شى جىنپىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇش كېرەك
سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى

11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەن سەنيادا خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى قۇرۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردە ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە، ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر زىچ ھەمكارلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىپ، سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى نىشانىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ خەينەن ئۆلكىسىنىڭ سەنيا شەھىرىدە خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ شەنجيې، خەينەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى فېڭ فېي دوكلات بەردى.
دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بۇ يىل 12 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈشنى رەسمىي باشلايدىغانلىقىنى قارار قىلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرى. ھەر دەرىجىلىك ھەرقايسى ئالاقىدار تەرەپلەر كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىپ، مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك نىشان خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى دۆلىتىمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم دەرۋازا قىلىپ قۇرۇپ چىقىشتىن ئىبارەت. بۇ ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى كۆزلەپ ۋە ئۇنىڭدا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قانۇنىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا پورتىغا ماس كېلىدىغان سىياسەت، تۈزۈم سىستېمىسىنى قەدەم - باسقۇچ بويىچە بەرپا قىلىش كېرەك. تۈزۈملۈك ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. تاۋار ۋە ئامىللارنى يۆتكىلىش تىپىدە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئامىللىرىنىڭ چېگرا ھالقىپ يۆتكىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىختىساسلىقلار مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇشتىكى ئاساسلىق مەقسەت خەينەننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت. ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، «ئۈچ رايون، بىر مەركەز» قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى زىچ چۆرىدەپ، خەينەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. خەينەن خاسلىقى ۋە ئەۋزەللىكىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، يېتەكچى كەسىپلەرنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە تىرىشىپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى بىلەن بولغان ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى كۈچەيتىپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دەرياسى دېلتىسى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قاتارلىق رايونلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ئېكولوگىيە خەينەننىڭ بىر چوڭ ئەۋزەللىكى، بۇ ئاساسنى ياخشى قوغداپ، قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، دۆلەت ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى سىناق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتلىك بەرپا قىلىش كېرەك. ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئۇللۇق، ئاساسىي كاپالەتلىك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلق ئاممىسى ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېچىۋېتىشنى قانچە كېڭەيتكەنسېرى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى شۇنچە بىرتۇتاش پىلانلاپ، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. ئېچىۋېتىش رىتىمى ۋە سۈرئىتىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەۋپ - خەتەرنى پەرقلەندۈرۈش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئىشنى پۇختا قىلىش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، تىرىشىپ ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چىرىكلىك پەيدا بولىدىغان تۇپراق ۋە شارائىتنى كۈچەپ تۈگىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنى قائىدە - ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، پۇختا كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئەمەلىيەت ۋە تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان خىزمەت نەتىجىلىرىنى يارىتىشقا يېتەكلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتە خەينەن «خەيئوۋ» تەيفېڭ بورىنىنىڭ يۈزلىنىشىگە زىچ دىققەت قىلىپ، ئالاقىدار تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش - بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.
خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، خەينەن ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى.