شى جىنپىڭ كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى بىلەن جۇڭگو - كومورو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025-11-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو كومورو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەت. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - كومورو مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى سىجىل مۇستەھكەملەندى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولۇپ، چوڭ - كىچىك دۆلەتلەر ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزئارا ياردەم بېرىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. مەن جۇڭگو - كومورو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئازالى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - كومورو ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، يېڭى دەۋردىكى دائىملىق جۇڭگو − ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

ئازالى مۇنداق بىلدۈردى: دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، كومورو بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشتىن - ئاخىر بىر سەپتە تۇرۇپ، مۇستەھكەم، تەۋرەنمەس دوستلۇق ئورناتتى، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ مول نەتىجىلىرى كومورو خەلقىنىڭ تۇرمۇشىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، رەئىس شى جىنپىڭ تەشەببۇس قىلغان ئىگىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش، ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشماسلىق ۋە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىدىيەسى كومورونى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئىلھام بەردى. كومورو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ ئوتتۇرىغا قويغان تىنچ، ئادىل، كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا بەرپا قىلىش ئارزۇسىنى ئالقىشلايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقى، ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.