دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكىسى سەپكە كىرگۈزۈلدى

2025-11-09 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكىسى بولغان فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنى سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمى خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاۋىياماتكىغا چىقىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ باشلىقى، جېڭۋېيسىغا ئارمىيە بايرىقىنى بەردى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكىسى بولغان فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنى سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمى خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاۋىياماتكىغا چىقىپ كۆزدىن كەچۈردى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى، ئاۋىياتسىيە كاپالەت خادىملىرى بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، سەنيا، 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكىسى بولغان فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنى سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمى 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەينەن سەنيادىكى مەلۇم ھەربىي پورتتا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاۋىياماتكىغا چىقىپ كۆزدىن كەچۈردى.

11 - ئايدىكى سەنيا، پايانسىز كەڭ دېڭىزدا زۇمرەتتەك دولقۇنلار مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. ھەربىي پورتتا فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا دېڭىزدا قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، بايراقلار ئېگىز ئېسىلغانىدى، شەندۇڭ ناملىق ئاۋىياماتكا ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ تۇراتتى، دېڭىز ئارمىيەسى قىسمى ۋە ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق ۋەكىل پىرىستاندا رەتلىك تىزىلىپ تۇراتتى، كەيپىيات داغدۇغىلىق، قىزغىن ئىدى.

چۈشتىن كېيىن سائەت 4تىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمى باشلاندى، پۈتۈن مەيداندا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرى ئۈنلۈك ئېيتىلدى، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا چىقىرىلدى. مۇراسىم ھۆرمەت قاراۋۇللىرى 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقىنى قوغداپ، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىغا ھۆرمەت قەدەم بىلەن كەلدى. شى جىنپىڭ 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقىنى فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ باشلىقى، جېڭۋېيسىغا بەردى. فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ باشلىقى، جېڭۋېيسى شى جىنپىڭغا سالام بېرىپ، شى جىنپىڭنىڭ قولىدىن 1 - ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقىنى تاپشۇرۇۋالدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى. سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە مارشى ساداسى ئىچىدە ئاخىرلاشتى.

شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىزچىل ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىغا چىقىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات خىزمىتى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلاپ، ئاۋىياماتكا سىستېمىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈرۈش، ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى قوللىنىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

كەڭ ئۇچۇش پالوبىسىدا تۆت توسۇق ئارقان، ئۈچ قاڭقىتىپ ئۇچۇرۇش ئورنى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى، قىرغۇچى − 35 بەلگىلىك، قىرغۇچى − 15T بەلگىلىك، كۇڭجىڭ − 600 بەلگىلىك قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئاۋىياماتكا ئايروپىلانلىرى رەت بويىچە توختىتىپ قويۇلغانىدى. شى جىنپىڭ پالوبىنىڭ ئىقتىدار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىغاچ، ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ جابدۇق - ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ ئاۋىياماتكا ئايروپىلانى ئۇچقۇچىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئايروپىلاننىڭ تېخنىكىلىق، تاكتىكىلىق ئىقتىدارى ۋە ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش ئالاھىدىلىكى، ئەۋزەللىكىنى تەپسىلىي سورىدى، ئاۋىياماتكا ئايروپىلانلىرىنىڭ قاڭقىپ ئۇچۇش تەرتىپ مانېۋىرىنى كۆردى. ئۇچىسىغا كۆپ خىل رەڭدىكى جىلىتكە كىيگەن ئاۋىياتسىيە كاپالەت خادىملىرى شى جۇشىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە چۆرىدىشىپ كېلىپ، شى جۇشىدىن ئەھۋال سوراپ، ئۆز خىزمەت ئورنى ۋە ئاساسلىق مەسئۇلىيىتىنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنى كەسپىي ماھارەت ۋە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا ئارىلىغا بېرىپ، مۇنارغا چىقىپ، ئۇچۇشقا قوماندانلىق قىلىش ۋە ئۇچۇش - قونۇشنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ ھەيدەش بۆلمىسىگە كىرىپ، نۆۋەتچىلىك جەڭ ئورنىنى كۆزدىن كەچۈردى، قاتناش - توختاش كۈندىلىك خاتىرىسىگە تەنتەنىلىك ئىمزا قويدى. شى جىنپىڭ فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تېخنىكىسىنى قوللىنىش توغرىسىدا ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ بەردى. ئۇ قاڭقىتىش ئۇنىۋېرسال كونترول قىلىش پونكىتىغا كېلىپ، خىزمەت تەرتىپىنى تەپسىلىي كۆزدىن كەچۈرۈپ، قاڭقىتىش كۇنۇپكىسىنى باستى، پالوبىدىكى يۈكسىز ھەرىكەتچان ئىتتىرگۈچ خۇددى يادىن ئېتىلغان ئوقتەك ئاۋىياماتكىنىڭ بېشى تەرەپكە ئېتىلدى. شى جىنپىڭ ئاۋىياماتكىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، ئالايىتەن ئاشخانا ۋە ئەسكەرلەر بۆلمىسىگە كېلىپ، يېمەك - ئىچمەك ۋە ياتاق كاپالىتى ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، ئەسكەرلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى، ھەر دەرىجىلىككە ھەرقايسى جەھەتلەردىكى كاپالەتنى ياخشى قىلىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرگە قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئۇرۇش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ئاتلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىشنى تاپىلىدى.

ئايرىلىدىغان چاغدا، ئاۋىياماتكىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ئايرىلىشقا كۆزى قىيماي، ئۇچۇش پالوبىسى ۋە پىرىستاندا رەتلىك تىزىلىپ، شى جۇشىغا سالام بېرىپ، ئۈنلۈك ئاۋازدا بىردەك «پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىمىز، غەلىبىلىك جەڭ قىلىمىز، ئېسىل ئىستىلنى ئەۋج ئالدۇرىمىز» دېدى.

سەي چى، جاڭ گوچىڭ فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنى سەپكە كىرگۈزۈش بويىچە بايراق بېرىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. جاڭ شېڭمىن مۇراسىمغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكا دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تىپىدىكى ئاۋىياماتكىسى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ 3 - ئاۋىياماتكىسى بولۇپ، نومۇرى «18»، 2022 - يىلى 6 - ئايدا سۇغا چۈشۈرۈلگەن ۋە نام بېرىلگەن. فۇجيەن ناملىق ئاۋىياماتكىنى دۆلىتىمىز پۈتۈنلەي ئۆز ئالدىغا لايىھەلەپ ياسىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېلېكتىر ماگنىتلىق قاڭقىتىش تېخنىكىسى دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يەتكەن.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، دېڭىز ئارمىيەسى، خەينەن ئۆلكىسى ھەمدە ئاۋىياماتكا قۇرۇلۇشى ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار مۇراسىمغا قاتناشتى.