شى جىنپىڭ ياش خەنشۇناسلارغا جاۋاب خەت قايتۇردى

2025-11-15 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياش خەنشۇناسلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان ياخشى ئەلچى بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سىلەرنىڭ جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ياخشى كۆرۈپ، جۇڭگو مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈپ، خەنشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاكتىپ رولۇڭلارنى جارى قىلدۇرغانلىقىڭلارنى بىلدىم، مەن بۇنىڭغا ئاپىرىن ئېيتىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: خەنشۇناسلىق جۇڭگونى مەنبە قىلغان، دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنىۋى بايلىقى. سىلەرنىڭ داۋاملىق خەنشۇناسلىققا ھەمراھ بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ھەمسەپەر بولۇپ، تەتقىق قىلىش ۋە ئىزاھلاشنى كۈچەيتىپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك جۇڭگونى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەل مەدەنىيلىكىنى تۇتاشتۇرىدىغان ياخشى ئەلچى بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

11 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 16 - كۈنىگىچە، 2025 - يىللىق دۇنيا جۇڭگو تىل - يېزىقى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. يېقىندا، تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدىغان 51 دۆلەتتىن كەلگەن 61 نەپەر ياش خەنشۇناس رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، جۇڭگو تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى ھەمبەھرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو ئىلمىنى ياخشى تەتقىق قىلىش، مەدەنىيلىك ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئارزۇسىنى بىلدۈردى.