بىزگە شۇنداق ئىلھام بېرىدۇكى، كۆپ تەرەپچىلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق دۇنياۋى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ توغرا جاۋابى. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەتنى يېڭىباشتىن چۈشىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا بولغان ۋەدىنى قايتا تەكىتلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭى ۋەزىيەتتە نوپۇزى ۋە ھاياتىي كۈچىنى قايتىدىن ئۇرغۇتۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ماسلىشىپ ھەرىكەت قىلىش، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە قەتئىي تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو مەڭگۈ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىشەنچلىك ھەمراھى. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا يادرولۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەدەت بېرىپ، بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيانىڭ يۈز يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى داۋامىدا، جۇڭگو مۇقىملىق ۋە ئېنىقلىق بىلەن تەمىنلىدى. بىز داۋاملىق تۈردە جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى ئەمەلدە كۆرسىتىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىمىز.

گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قەتئىي، كۈچلۈك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. ھازىر، كۆپ تەرەپچىلىك، خەلقئارا قانۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نوپۇزى خىرىسقا دۇچ كەلدى، خەلقئارا ئىدارە قىلىش رامكىسى ئىسلاھ قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق، 80 يىل ئىلگىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى قۇرۇشتىكى ئەسلىي مەقسەت ۋە قىممەت ئىدىيەسىنى يېڭىباشتىن چۈشىنىشنىڭ دەل پەيتى يېتىپ كەلدى. جۇڭگو خەلقئارا قانۇننى قوغداش، خەلقئارا قانۇنچىللىققا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشقا مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قەتئىي قوغدايدىغان ئۇل تاشقا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئۆستۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خەلقئارا ئىشلاردا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، كىلىمات ئۆزگىرىشى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت - سائادىتى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك.

سەي چى، ۋاڭ يى، چېن مىنئېر قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.