​پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2025-11-10 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك​

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مېيجوۋ شەھىرىنىڭ مېيشيەن رايونى يەنياڭ بازىرىغا جايلاشقان يې جيەنيىڭ خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا، خىزمەتچى خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شياۋ يى فوتوسى (شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان)

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مېيجوۋ شەھىرىنىڭ مېيشيەن رايونى يەنياڭ بازىرىدىكى نەنفۇ جىنيوۋ ئۆستۈرۈش بازىسىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باغۋەنلەر ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنىڭ باشلامچىسى، ئالدىن يولغا قويۇلغان جاي، تەجرىبە رايونى بولۇپ، پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەلگۈسى بەش يىللىق نىشان، ۋەزىپە ۋە تەدبىرلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى مېڭ فەنلىنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ مېيجوۋ، گۇاڭجوۋدا تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

11 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ مېيجوۋ شەھىرىنىڭ مېيشيەن رايونى يەنياڭ بازىرىغا جايلاشقان يې جيەنيىڭ خاتىرە باغچىسىغا كەلدى. يې جيەنيىڭ خاتىرە سارىيىدا، شى جىنپىڭ يې جيەنيىڭنىڭ مىس ھەيكىلىگە گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى، يې جيەنيىڭنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئىش ئىزلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئارقىدىن، يەنە يې جيەنيىڭنىڭ ئەسلىي تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بىز بۈگۈنكى كۈندە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ ھەممىسى ماۋ زېدۇڭ قاتارلىق پېشقەدەم ئىنقىلابچىلار تىكلىگەن ھاكىمىيەت، توپلىغان ئاساس ئۈستىگە قۇرۇلغان. پارتىيە تارىخى تەشۋىق - تەربىيەسىگە بىرلەشتۈرۈپ، پېشقەدەم پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىلىرىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى، بولۇپمۇ ياش - ئۆسمۈرلەرنى قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا تەربىيەلەش، يېتەكلەش كېرەك.

جىنيوۋ مېيجوۋنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتى. بۇ دەل ھوسۇل يىغىش مەزگىلى بولۇپ، يوۋزى باغلىرى مول مېۋە بەردى. شى جىنپىڭ يەنياڭ بازىرى نەنفۇدىكى جىنيوۋ ئۆستۈرۈش بازىسىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالىدا گۇاڭدۇڭنىڭ كونا ئىنقىلابىي رايونلارنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى، يوۋزى ھەم ئۇنىڭدىن پىششىقلانغان مەھسۇلاتلار، مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مېۋىلىك باغقا كىرىپ، باغۋەنلەر ۋە يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ بۇ يىل جىنيوۋدىن مول ھوسۇل ئېلىنغانلىقىنى، سېتىلىش يولىنىڭ راۋان ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا - كەنت خاس كەسىپلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ ئاساسى، پەن - تېخنىكىنى قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتىپ، قوشۇلما قىممەتنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقان ئاممىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي خوشلاشتى. ئۇ مۇنداق تاپىلىدى: پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا سىياسەت جەھەتتىن يار - يۆلەك بولۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىشى كېرەك، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى كەڭ كادىرلار ۋە ئامما بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش كېرەك. ئۇ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ جىنيوۋغا ئوخشاش ھەم تاتلىق ھەم گۈزەل بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

11 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇاڭجوۋدا گۇاڭدۇڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش يۇغۇرما تەرەققىيات نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئارقىدىن، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئۇ گۇاڭدۇڭنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، كېيىنكى قەدەمدىكى خىزمەتلەر توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى. كۆپ قاتلام، كۆپ يوللار بىلەن لېكسىيە سۆزلەش، تەربىيەلەش ئارقىلىق، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورتاق تونۇشنى كۈچەيتىش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، غەيرەتنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، كادىرلار ۋە ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش ۋە ئۇنى چۈشەندۈرۈش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكە ۋە تەرەققىي تاپقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈشتە يۇقىرى يۈكسەكلىككە، چوڭ ئەندىزىگە ئىگە بولۇپ، ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش، ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىگە ئېلىشتەك مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭ يېڭىلىق يارىتىش ئەۋزەللىكىنى كۈچەيتىش، يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن ئىسلاھات - ئېچىۋېتىش روھى، ئالاھىدە رايون روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھات - ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۈنۈملۈك بازار بىلەن قابىل ھۆكۈمەتنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەر خىل مۈلۈكچىلىكتىكى ئىگىلىكنىڭ ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر - بىرىنى تولۇقلاش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى كۆزلەپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. رايونلار ماس تەرەققىياتى، شەھەر - يېزا يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىشى كېرەك. ئىچكى ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ياخشى تۇتۇپ، ھەم ئۆز جايىنىڭ كەسىپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەم ئوتتۇرا، غەربىي رايونلارنىڭ كەسىپ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى بەرپا قىلىش گۇاڭدۇڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا ھەم مۇھىم مەسئۇلىيەت، ھەم تېپىلغۇسىز تەرەققىيات پۇرسىتى. ھاياتىي كۈچكە تولغان ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە بىرىنچى قاتاردىكى قولتۇق رايونى ۋە دۇنياۋى شەھەر توپى قۇرۇش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىشنى پۇختا قىلىپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن ھەمكارلىقىنى كۈچەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقى ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قائىدە - مېخانىزمنى «يۇمشاق تۇتاشتۇرۇش»نى ئالغا سىلجىتىپ، قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىدىكى پۈتۈن جەريانلىق ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا، ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدىغان ئەلا سۈپەتلىك تۇرمۇش چەمبىرىكى بەرپا قىلىپ، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ۋە مۇلازىمەت قىلىشىنى قوللاش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق ۋە پاراۋۇزلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىتىپ، كەڭ كارخانىلار، كەسپىي مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى، ئالىي مەكتەپلەر، پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى ۋە تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ ھەل قىلغۇچ ئامىلنى تۇتۇپ، رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، پارتىيەۋىلىكى كۈچلۈك، نەزەر دائىرىسى كەڭ، يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ھوقۇق يۈرگۈزۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالمايدىغان، چىرىكلىشەلمەيدىغان، چىرىكلىشىشنى ئويلىمايدىغان بولۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە ئارقىلىق ياخشى تەرەققىيات مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر يىل ئاخىرىغا يەنە بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت قالدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان تۈرلۈك سىياسەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.