شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

2025-11-03 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ بولۇپ ۋە كورېيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتۇرۇپ

شى جىنپىڭ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ بولۇپ ۋە كورېيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا قايتتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كورېيە پۇسان، 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ يەن) شۇ جاي ۋاقتى 11 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 32 - قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ بولۇپ ۋە كورېيەدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بېيجىڭغا قايتىپ كەلدى.

پۇساندىن ئايرىلىدىغان چاغدا، كورېيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى جاۋ شيەن قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايروپورتقا چىقىپ ئۇزىتىپ قويدى.

ئايروپورتقا بېرىش يولىدا، كورېيەدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە جۇڭگو - كورېيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.