شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى

11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇاڭجوۋ، 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە داغدۇغىلىق باشلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
11 - ئاينىڭ 9 - كۈنى كەچتە گۇاڭدۇڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىدە چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. بۇ، تۇنجى قېتىم گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جاي بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى.
سائەت 19دىن 58 مىنۇت ئۆتكەندە، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، تاماشىبىنلارغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى. پۈتۈن مەيداندا ئۇزاققىچە قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.
سائەت 20دە، 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى رەسمىي باشلاندى. «ۋەتەنگە مەدھىيە» ناملىق ناخشىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئوتقاشتەك بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى قوغداپ، مەزمۇت قەدەم بىلەن تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ كەلدى. جۇشقۇن، ياڭراق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى، 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ۋە 16 نەپەر بايراقچىدىن تەركىب تاپقان مۇسابىقە بايرىقى چاسا ئەترىتى مەيدانغا كىردى. رېپېرلار ۋەكىللىرى چاسا ئەترىتى ئارقىدىنلا مەيدانغا كىردى. ئۇلارغا يېقىندىن ئەگىشىپ 37 ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ تەنھەرىكەتچىلەر ۋەكىللىرى مەيدانغا كىرىپ كەلدى، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى ھەم ئۈچ ساھە تەنتەربىيە جەمئىيىتىدىن كەلگەن. پۈتۈن مەيداندىكى تاماشىبىنلار مەيدانغا كىرىۋاتقان تەنھەرىكەتچىلەرنى قىزغىن چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى بىلەن قارشى ئالدى.
مەيدانغا كىرىش مۇراسىمى ئاياغلاشقاندا، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ھەيۋەتلىك دۆلەت شېئىرى ساداسى ئىچىدە بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈپ، ئېگىز جەۋلان قىلدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى سېن خاۋخۇي، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گاۋ جىدەن ئايرىم - ئايرىم سۆز قىلدى.
سائەت 20دىن 43 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 15 - نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى باشلاندى! دەپ جاكارلىدى. پۈتۈن مەيدان قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، چاۋاك ۋە ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى.
15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە ناخشىسى مېلودىيەسىگە ئەگىشىپ، مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ۋە 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇسابىقە بايرىقى ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى.
چېن ئەيسېن، يوۋ جۈنشيەن، يۈەن شۈەنيۈن ئايرىم - ئايرىم ھالدا 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەر، تىرېنېرلار، رېپېرلارغا ۋاكالىتەن قەسەم بەردى.
«كەلگۈسى ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى مەدەنىيەت - تەنتەربىيە كۆرگەزمە ئويۇنى بىلەن تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى. پۈتكۈل ئويۇن «يىلتىزداش - مەنبەداش» «قەلبداش - تەقدىرداش» «ئورتاق ئارزۇنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تەنتەربىيە ئامىلى، سەنئەت ۋاسىتىسى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى پەن - تېخنىكىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ، بۇ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ «قايناق ھېسسىياتقا تولغان مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ھاياتىي كۈچكە تولغان چوڭ قولتۇق رايونى» باش تېمىسىنى جانلىق ئىزاھلىدى.
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان مەيدان ئىچىدە مەشئەل يەتكۈزۈش ۋە ئاساسىي مەشئەلگە ئوت تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى باشلاندى. 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئۈچ جايدا ماس قەدەمدە يەتكۈزۈلۈپ، ئاخىرىدا گۇاڭدۇڭ ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىگە يەتكۈزۈلدى. كۆپچىلىكنىڭ دىققەت نەزەرى ئاستىدا ما لىن، چېن رولىن، خۇاڭ جىنباۋ، فاڭ ۋېنخاۋ، گو جىڭجىڭ، ۋاڭ شىنيۈ، ۋاڭ ليۇيى، ۋاڭ چيەنيى، لياڭ ۋېيكېڭ، لەي شۈەنجى، شيەن دۇڭمېي، رۇڭ جىشىڭ قاتارلىق 12 مەشئەل يەتكۈزگۈچى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزدى، ئاخىرىدا سۇ بىڭتيەن، جاڭ جيالاڭ، لى يى مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسىي مەشئىلىگە بىرلىكتە ئوت تۇتاشتۇردى.
سائەت 21 دىن 27 مىنۇت ئۆتكەندە، 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى «ھەممىمىز قەلبداش» ناملىق باش تېمىلىق ناخشىغا ئەگىشىپ كۆتۈرۈلگەن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياغلاشتى.
ۋاڭ يى، لى خۇڭجۇڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، ۋاڭ شياۋخۇڭ، شېن يىچىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى كوۋېنچرۈي، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ئۆمۈرلۈك پەخرىي رەئىسى باخ ھەمدە تەكلىپ بىلەن 15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چېگرا سىرتىدىن كەلگەن مېھمانلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
15 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى 11 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئاياغلىشىدۇ، جەمئىي 14 مىڭدىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ماھارەت مۇسابىقە تۈرلىرىگە قاتنىشىدۇ، تەخمىنەن 11 مىڭ ئامما تەنھەرىكەتچى ئاممىۋى مۇسابىقە پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.