شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە چىڭجوۋ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، جاڭ سەن) شۇ جاي ۋاقتى 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كورېيەنىڭ چىڭجوۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سودا - سانائەت رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنىدا «ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرەيلى» دېگەن تېمىدا يازما نۇتۇق سۆزلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەتتە ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، دۇنيا يېڭى تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، قايسى يولنى تاللاش دۇنيانىڭ كەلگۈسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەر يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، زومىگەرلىك ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقلا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم كاپالىتى؛ تىركىشىش، قارشىلىشىش پەقەت ئارازلىق ۋە داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش جاھاندىكى ماڭغانسېرى كېڭىيىدىغان توغرا يول. يەككە تەرەپچىلىك پەقەت پارچىلىنىش ۋە چېكىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىكلا دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى مۇقەررەر تاللاش.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھازىرقى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنىڭ ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپ ئارقا - ئارقىدىن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىنى قوشتى. كېلەر يىلى جۇڭگو 3 - قېتىم ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ساھىبخانىلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىش دولقۇنىغا ئۇيغۇنلىشىش ئۈچۈن قۇرۇلغان بولۇپ، سودا ۋە سېلىنمىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاشنى نىشان ۋە ئاساسىي مەقسەت قىلغان. ھەرقايسى تەرەپلەر ئەسلىي مەقسەتنى قايتا ئەسلەپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچ ۋە ئەۋرىشىملىككە ئىگە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىقى ئارقىلىق دۇنياغا گەۋدىلىك تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
بىرىنچى، باشلامچىلىق بىلەن تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداش كېرەك. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ - كىچىك، كۈچلۈك - ئاجىز، باي - نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خەلقئارا ئىشلارغا باراۋەر قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئورتاق، ئۇنىۋېرسال، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپ ۋە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىش كېرەك.
ئىككىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ئېچىۋېتىش، يۇغۇرۇلۇشنى يولغا قويۇش كېرەك. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان، قائىدىنى ئاساس قىلغان كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى ۋە ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى كۈچىنى قوشۇش كېرەك.
ئۈچىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ئىناق ئۆتۈش، لېكىن مۇستەقىل كۆز قارىشىنى ساقلاپ قېلىش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كۆپ خىللىقى گەۋدىلىك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ھەمكارلىق تورتىنى ئورتاق زورايتىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر - بىرىنى ئۇتۇق قازاندۇرىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
تۆتىنچى، باشلامچىلىق بىلەن ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ھاڭىنى تېخىمۇ ياخشى تولدۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىكى بارلىق خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو ئىزچىل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق تۆھپىكار بولۇپ كەلدى. «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە، جۇڭگو ئىقتىسادى %5.5 ئەتراپىدا ئوتتۇرىچە ئېشىش سۈرئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتىنى %30 ئەتراپىدا مۇقىملاشتۇردى. جۇڭگو دۆلەت دەرىجىلىك خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزگەن، پۈتۈن دۇنياغا بازارنى سىجىل ئېچىۋەتكەن بىردىنبىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، بازار بوشلۇقى چوڭ، ئۆسۈپ يېتىلىش كۆزلىمىسى ياخشى بولۇپ، دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؛ جۇڭگو تۈرلۈك مۈلۈكچىلىك تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ ئادىل رىقابەتلىشىشى، بەس - بەستە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن، تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى 29 تۈرگە قىسقارتقان، ياسىمىچىلىق ساھەسىدە «نۆللەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرغان، مۇلازىمەت كەسپىدە داۋاملىق تۈردە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتكەن، دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەر دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؛ جۇڭگو كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېشىللاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش پوتېنسىيال ئېنېرگىيەسىنى سىجىل تۈردە ئىقتىساد قۇۋۋىتىگە ئايلاندۇرۇپ، دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىنى كەڭ يېڭىلىق يارىتىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ؛ جۇڭگو كاربون تۆۋەنلىتىش، بۇلغىما ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە سىستېمىسى، ئەڭ چوڭ، ئەڭ مۇكەممەل يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىنى يېشىل ئېشىش شارائىتى بىلەن تەمىنلىيەلەيدۇ. جۇڭگو دۇنيا سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك، بىخەتەر، ئىستىقباللىق مەبلەغ سېلىش مەنزىلى، جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق دەل پۇرسەت بىلەن ھەمسەپەر بولغانلىق، جۇڭگوغا ئىشەنگەنلىك دەل ئەتىگە ئىشەنگەنلىك، جۇڭگوغا مەبلەغ سالغانلىق دەل كەلگۈسىگە مەبلەغ سالغانلىق.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى سودا - سانائەت ساھەسىدىكىلەر دەۋرنىڭ باشلامچىسى، ئۆزگىرىشنىڭ يول ئاچقۇچىسى، ئېقىمنىڭ يېتەكلىگۈچىسى. كۆپچىلىكنىڭ يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېگىلمەس - سۇنماس كارخانىچىلار روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن قۇدىرەتلىك بىرىكمە كۈچ مۇجەسسەملىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.