شى جىنپىڭ ساموئانىڭ دۆلەت باشلىقى بىلەن جۇڭگو - ساموئا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2025-11-08 :ۋاقىت
مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى 11 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ساموئا مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى تۇيىمالېئالىفانو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو - ساموئا ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ساموئانىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگو بىلەن ساموئا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللىدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى سىجىل كېڭىيىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو - ساموئا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، دۆلەت باشلىقى تۇيىمالېئالىفانو بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ساموئا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى خالايمەن.

تۇيىمالېئالىفانو مۇنداق بىلدۈردى: ساموئا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى سىجىل پائال ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. ساموئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ساموئانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىگە ھۆرمەت قىلغانلىقىغا ھەم ساموئانىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قىممەتلىك مەدەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىدۇ. ئىشىنىمىزكى، ساموئا - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تېخىمۇ گۈللەنگەن ۋە تىنچ كەلگۈسىگە كۈچ قوشىدۇ.

شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ساموئا زۇڭلىسى لائاۋلى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ساموئا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ساموئا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ساموئا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

لائاۋلى مۇنداق بىلدۈردى: ساموئا بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئابىدە. ساموئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ھەمراھلىق ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.